جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئايالنىڭ قېشى قويۇق بولسا، ئۇنى شالاڭلاشتۇرسا بولامدۇ؟

سۇئال

ئايالنىڭ قېشىنىڭ شەكلى ئەرنىڭ قېشىنىڭ شەكلىگە ئوخشاش قويۇق بولسا، ئايال قېشىنى ئالدۈرىۋەتسە ياكى قىسقارتىۋەتسە توغرا بولامدۇ؟، بەك قاشلىق بولۇپ تەكشى بولمىسا قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قېشىنى ئالدۈرۋېتىش ۋە قىسقارتىش مەسىلىسىنى قېشىنى يۇلۇش مەسىلىگە قېتىشتا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولدى، كۆپچىلىك ئالىملار، قېشىنى ئالدۈرۋېتىش ۋە قىسقارتىش دېگەن قېشىنى يۇلغانغا ئوخشاش بولىدۇ، ئىنساننىڭ قېشىنىڭ تۈكىنى يۆلىشى چەكلەنگەندەك، ئىككى قېشىنى ئالدۈۋېتىشى ۋە قىسقارتىشىمۇ چەكلىنىدۇ دەيدۇ.

    ئىككىنچى قاراشتىكى ئالىملار: ئەرەپچىكىدىكى(نەمسى) دېگەن سۆز قېشىنىڭ تۈكىنى يۇلۇشقا خاس بولىدۇ، ئىككى قېشىنىڭ تۈكىنى ئالدۈرىۋەتسە ۋە قىسقارتسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر.

"پىقھى توپلاملىرى"14-توم 82-بەتتە مۇنداق كەلگەن:" پىقھى ئالىملار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ تائالا قاش تەرگۈچى ۋە تەردۈرگۈچىلەرگە لەنەت قىلدى» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن، ئايالنىڭ ئىككى قېشىنىڭ تۈكىنى يۈلىۋېتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، يۈزىنىڭ تۈكىنى يۈلۈشتىن چەكلەنگەن ھۆكۈم بىلەن بىر ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاق كەلگەن.

     قېشىنىڭ تۈكىنى ئالدۈرۋېتىش ۋە شالاڭلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بولۇپ، مالىكى ۋە شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى شالاڭلاشتۇرۇشمۇ يۇلغانغا ئوخشاش دەپ قارىغان. ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى، يۇلۇشتىن چەكلىگەن، ئالدۇرىۋەتسە ۋە شالاڭلاشتۇرسا بولىدۇ دەپ قارىغان.

بۇ ھەقتە كۆپراق مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 22393 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ئەگەر قېشىنىڭ تۈكى كۆزىگە كېرىۋالىدىغان ياكى ئادەتتىن تاشقىرى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئارتۇقلىرىنى ئېلىۋەتسە بۇ قاشنى يۇلغاننىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى قاش دېگەن دەرھاللا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايالغا نىسبەتەن قېيىن بولىدۇ، مۇشۇنداق ھالەتتە ئايال قېشىنى ئادەتتىكى ئاياللارنىڭ قېشىدەك قويۇپ ئارتۇق تۈكنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ، چۈنكى مۇنداق ھالەتتە ئارتۇق تۈكنى ئېلىۋېتىش دېگەن زىياننى يوق قېلىش ۋە ئەزىيەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قېشىنى تەبىئىي شەكلىگە قايتۇرۇشتۇر.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قېشىنى شالاڭلاشتۇرۇش تۈكىنى يۇلۇش ئارقىلىق بولسا، بۇ چەكلەنگەن چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قېشىنىڭ تۈكىنى يۇلغان ۋە يۇلدۇرغانلارغا لەنەت قىلغان.

     ئەمما قىسقارتىش ۋە ئالدۈرىۋېتىش بىلەن بولسا، بۇنداق قىلىشنى بەزى ئالىملار ياقتۇرمىغان، بەزىلىرى چەكلەپ، بۇمۇ يۇلۇشنىڭ جۈملىسىدىن، چۈنكى نەمسى دېگەن سۆز پەقەت يۇلۇشقىلا خاس ئەمەس بەلكى ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان يۈزىنىڭ تۈكىنى ۋە تۈكلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھەممىسىگە ئومۇمدۇر. لېكىن بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بىز قېشىنىڭ تۈكىنى ئالدۈرىۋېتىش ۋە قىسقارتىشنى توغرا دەيلى ياكى مەكروھ دەيلى، ئاياللاردىن قېشىنىڭ تۈكى بەك قويۇق بولۇپ كۆزىگە چۈشۈپ قىلىپ، نەرسىلەرنى كۆرۈشكە تەسىرى بولسا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئارتۇقىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇنى ئالماسلىق تەلەپ قېلىنىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 133-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىككى قېشى ئادەتتىن تاشقىرى بەك قويۇق بولسا ئۇنى شالاڭلاشتۇرسا بولىدۇ، ئەمما ئادەتتىكىدەك قويۇق بولسا ئۇنى ئۆز ھالىغا قويغان ياخشىدۇر، شالاڭلاشتۇرغاندا يۇلماستىن قايچا، ئۈستۇرە، تىغقا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئېشلىتىش كېرەك. " نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى".   

     ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى