جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

روزىدارلار ئىپتار قىلغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا بىلەن بەندىلىرى ئارىسىدىكى پەردە كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ دېگەن سۆز توغرىمۇ؟

سۇئال

ئىپتار ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا بىلەن بەندىلىرى ئارىسىدىكى پەردە كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ دېگەن سۆز توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىلگىرى 124410- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئىپتار ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا بىلەن بەندىلىرى ئارىسىدىكى پەردە كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ھەدىستە ھېچ ئەسلى يوق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

     لېكىن روزىدارنىڭ ئىپتار قىلغاندا دۇئانىڭ قايتۇرىلمايدىغانلىقى، ئىجابەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ، ئىجابەت بولىدۇ: ئادالەتلىك ئىمام، روزىدارنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقىتتىكى دۇئاسى ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى! مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بولسىمۇ ساڭا ياردەم بىرىمەن». [تىرمىزى رىۋايىتى 2526-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    موللا ئەلى قارى (روزىدارنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقىتتىكى دۇئاسى) دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈپ: چۈنكى ئۇ ئىبادەتتىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ قىلىنغان دۇئا دېگەن. ["مىرقاتىل  مەپاتىھ" 4-توم 1534-بەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ  تەرجىمىسى: «مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)». [سۈرە بەقەرە 186-ئايەت].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ دۇئاغا رىغبەتلەندۈرىدىغان بۇ ئايەتنى روزا ئەھكاملىرى توغرىسىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا بايان قىلىشى: رامىزان روزىسى ئاخىرلاشقاندا بەلكى ھەر قېتىم ئىپتار قىلغاندا كۆپ دۇئا قىلىش ۋە دۇئادا بەك تىرىشچانلىق قىلىشقا يېتەكلەشتۇر". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 1-توم 374-بەت].

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: روزىدارنىڭ ئىپتار قىلىدىغان ۋاقتى دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ ئورنىدۇر. ئەمما ئىپتار قىلغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا بىلەن بەندىلىرى ئارىسىدىكى پەردە كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى، ئاساسى بارلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 39462 - ۋە 93066 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى