جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ماڭا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن باشقا بارلىق ئەمەللەر قوبۇل قىلىنىش بىلەن رەت قىلىنىش ئارىسىدا بولىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق، توقۇلما ئىكەنلىكى توغرىسىدا

177272

تارقاتقان ۋاقىت : 22-11-2022

كۆرگۈچىلەر : 968

سۇئال

   مەن تۇرىۋاتقان شەھەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلگەن مۇنداق بىر ھەدىس كەڭ تارقالغان: « ماڭا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن باشقا بارلىق ئەمەللەر قوبۇل قىلىنىش بىلەن رەت قىلىنىش ئارىسىدا بولىدۇ»، ئۇلار بۇ ھەدىسنىڭ مەنبىيىنى سۆزلىمەستىن جامائەت سورۇنلىرىغا يېزىپ قويىدۇ، بۇ ھەدىس سەھىھ ھەدىسمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    كۆپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئىزدەنگەن بولساقمۇ سوئالدا بايان قىلىنغان «ماڭا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن باشقا بارلىق ئەمەللەر قوبۇل قىلىنىش بىلەن رەت قىلىنىش ئارىسىدا بولىدۇ » بۇ ھەدىسنى تاپالمىدۇق، چۈنكى بۇ ھەدىسنى ھەدىس ئالىملىرىدىن ياكى تەپسىر ئالىملىرىدىن ياكى پىقھى ئالىملىرىدىن ھېچ بىرى زىكىر قىلماپتۇ، بىز شۇنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا سەھىھ ھەدىسلىرىدىمۇ بۇ مەنادىكى ھەدىسنى كۈچلاندۇرىدىغان سەھىھ ھەدىس تاپالمىدۇق.

    بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا توقۇلغان يالغان ھەدىس بولىشى ۋە كېيىنكى زامانلار مەيدانغا چىققان بولىشى مۇمكىن، بۇ ھەدىس توغرا بولمىغان ئىنكار قىلىنىدىغان مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش دېگەن ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان سۆيۈملۈك ئەمەلدۇر. لېكىن ئۇ ھەدىس باشقا ياخشى ئەمەللەرگە ئوخشاش ئەمەللەرنىڭ رەت قىلىنىش ۋە قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقىغا قايتىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىز بۇيرىمىغان ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى  1718 – ھەدىس].

    ئەبى ئۇمامە ئەل باھىلىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  «بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ:  ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!  بىر كىشى ئەجىر-غەنىمەت ۋە نام چىقىرىشنى مەقسەت قىلىپ جىھاد قىلغان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە يەنى ساۋاپتىن ھېچ نەرسە بولمايدۇ دېگەن ئۇ كىشى بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرار سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:  ساۋاپتىن ھېچ نەرسە بولمايدۇ دەپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: " ئاللاھ تائالا ئەمەللەردىن ئۆزى ئۈچۈن خالىس قىلىنغاننى ۋە ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ قىلىنغاننى قوبۇل قىلىدۇ"». [نىسائى رىۋايىتى 3140 –ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ نىسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللايدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ دۇرۇت-سالاملىرى رىيا، باشقىلارغا ئاڭلىتىش قاتارلىقلارنى يەنە بىدئەت سۆزلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللانغان سورۇندا بۇنىڭ قوبۇل بولىشىنى چەكلەيدىغان بىرەر نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ‏ تەرجىمىسى: « ھابىل ئېيتتى:  ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ.» [سۈرە مائىدە 27 -ئايەت.]

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى