پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

بەدەننىڭ تۈكلىرىنى لىيزىر بىلەن ئالدۇرسا توغرا بولامدۇ؟، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟

سۇئال

مەن بەك تۈكلۈك بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىنى لىيزىر بىلەن ئېلىۋېتىپ قۇتۇلۇشنى خالىدىم، مەن روزىدار ھالەتتە شۇنداق قىلسام بولامدۇ؟ياكى لىيزىر ئىشلىتىش ھەر قانداق ھالەتتە ئەرلەرگە چەكلىنەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: شەرىئەت بەدەننىڭ تۈكلىرىدىن ئالماسلىققا بۇيرىغان ساقال، قاش قاتارلىق ئورۇنلاردىكى تۈكلەر  روزىدار ھالەتتە بولسۇن ياكى باشقا ھالەتتە بولسۇن ئېلىنمايدۇ.

ئەمما ئىلىشقا بۇيرىغانلىرى پۈتۈنلەي يوق قىلىنىدۇ ياكى شەرىئەتتە بۇيرۇلغان مىقداردا ئېلىنىدۇ،

     بۇ ئەرلەرنىڭ بۇرۇتىنى قىسقارتىشى، قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش ۋە ئەۋرەتنى تازىلاشتىن ئىبارەتتۇر.

    شەرىئەت بۇيرۇمىغان ۋە چەكلىمىگەنلىرى بولسا، ئەپۇ قىلىنغۇچى بولۇپ، ئۇ: بۇرۇننىڭ تۈكى، مەيدىسىنىڭ تۈكى، دۈمبىسىنىڭ، ئىككى پاچىقى ۋە بىلىكىنىڭ تۈكلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تۈكلەر ئىلىش تەرەپتىن بىر قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ:

   بىرىنچى تۈر: شەرىئەت ئۇنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىغانلىرى: ئەۋرەتنىڭ تۈكى، قولتۇقنىڭ تۈكى ۋە بۇرۇتنى قىسقارتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    ئىككىنچى تۈر: شەرىئەت ئۇنى ئىلىۋېتىشتىن چەكلىگەنلىرى: ساقالنىڭ تۈكى ۋە قاشنىڭ تۈكىنى يۇلۇشتىن ئىبارەت.

    ئۈچىنچى تۈر: شەرىئەت بۇيرۇمىغان ۋە چەكلىمىگەن يەنى سۆز قىلمىغانلىرى، بېشىنىڭ، پاچىقىنىڭ، بىلىكىنىڭ ۋە بەدىنىنىڭ باشقا تۈكلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، شەرىئەت بۇ توغرىدا سۆز قىلمىدى، بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: بۇلارنى ئىلىش چەكلەنگەن، چۈنكى ئۇنى ئېلىۋېتىش ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىش بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىش بولسا شەيتاننىڭ بۇيرۇقلىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ  تەرجىمىسى: «ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن» [سۈرە نىسا  119-ئايەت].

    بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئۇنى ئېلىش دۇرۇس، چۈنكى ئۇ سۈكۈت قىلىنغۇچى ئورۇنلاردۇر، ھەقىقەتەن شەرىئەت بۇيرىدى، چەكلىدى ۋە سۈكۈت قىلدى، سۈكۈت قىلغان ۋاقىتتا بۇ ئورۇنلارنىڭ بۇيرۇلمىغان ۋە چەكلەنمىگەن ئورۇنلار ئىكەنلىكى ئوچۇق بولدى، ئەگەر چەكلىنىدىغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن چەكلەيتتى، بۇيرىلىدىغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا بۇيرۇتتى.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى، شەرىئەت چەكلىمىگەن ئورۇنلارنىڭ تۈكلىرىنى ئىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىلدۇر. ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى"11-توم 205-206-بەت].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بەدەننىڭ تۈكلىرىنى ئىلىش بولسا شەرىئەت تەرەپتىن يوق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىشتۇر. ئۇنى لىيزىر ياكى باشقا يېڭى ئۈسكىنىلەر بىلەن ئىلىۋېتىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق.

   ئەسلىدە بۇنىغا لىيزىر ئىشلىتىش توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، لىكىن ئىشەنچلىك دوختۇر بۇنى ئىشلەتسىڭىز بەدىنىڭىزگە زەرەر بېرىدۇ دېگەن نەرسىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى بەدەنگە زەرەر بېرىدىغان نەرسىنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

بۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ روزا بىلەن ھېچ بىر ئالاقىسى يوق، روزا دېگەن بەدەننىڭ تۈكلىرىنى ئىلىشقا بۇيرىمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىنمۇ چەكلىمەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن روزىمۇ بۇزۇلمايدۇ.

     ئەمما بەدەننىڭ تۈكلىرىدىن ئاللاھ تائالا ئاسىيلىق بولىدىغان ۋە شەرىئەتكە زىت كىلىدىغان شەكىلدە بىر نەرسىنى ئىلىشنىڭ خاتالىقى باشقا ۋاقىتقا قارىغاندا بەكرەك بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۆز نەپسىنى رامزاندا يېمەك، ئىچمەك ۋە شەھۋېتىدىن ساقلاشتىن ئىلگىرى ئۆز نەپسىنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ۋە ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىشى زۆرۈر بولىدۇ. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى