پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قازا بولغان نامازلارنى قانداق ئادا قىلىدۇ

سۇئال

نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش ئۈچۈن نەچچە رەكئەت ناماز ئوقۇشىمىز كېرەك؟، بەزى كىشىلەر پەرىز نامازنى ئۆز ۋاقتىدا نەچچە رەكئەت ئوقۇغان بولساق، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندە ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغاندەك  نامازنىڭ پەرزى نەچچە رەكەت بولسا شۇنى ئوقۇيمىز دەيدۇ،  بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھېچ قانداق ئۈزۈر-سەۋەپسىز نامازنى كېچىكتۈرۈپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:  إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَّوْقُوتًا   تەرجىمىسى: ھەقىقەتەن ناماز مۆمىنلەرگە بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئوقۇش پەرىز قىلىندى. [نىسا سۈرىسى 103-ئايەت].

    بىر كىشى ئۇخلاپ قىلىپ ۋە ئېسىدىن چىقىپ كېتىپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن بولسا، بۇ شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۈزۈر-سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى ئۇخلاپ قىلىپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن بولسا، بۇنىڭ كاپارىتى. ئۇ كىشى ئويغانغاندا ياكى ئەسلىگەندە نامازنى دەرھال ئوقۇشى كېرەك. [مۇسلىم رىۋايىتى684-ھەدىس].

    ئەمما خىزمەت، ئوقۇش قاتارلىق ئىشلار نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرىدىغانغا ئۈزۈر-سەۋەپ بولالمايدۇ، ئاللاھ تائالا نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان كىشىلەرنى مەدھىيەلەپ مۇنداق دېگەن:  رِجَالٌ لَا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَإِقَامِ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ يَخَافُونَ يَوْمًا تَتَقَلَّبُ فِيهِ الْقُلُوبُ وَالْأَبْصَارُ  تەرجىمىسى: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ، ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن قورقىدۇ. [سۈرە نۇر 37-ئايەت].

    ئۆزۈرسىز نامازنى تەرك قىلىپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشى چوڭ گۇناھدىن ئىبارەت بولغان ئاسىيلىق قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولىدۇ، بۇ كىشى تىزدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، مەغپىرەت تىلەپ، نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا ئوقۇش ئىرادىسىگە كىلىشى لازىم، چۈنكى ئۆزۈرسىز نامازنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىۋېتىپ كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرىز نامازدا ھاسىل بولغان كەمچىللىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ.

    ئەمما ئۇخلاپ قىلىپ ياكى ئېسىدىن چىقىپ كىتىپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئادەم ئۈزۈر تۈگىگەندىن كېيىن دەرھال نامازنى ئادا قىلىش كېرەك، بۇ توغىردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى ئۇخلاپ قىلىپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشى، ئويغانغاندا ياكى ئەسلىگەندە نامازنى دەرھال ئوقۇشى كېرەك، نامازنىڭ بۇنىڭدىن باشقا كاپارىتى يوق. [مۇسلىم رىۋايىتى].

    ئۇ كىشى بۇ نامازنى كام-زىيادە قىلماستىن، شەكلى ۋە سۈپەتلىرىنى ئۆزگەرتمەستىن ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغاندەك ئوقۇيدۇ.

    ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر سەپەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ بامدات نامىزىدىن ئۇخلاپ قىلىپ كۈن چىقىپ قالغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىسىدە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئويغانغاندىن كېيىن بىلال رەزىيەللاھۇئەنھۇ نامازغا ئەزان ئوقۇدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇدى ئاندىن كېيىن بامداتنىڭ پەرىزىنى ھەر كۈنى ئۆز ۋاقتىدا قانداق ئوقۇغان بولسا شۇنداق ئوقۇدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى681-ھەدىس].

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەر كۈنى ئوقۇغانغا ئوخشاش ئوقۇدى" دېگەن سۆز، ۋاقتى ئۆتۈپكەتكەن نامازنى ئوقۇشنىڭ سۈپىتى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان نامازنىڭ سۈپىتىگە ئوخشايدۇ دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ".

     ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدىكى قائىدە: ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىبادەتلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش، ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلغان ئىبادەتلەرگە ئوخشايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى