جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ساھابىلاردىن بىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قىيامەت كۈنى ئۆزى ئۈچۈن شاپائەت قىلىشنى سورىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل بارمۇ؟

217507

تارقاتقان ۋاقىت : 14-08-2021

كۆرگۈچىلەر : 1338

سۇئال

   ساھابىلەرنىڭ بىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن ئىستىغپار تەلەپ قىلماستىن بەلكى قىيامەت كۈنىگە ئالاقىدار ئىشلاردا شاپائەت تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا دەلىل بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قىيامەت كۈنىدە شاپائەت قىلىشنى بىرقانچە ساھابىلەرنىڭ سورىغانلىقى بايان قىلىنغان:

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بىر ئەر ياكى ئايالدىن بايان قىلىنغان ھەدىسىدە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كۈنى خىزمەتچىسىگە: سېنىڭ بىرەر ھاجىتىڭ بارمۇ؟ دېدى، خىزمەتچى شۇ كۈنى: ئې ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ ھاجىتىم بار دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمە ھاجىتىڭ بار؟ دېدى، ئۇ خىزمەتچى: مېنىڭ ھاجىتىم، قىيامەت كۈنىدە ماڭا شاپائەت قىلىشلىرىنى سورايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: بۇ سۆزنى ساڭا كىم بىلدۈردى؟ دېگەن ئىدى، ئۇ: ماڭا پەرۋەردىگارىم بىلدۈردى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا ئاللاھغا كۆپ سەجدە قىلىش ئارقىلىق مېنىڭ شاپائەت قىلىشىمغا ياردەم بەرگىن دېدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 16076-ھەدىس].

     ھەيسەمى"مەجمۇئەززەۋائىد" ناملىق ئەسەر 2-توم 249-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ راۋىيلىرى ئىشەنچىلىك". ئەلبانى "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2102-نومۇرلۇق ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ راۋىلىرى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇندۇر، ھەم مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلارمۇ سەھىھ دېگەن".

    ئەۋپ ئىبنى مالىك ئەشجەئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىز بىلەن بىرگە ئارام ئالدى، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئۇلىغىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتى، مەن بەزى تۆگىلەرنىڭ يېنىغا باردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنىڭ ئۇدۇلىدا ھېچ كىم يوق ئىكەن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ ماڭدىم، ماڭا مۇئاز ئىبنى جەبەل بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس ئۇچرىدى، مەن ئۇلاردىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەيەردە؟ دەپ سورىدىم، ئۇ ئىككەيلەن: بىز بىلمەيمىز، بىز پەقەت جىلغىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدۇق دېدى، ئەۋپ: بىر ئاز تۇرۇڭلار دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «كېچىدە پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن بىر ئەلچى كەلدى، ماڭا ئۇممىتىمنىڭ يېرىمىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى ياكى ئۇلارغا شاپائەت قىلىشىمنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلدى، مەن ئۇممىتىمگە شاپائەت قىلىشنى تاللىدىم» دېدى، بىز: سىلىدىن ئاللاھنىڭ ھەققى بىلەن سورايمىز!بىزنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلدىلا، بىزنى سىلىنىڭ شاپائەت ئەھلىدىن قىلدىلىمۇ؟ دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: "سىلەر مېنىڭ شاپائەت قىلىدىغان كىشىلىرىم» دېدى، بىز قۇچاقلىشىپ كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلسەك، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تاپالماي بىئارام بولۇپ تۇرۇپتىكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كېچىدە پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن بىر ئەلچى كەلدى، ماڭا ئۈممىتىمنىڭ يېرىمىنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى ياكى ئۇلارغا شاپائەت قىلىشىمنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلدى، مەن ئۈممىتىمگە شاپائەت قىلىشنى تاللىدىم» دېدى، ئۇلار: سىلىدىن ئاللاھنىڭ ھەققى بىلەن سورايمىز! بىزنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلدىلا، بىزنى سىلىنىڭ شاپائەت ئەھلىدىن قىلدىلىمۇ؟ دېدى، ئەۋپ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇنى ئىلتىجا قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مېنىڭ شاپائىتىم ئۈممىتىمدىن ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغان كىشىگە يېتىدۇ دېدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 24002-ھەدىس. ئىبنى ھىببان 211-ھەدىس. تەبرانى 134-ھەدىس. "ئەلكەبىردە" كەلتۈرگەن. مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلارمۇ سەھىھ دېگەن، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ: تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 3637-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى: بۇ ئىككى ھەدىس  ۋە باشقا ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشنى سوراشتىن بولغان مەقسەت: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا دۇئا قىلىپ شاپائىتىنىڭ ئۇلارغا يېتىشىنى ۋە ئۇلارغا شاپائەت قىلىشقا ئىزنى بېرىشىنى سوراشتۇر. تەبرانىينىڭ "ئەلكەبىردە" 136-ھەدىستە، ئىلگىرى ئەۋپ ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىسىدە: «ئې ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى سىلىنىڭ شاپائەت ئەھلىلىرىدىن قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلسىلا دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئې ئاللاھ! ئۇلارنى شاپائەت ئەھلىدىن قىلسىلا» دېدى، ئاندىن بىز باشقا كىشىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ بولغان ئىشنى خەۋەر قىلدۇق، ئۇلارمۇ: ئې ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى سىلىنىڭ شاپائەت ئەھلىلىرىدىن قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئې ئاللاھ! ئۇلارنى شاپائەت ئەھلىدىن قىلسىلا» دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 19724-ھەدىس].

    ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىن مۇشۇ مەنانى بايان قىلىپ: ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى سىلىنىڭ شاپائەت ئەھلىلىرىدىن قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى دېگەن.

    ئاشۇنداق بولىشى، شاپائەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  ‏قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا  تەرجىمىسى: «شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ).» [سۈرە زۇمەر 44-ئايەت].

    ھېچ بىر كىشى ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىزنى بەرگەن كىشىدىن باشقىغا شاپائەت قىلالمايدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن.» [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت].

   شاپائەت توغرىسىدا كەلگەن ھەدىستە: «ئې مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، ئېيتقىن، سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ، سۇرىغىن، سورىغىنىڭ بېرىلىدۇ، شاپائەت تەلەپ قىلغىن، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ دېيىلىدۇ، مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ تائالا ماڭا ئۈگەتكەن بويىچە ئاللاھنى مەدھىيىلەيمەن، ئاندىن شاپائەت تەلەپ قىلىمەن، ماڭا بەلگىلىمە بېكىتىلىدۇ، مەن ئۇلارنى دوزاختىن چېقىرىمەن ۋە جەننەتكە كىرگۈزىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى 4476-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 193-ھەدىس].

    ھەدىستە بايان قىلىنغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەر مېنىڭ شاپائەت ئەھلىم» دېگەن سۆزىدىن بولغان مەقسەت:  ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھيى ئارقىلىق بېرىلگەن خەۋەردۇر، بۇ خۇددى جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگۈچى كىشىگە بىشارەت بەرگەندەك ۋە باشقا غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەنگە ئوخشاشتۇر.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى