جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

شەرىئەت دېگەن نېمە؟

سۇئال

 شەرىئەت دېگەن نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    شەرىئەت دېگەن ئۇنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەندىلىرىنى ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چېقىرىش ئۈچۈن تاللىغان دىننىڭ ھەممىسىدۇر، دىن بولسا ئاللاھ بەندىلىرىگە يولغا قويغان، ئۇلارغا بۇيرۇق، چەكلىمە، ھالال ۋە ھارامنى بايان قىلىپ بەرگەن  پىرىنسىپىدۇر، ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە دىنىغا ئەگەشكەن كىشى ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھالال، ھارام قىلغاننى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ نەتىجىدە ئۇتۇق قازىنىدۇ. ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە دىنىغا خىلاپلىق قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ جازاسى، غەزىپى ۋە ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎ ثُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلَى شَرِيعَةٍ مِنَ الْأَمْرِ فَاتَّبِعْهَا وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ  ‏ تەرجىمىسى: «ئاندىن سېنى بىز ئى مۇھەممەد! دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.» [جاسىيە سۈرىسى 18 ئايەت].

    خەلىل بىن ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەت دېگەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە يولغا قويغان ۋە ئۇلارنى مۇستەھكەم ئېسىلىشقا بۇيرىغان ناماز، روزا، ھەج قاتارلىق دىنى ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر".  ["ئەل ئەينى"  1 -توم 253 -بەت.] جەۋھەرىينىڭ" ئەسسىھاھ"  3 -توم 1236 -بەتكە قارالسۇن.

    ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەت دېگەن دىيانەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى بىلەن يولغا قويغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىيانىتى بىلەن ئىلگىرىكى دىنلارنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالىدۇ.

    شەرىئەت دېگەن سۆز لۇغەتتە:  بىر نەرسىنىڭ ئورنىشىدىغان ئورنى، ئۇلاغلىق كىشىنىڭ دەريادىن كەلگەن سۇنى ئېچىش ئۈچۈن كېلىدىغان ئورنىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ يُنِيبُ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ.» [سۈرە شۇرا 13 -ئايەت. ]"

   ئەل ئىھكام"  1 -توم 46 بەتكە قارالسۇن.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ شەرىئەت كۆرسەتكەن ھېچ قانداق بىر ئىشتىن چىقىپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئىنسانغا مۇۋاپىق كىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى، شاخچىسى، ئەھۋالى، ئەمەللىرى. سىياسى ھەرىكەتلىرى، ئىجتىمائىي مۇئامىلە قاتارلىق ھەممە ئىشلىرى شەرىئەتتىن ئىبارەتتۇر.

    ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدەۇ-سەنالار بولسۇنكى، بۇنىڭ سەۋەبى، شەرىئەت دېگەن ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە بىزدىن بولغان مەسئۇللارغا ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ   تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» [سۈرە نىسا  59 ئايەت].

    قۇرئان كەرىمدىكى كۆپ ئايەتلەردە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىشنىڭ ئازابى سۆزلەنگەن، ھەر بىر كىشى ئالىم بولسۇن ئابىد بولسۇن، رەھبەر بولسۇن ياكى پۇخرا بولسۇن ئىلىم-ھېكمەتتە، بۇيرۇق-چەكلىمىدە، ئەمەل-ئىبادەتتە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك.

    شەرىئەتنىڭ ھەقىقىتى: ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرگە ئەگىشىشى شەرىئەتكە  تولۇق بويسۇنغانلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرگە ئەگەشمەسلىك بولسا دىندىن چىقىپ كەتكەنلىك بولىدۇ، پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنىڭ ئۆزى ئاللاھنىڭ دىنىدۇر". "[پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  19 -توم 309 -بەت.]

     دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلىمى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: شەرىئەت دېگەن ئاللاھ تائالا كىتاب نازىل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق  ھالەتتە ئۆزىگە يېقىنلىشىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن توغرا شەكىلدە ئىبادەت قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر

     مۇشۇنىڭغا مۇۋاپىق ھالەتتە ماڭىدىغان يول بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان پىرىنسىپىغا مۇۋاپىق يولدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ سَبِيلِهِ ‏ تەرجىمىسى: «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، (ناتوغرا)يوللاردا ماڭماڭلار. ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ.» [سۈرە ئەنئام 153 -ئايەت.]

    يۇقىرىدىكى ئايەتكە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ مۇۋاپىقتۇر «مېنىڭ ئۇممىتىم يەتمىش ئۈچ تۈرگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاختا پەقەت بىر تۈرى جەننەتتە بولىدۇ دېگەندە، ساھابىلار: ئۇ بىر تۈر كىم؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىغا ئوخشاش يولدا بولغانلار، دېدى» ( يەنى ئۇلار شەرىئەت ئىچىدە ياشىغانلار).

    ئەمما بۇنىڭغا زىت بولغىنى تەسەۋۋۇپ پىرقىلىرىنىڭ بەزى يوللىرىدىن  ئىبارەتتۇر، ئۇ بولسىمۇ كېيىن پەيدا بولغان يوللاردۇر، ئۇنى بېكىتىش شەرىئەتتە توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان يولغا يەتكىلى بولمايدۇ.  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  2 -توم 219 بەت].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى