جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مالنىڭ زاكىتىنى ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سېڭىل، ھامما-تاغىلارغا بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ زاكىتىنى ئائىلىلىك، ئايلىق كىرىمى ئائىلىسىگە يەتمەيدىغان بىر تۇغقان قېرىندىشىغا بەرسە بولامدۇ؟، شۇنىڭدەك كەمبەغەل تاغىسىغا بەرسىمۇ بولامدۇ؟، ئايال كىشىمۇ ئۆزىنىڭ زاكىتىنى بىر تۇغقان قېرىندىشى، ھەمشىرىسى ياكى ھاممىسى ۋە تاغىسىغا بەرسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قۇرئان-ھەدىستىكى ئومۇمى دەلىللەر بويىچە، ئەر كىشى ياكى ئايال كىشى ئۆزىنىڭ زاكىتىنى كەمبەغەل ئاكا-ئۇكىلىرى، ھامما-تاغىلىرى ۋە باشقا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا بەرسە بولىدۇ، بەلكى ئۇلارغا بېرىش ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كەمبەغەلگە قېلىنغان سەدىقە سەدىقە بولسا، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا قېلىنغان سەدىقە ھەم سەدىقە ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانىلقنى ئۇلاش ھېسابلىنىدۇ.[ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15794-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى  2582-ھەدىس].

    ئەمما زاكاتنى ئاتا-ئاتا ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى يەنى چوڭ ئانا-چوڭ دادا قاتارلىقلارغا، تۆۋەن تەرەپتىن ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى، ئۇلارنىڭ بالىلىرى يەنى نەۋرە-چەۋرىلىرىگە بېرىشكە بولمايدۇ، ئۇلار گەرچە كەمبەغەل، مىسكىن بولسىمۇ ئۇلارغا زاكات ماللىرىدىن بېرىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۆزىدىن باشقا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشى بولمىسا، كۈچىنىڭ يېتىشچە خىراجەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەك بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد