سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

زەرداب نىجىسمۇ؟

سۇئال

    زەردابنىڭ ھۆكمى نېمە؟، ئۇ تەككەن يەر نىجىس بولامدۇ؟. (ئاز ياكى كۆپ بولسۇن) بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    زەرداب(قەي) دېگەن: "جاراھەت ياكى باشقا بۇزۇلغان جايلاردىن چېقىدىغان سېرغىش شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتىن ئىبارەتتۇر".   ["مۆئجەم لۇغەتۇل پۇقەھائۇ" 373-بەت]. 

    يېرىڭ دېگەن: "زەردابقا ئايلىنىپ قويۇلۇشتىن ئىلگىرى قانغا ئارىلاشقان جاراھەتنىڭ سۈيىدىن ئىبارەت". ["تەلەبەتۇل تەلەبە" 22-بەت. "پىقھى توپلاملىرى" 21-توم 25-بەت].

    يېرىڭ دېگەن  زەردابقا ئايلىنىشتىن ئىلگىرى جاراھەتتە بولىدۇ.

    زەرداب بىلەن يېرىڭنىڭ ھۆكمى: بۇ تۆت مەزھەپتىكى كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىدا نىجىس بولۇش، ئازلىرىدىن ئەپۇ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاننىڭ ھۆكمىدەدۇر. چۈنكى زەرداب بىلەن يېرىڭ دېگەن ئەسلىدە قان بولۇپ، بۇزۇلۇپ، پۇراپ ئۇنىڭغا ئۆزگەرگەن، ئەگەر قان نىجىس بولىدىكەن زەرداپمۇ ئەلۋەتتە نىجىس بولىدۇ".  ["بەدائىئ ئەسسەنائىئ"  1 -توم 60 بەت.  "ئەلمەجمۇئ"  2 -توم 558 بەت.  " پىقھى قانۇنلىرى"  27 -بەتكە قارالسۇن. ]

    زەرداب قاندىن پەيدا بولىدۇ، كېيىن پەيدا بولغان نەرسە ئەسلىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. قاننىڭ نىجىس ئىكەنلىكىنىڭ تەپسىلاتىنى 114018 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

   "پىقھى توپلاملىرى"  34 -توم 128 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: " پىقھى ئالىملىرى ئىنساننىڭ بەدىنىدىن چىققان زەداپنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاق كەلگەن ، چۈنكى زەرداب پاسكىنا نەرسىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ئۇلارغا پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلدى. »ساغلام تەبىئەتلىك كىشىلەر زەردابنى پاسكىنا دەپ قارايدۇ، ھارام بولغانلىقى ئۇنىڭ ئېتىبارسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، نىجىس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: نىجاسەتنىڭ مەنىسى زەداپتا تېپىلىدۇ، چۈنكى نىجىس دېگەن پاسكىنا نەرسىنىڭ ئىسمىدۇر، زەرداپنىڭ ئۆزى نىجىس، پۇرىقى سېسىق بولغانلىقى ئۈچۈن ساغلام تەبىئەت ئۇنىڭدىن سەسكىنىدۇ.   ئەسلىدە قان نىجىس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قاندىن پەيدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ نىجىس بولىدۇ".

    ئىبنى قۇدامە مەقدىسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زەرداب بىلەن يېرىڭ قاندىن پەيدا بولغان بولۇپ، ھۆكۈمدە قاننىڭ ئورنىدا بولىدۇ، لېكىن ئىمام ئەھمەد بۇنىڭ ھۆكمىنى قاندىن تۆۋەنرەك دېگەن.

   ھەسەن بەسەرى ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككىسىنى قانغا ئوخشاش كۆرمەيتتى. ئەبۇ مىجلەز: يېرىڭ توغرىسىدا: "ئاللاھ تائالا ئېتىلىپ چىققان قاننى زىكىر قىلدى دېدى".  ["ئە مۇغنىي"  2 -توم 483 بەت].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدىن قاندىن ئۇنىڭ ئوخشىشى ئەپۇ قىلىنىدىغان نەرسىدىن كۆپرەكىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ قاندىن كۆپ بولمىغاندا نىجىس سانالمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن دەلىل يوق، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ نىجىس ئىكەنلىكى قاندىن ئۆزگىرىپ پاسكىنا ھالەتكە ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈندۇر".  ئىبنى قۇدامىنىڭ"ئەلمۇغنى"  2 -توم 484 بەت].

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن:  سىلىچە قان بىلەن زەرداب ئوخشاشمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ياق ئوخشاش ئەمەس، قاننىڭ نىجىس ئىكەنلىكىدە كىشىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، ئەمما زەرداپنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ بار دېگەن، يەنە بىر قېتىم:  زەرداب بىلەن يېرىڭ مېنىڭ قارىشىمدا قاندىن تۆۋەنرەك دېگەن".  "[ئىغاسەتۇل لەھپان"  1 -توم 151 بەت].

    ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ زەرداب بىلەن يېرىڭنى نىجىس ئەمەس دېگەن قاراشنى تاللاپ مۇنداق دېگەن: "  كىيىمنى ۋە بەدەننى قۇسۇقتىن، زەداپتىن ۋە يېرىڭدىن يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ، ئۇنىڭ نىجىس ئىكەنلىكىگە دەلىل يوق دېگەن".  ["ئىختىياراتۇل پىقھىيە"  26 -بەت. ]

    شەكسىز كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ تاللىغان قارىشى ئېھتىيات ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتۇر، لېكىن ئۇنىڭ ئازلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قېيىن بولغاندا، ئومۇملىشىپ كەتكەندە شۇنداق، شۇنداقلا كېسەل ۋە ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالى شۇنداق بولىدۇ.

    سورالغان سوئالنىڭ كۆرۈنۈشىدىن:  "بىر جاي" دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ئاز مىقداردا بولسا ئەپۇ قىلىنىدۇ

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسىدا: " ئەگەر قان، يېرىڭ ۋە زەرداب ئاز مىقداردا بولسا، ئەۋرەتتىن چىقمىغان بولسا ئۇنىڭدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئازلىرىدىن ساقلىنىش قېيىن ۋە مۇشەققەتلىكتۇر. " [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  5 -توم 363 -بەت. ]

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى