پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

مەسچىتكە ئىئانە قېلىنغان سۇلاردىن ئېلىپ ئېچسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

سەدىقە قىلىنغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، مەسچىتكە بەزى ۋاقىتلاردا ئەتىر ۋە سۇ سەدىقە قېلىمەن، بەزى ۋاقىتتا مەسچىتكە سەدىقە قىلىنغان ئاشۇ ئەتىر ۋە سۇلاردىن ئىشلىتىپ قالىمەن، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مەسچىت ياكى باشقا ئورۇنلارغا قىلىنغان ۋەخپە ياكى ئىئانىلەر ۋەخپە قىلغۇچى ياكى ئىئانە قىلغۇچىنىڭ بېكىتكەن شەرىتلىرى بويىچە ئېشلىتىلىنىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋەخپە قېلىنغان نەرسىلەر ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ بېكىتكەن شەرتىگە ئاساسەن تەسەررۇپ قېلىنىدۇ". [نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى 2-بۆلۈم 16-قىسىم].

    شۇنىڭغا ئاساسەن، ۋەخپى قىلغۇچى باشقا شەرتلەرنى بېكىتمىگەن بولسا، ئۇ كىشىمۇ ئاشۇرىۋەتمەستىن باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئومۇمغا قېلىنغان ۋەخپىدىن پايدىلانسا بولىدۇ، سۇدىن باشقىلار ئىچكەندەك ئىچىدۇ، باشقا نەرسىلەردىنمۇ ئومۇمى مۇسۇلمانلار مەنپەئەتلەنگەندەك مەنپەئەتلىنىدۇ.

    ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدە بىر قۇدۇقنى ۋەخپە قىلغان بولۇپ، ئۇ كىشىمۇ بۇ قۇدۇقتىن باشقا مۇسۇلمانلار سۇ ئىچكەندەك سۇ ئېچەتتى.

    ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى رۇمە قۇدۇقىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ چېلىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ چېلىكى بىلەن بىرگە قىلسا يەنى: ئۇنىڭ سۈيىنى مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئېچسە ياكى پايدىلانسا، ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئۇنىڭدىن ياخشى بىر قۇدۇق بېرىلىدۇ؟ دېگەندە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن ئۇ قۇدۇقنى ئۆز ئىقتىسادىمدىن سېتىۋالغان دەيدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 3703-ھەدىس]. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

    ئىبنى ھەجەر ھەيتىمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رۇمە قۇدۇقىنى ۋەخپە قىلىش توغرىسىدا ئېيتقان: بۇ قۇدۇقتا مېنىڭ چېلىكىم مۇسۇلمانلارنىڭ چېلىكىگە ئوخشاش دېگەن سۆزى شەرت بولماستىن بەلكى، ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ ئومۇمغا قېلىنغان ۋەخپىدىن مەنپەئەتلنىشىدىن خەۋەر بېرىشىدۇر". [چوڭ پىقھى پەتىۋالىرى 2-توم 275-بەت].

    ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كىمكى بىر قۇدۇقنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى سۇ ئېچىدىغانلار ئۈچۈن ۋەخپە قىلغان بولسا، گەرچە ئۆزىنىڭ سۇ ئېچىشىنى شەرت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۆزىمۇ ئۇ قۇدۇقتىن سۇ ئېچسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىمۇ سۇ ئېچىدىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ". [سەھىھ بۇخارىينىڭ شەرھىسى 6-توم 492-بەت].

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ  ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىنىڭ 4-توم 7-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى بىرەر تۆگە ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئاللاھ ئۈچۈن ۋەخپە قىلىپ، باشقا شەرتلەرنى بېكىتمىگەن بولسا، ئۇ كىشىمۇ ئۆزى ۋەخپە قىلغان نەرسىدىن باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش پايدىلانسا بولىدۇ".

    شۇنىڭغا ئاساسەن: بىر كىشى مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغان جامائەتلەر ئۈچۈن ئېچىدىغان سۇ ياردەم قىلغان بولسا، ئۇ كىشىمۇ شۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەردىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزى ياردەم قىلغان سۇدىن باشقىلارغا ئوخشاش ئېچسە توغرا بولىدۇ.

    شۇنىڭدەك ئەتىرنىمۇ ناماز ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلانسۇن دەپ ياردەم قىلغان بولسا، ئۇ كىشىمۇ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۇ .ئەتىردىن پايدىلانسا بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى