پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ھىدايەت ئاللاھدىن ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى قىلىش بەندىدىن دېگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى بىلەن:   وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَن تُؤْمِنَ إِلاَّ بِإِذْنِ  تەرجىمىسى: ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ،  الله يهدي من يشاء  تەرجىمىسى: ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ دېگەن بۇ ئايەتنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرىمىز؟. مەن، ئاللاھ تائالا مېنى ياراتقان ساغلام تەبىئەتتە بولۇشقا تېرىشىۋاتىمەن، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىمەن، مەندىن ئىشىنىش تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە ئىشىنىمەن، شۇنداقتىمۇ مۇشۇ ئىش توغرىسىدا ماڭا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى كىلىشكە باشلىدى؟، قانداق قىلىشىم كېرەك؟. جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىش ۋە يىتەكلەش ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاللاھ تائالا توغرا يولغا يىتەكلەشنى خالىغان كىشىنى توغرا يولغا يىتەكلەيدۇ، توغرا يولنى خالىمىغان كىشىنى يىتەكلىمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ذَلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ  تەرجىمىسى: ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (ئاللاھ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ. [سۈرە زۇمەر 23- ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَنْ يَشَأِ اللَّهُ يُضْلِلْهُ وَمَنْ يَشَأْ يَجْعَلْهُ عَلَى صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ  تەرجىمىسى: ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ. [سۈرە ئەنئام 39-ئايەت]. 

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي وَمَنْ يُضْلِلْ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمران قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر. [سۈرە ئەئراپ 178-ئايەت].

    مۇسۇلمان ھىدايەتنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەر نامىزىدا ئى ئاللاھ! بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئىنساندىن ھىدايەتنىڭ سەۋەپلىرىنى قىلىش، بۇ جەرياندا سەۋىرچان بولۇش، مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە توغرا يولغا قەدەم بېسىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانغا نۇرلۇق ئەقىل، ئەركىن تاللاشنى بەردى، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان ياماندىن ياخشىنى، ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتنى تاللايدۇ، ئىنسان ھەقىقى سەۋەپنى قىلغاندا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە مۇكەممەل ھىدايەت ئاتا قىلىشىغا ھېرىسمەن بولغاندا، ئۇ كىشىگە ئاللاھنىڭ تەۋپىق-ھىدايىتى كىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَكَذَلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لِيَقُولُوا أَهَؤُلَاءِ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنْ بَيْنِنَا أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِالشَّاكِرِينَ  تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ: ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر - بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، چوڭ كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ).» [سۈرە ئەنئام 53-ئايەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بەزى كىشىلەرگە شەكلىك بولغان مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۇزۇن توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىش ئاللاھنىڭ خالىشىغا قايتىدىكەن، ھەممە ئىش ئاللاھ قولىدا ئىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئىنسان ئۈچۈن ھېچ يول بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇ ئىنساننى ھىدايەت قىلماستىن ئازدۇرۇشنى تەقدىر قىلىۋەتكەن بولسا، ئىنسانغا نېمە چارە؟ دېيىلسە، بىزنىڭ بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا توغرا يولغا لايىق بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئازغۇنلۇققا لايىق بولغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ  تەرجىمىسى: ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى. [سۈرە سەپ 5-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ وَنَسُوا حَظّاً مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ  تەرجىمىسى: ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. [سۈرە مائىدە 13-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا ئازغۇن كىشى ئۈچۈن ئازغۇنلۇقنىڭ سەۋەپلىرىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن بولغان سەۋەپتۇر، ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە نېمىنى تەقدىر قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ، پەقەت تەقدىر قېلىنغان نەرسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاندىن بىلەلەيدۇ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئازغۇنلۇقنى تەقدىر قىلدىمۇ ياكى ھىدايەتنى تەقدىر قىلدىمۇ بۇنى بىلمەيدۇ؟.

    ئۇنىڭ ئازغۇنلۇق يولدا مېڭىشتىكى ھالى نېمە؟ ئاندىن ئۇ ئاللاھ ماڭا مۇشۇنى خالىدى دەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇ توغرا يولدا مېڭىپ ئاللاھ تائالا مېنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىمنى خالىدى دېسە بولمامدۇ؟.

    ئۇ كىشى ئازغاندا مەن مەجبۇر بولدۇم، ئىتائەت قىلغاندا بۇ ماڭا تەقدىر قىلىنغان دېيىشى كېرەكمۇ؟، ياق!، ئىنساننىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ ئازغان ۋاقتىدا، مەجبۇر بولۇپ قالدىم دېيىشى توغرا بولمايدۇ، يەنى ئېزىپ كەتسە ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسا: بۇنداق قىلىش ماڭا تەقدىر قىلىنغان، مېنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكۈم قىلغان تەقدىرىدىن چىقىپ كىتىشىم مۇمكىن بولمايدۇ دېيىشى توغرا بولمايدۇ.

    ھەقىقەتتە ئىنسان ئۈچۈن بەلگىلەش ۋە ئىختىيارلىق بولىدۇ، توغرا يول تىپىشنىڭ يولى رىزىق تىپىشنىڭ يولىدىن مەخپى ئەمەس، ھەممەيلەنگە مۇلۇمكى، ئىنسان ئۈچۈن رىزىقتىن تەقدىر قىلىنغان نەرسە بولسىمۇ يەنىلا رىزىق تىپىش يولىدا ئۆز يۇرتىدا ۋە باشقا يۇرتلاردا سەۋەپ قىلىدۇ، ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئاللاھ تەقدىر قىلغان رىزىق كېلىدۇ دەپ ئولتۇرمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ رىزىقى كىلىدىغان ئەمەللىرى بىلەن بىللە بولسىمۇ بەلكى رىزىق تىپىشنىڭ سەۋەپلىرىنى قىلىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ بايان قىلىنغان.

   ئىنساننىڭ رىزقى پۈتىۋېتىلگەن، شۇنىڭدەك ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قىلىدىغان ئەمەللىرىمۇ پۈتىۋېتىلگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان رىزىقنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىسىز ئەمما نېمەتلىك جەننەتكە كېرىش ۋە ئاخىرەتنىڭ رىزقىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلمايسىز؟.

    ھەقىقەتەن ئىككىسى بىر يول بولۇپ بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، شۇنىڭدەك سىز رىزىق تىپىش، دۇنيادا ئۇزۇن ياشاش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىسىز، ئەگەر كېسەل بولۇپ قالسىڭىز، كېسىلىڭىزنى داۋالايدىغان ماھىر دوختۇر ئىزدەپ دۇنيانى ئايلىنىپ چېقىسىز، شۇنداق قىلسىڭىزمۇ سىزگە پۈتۈلگەن ياشاش مۇددىتىدىن بىر نەرسە زىيادە بولمايدۇ ياكى كىمەيمەيدۇ، سىز بۇ سۆزگە ئىشەنمەيسىز ۋە: ئۆيۈمدە كېسەل ھالىتىمدە قالىمەن، ئەگەر ئاللاھ مېنىڭ ئەجىلىمنى كېچىكتۈرۈشنى تەقدىر قىلغان بولسا ياشايمەن دېمەستىن بەلكى پۈتۈن تېرىشچانلىقىڭىزنى كۆرسۈتۈپ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق سىزنىڭ شىپا تىپىشىڭىزنى تەقدىر قىلغان دوختۇرنى ئىزدەپ تېپىشقا تېرىشىسىز.

    نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ ئاخىرەتلىك ئۈچۈن قېلىدىغان ياخشى ئەمەللىرىڭىز، دۇنيالىق ئۈچۈن قىلىدىغان تېرىشچانلىقىڭىزدەك بولمايدۇ؟.

    بىز ئىلگىرى ئېيتقاندەك؛ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى يوشۇرۇن سىر بولۇپ، بۇنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ.

    سىز ھازىر ئىككى يولنىڭ ئارىسىدا: بىرى سىزنى بەخت-سائادەت، ئىززەت-كارامەت، ئۇتۇق قازىنىش ۋە تىنچلىققا ئېلىپ بارىدىغان يولدۇر. يەنە بىرى بولسا، سىزنى ھالاكەتكە، پۇشايمانغا ۋە خارلىققا ئېلىپ بارىدىغان يولدۇر.

    سىز ھازىر ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن ئىككى يولنىڭ ئارىسىدا تۇرىۋاتىسىز، ھازىر سىزنى ئوڭ تەرەپتىكى يولدىن ياكى سول تەرەپتىكى يولدىن مېڭىشىڭىزنى چەكلەيدىغان ھېچ بىرى يوق، سىز خالىسىڭىز ئوڭ تەرەپتىكى يولغا ماڭىسىز، خالىسىڭىز سول تەرەپتىكى يولغا ماڭىسىز.

     بۇنىڭدىن بىزگە شۇ ئاشكارا بولىدۇكى، ھەقىقەتەن ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىختىيارى ئىشلىرىدا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھەرىكەت قىلغۇچىدۇر، ئۆزىنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئىختىيارى ھەرىكەت قىلغاندەك، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدىمۇ ئىختىيارى ھەرىكەت قىلغۇچىدۇر. بەلكى ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاخىرەتنىڭ يولى دۇنيانىڭ يولىدىن روشەن ۋە ئوچۇقتۇر، چۈنكى ئاخىرەت يولىنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي ئارقىلىق بايان قىلىپ بەرگەن. شۇنداق بولغاندىكىن ئاخىرەتنىڭ يولى دۇنيانىڭ يولىدىن روشەنراق ۋە ئوچۇقتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئىنسان ئاقىۋىتىگە ئىگە بولالمايدىغان دۇنيا يولىدا كۆپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، لېكىن نەتىجىسى ئېنىق ۋە مەلۇملۇق بولغان ئاخىرەت يولىنى تەرك قىلىدۇ، چۈنكى ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان مۇكاپات ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بىلەن بىكىتىلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەرگىزمۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.

    يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىن شۇنى دەيمىزكى، ھەقىقەتەن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە بۇنى بىكىتىپ، ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئەقىدە قارىشى قىلدى، شۇنىڭدەك ئىنسان ئۆز ئىختىيارى بىلەن سۆز قىلىدۇ، لېكىن ئىنساننىڭ خالىشى ۋە ئىختىيارلىقى ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى ۋە ئىرادىسىگە ئەگىشىدۇ.

    يەنە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرى ئاللاھ تائالانىڭ خالىشىنىڭ ھېكمىتىگە ئەگىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى مۇتلەق بولماستىن بەلكى ئۆزىنىڭ ھېكمىتىگە ئەگىشىدۇر، چۈنكى ھەكىم دېگەن ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بولۇپ؛ پۇختا ھۆكۈم قىلغۇچى، كائىناتتىكى ۋە شەرىئەتتىكى نەرسىلەرگە ۋە پەيدا قىلغان ئىشلارغا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھېكمىتى بىلەن خالىغان كىشىگە ھىدايەتنى تەقدىر قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتنى خالىغان، دىلى ساغلام بولغان كىشىگە نائىل قىلغۇچىدۇر. ئەمما ئىسلامغا دەۋەت قىلىنسا خۇددى ھاۋا يېتىشمەيدىغان ئۈستۈنلۈككە ئۆرلەپ يۈرىكى سېقىلىدىغان كىشىگە ئازغۇنلۇقنى تەقدىر قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى بۇنداق كىشىنىڭ توغرا يول تىپىشىنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە، پەقەت ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىرادىسىنى يېڭىلاپ، ئۇنىڭ ئىستىكىنى يەنە بىر ئىستەككە ئۆرۈيدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى پەقەت سەۋەبنى سەۋەب قىلغۇچىغا ئالاقىدار قىلىشنى خالىدى. ["قازا ۋە قەدەر توغرىسىدىكى رىسالە" دىن قىسقارتىپ ئېلىندى، 14-21-بەتلەر].

    مۇسۇلمان كىشى ئۆزى تەكلىپ قىلىنغان ئەمەل مەسىلىسى بىلەن قازا ۋە قەدەرگە ئىشىنىش مەسىلىسىنى مۇشۇنداق چۈشىنىشى كېرەك، ئۇ كىشىنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولىشى بۇنىڭغا ئاساسەن بولىدۇ، ھىدايەت ۋە جەننەتكە كېرىشنىڭ سەۋەبى بولسا ياخشى ئەمەل قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَنُودُوا أَنْ تِلْكُمُ الْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ  تەرجىمىسى: ئۇلارغا: قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ، دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ. [سۈرە ئەئراپ 43-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ادْخُلُوا الْجَنَّةَ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ  تەرجىمىسى: «پەرىشتىلەر ئۇلارغا: سالام سىلەرگە! قىلغان ئەمەلىڭلارنى خاسىيىتىدىن جەننەتكە كىرىڭلار دەيدۇ.» [سۈرە نەھل 32-ئايەت].

     ئازغۇنلۇق ۋە دوزاخقا كېرىشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىشتۇر. دوزاخ ئەھلى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ثُمَّ قِيلَ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذُوقُوا عَذَابَ الْخُلْدِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا بِمَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ  تەرجىمىسى: ئاندىن كېيىن (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارغا: مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ، دېيىلىدۇ. [سۈرە يۈنۈس 52-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَذُوقُوا عَذَابَ الْخُلْدِ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ   تەرجىمىسى: بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار. [سۈرە سەجدە 14-ئايەت].

    بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى توغرا يولغا قويىدۇ، بىر مىنۇت ۋاقتىنىمۇ ئاللاھ يولىدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلماستىن بىكار ئۆتكۈزمەيدۇ، شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىغا باش ئىگىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ تۇتقۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ، ئۆزىنىڭ دائىم ئاللاھنىڭ تەۋپىقى ۋە توغرا يولغا يىتەكلىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

     ئاللاھ تائالادىن سىزنى ۋە بىزنى توغرا يولغا يىتەكلىشىنى ۋە ھەممەيلەننى بارلىق ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى