جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆپ خوتۇن ئالغانمۇ؟

سۇئال

مەن تور بەتتە بىر ماقالىنى ئوقۇسام ئۇنىڭدا: ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ توقساندىن كۆپ خوتۇن ئالغان دەپ يېزىپتۇ، بۇنىڭغا نىسبەتەن سىلەرنىڭ قارىشىڭلار قانداق؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    نۇرغۇن ئۆلىمالار ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ كۆپ خوتۇن ئالغانلىقى ۋە كۆپ تالاق قىلغانلىقىنى زىكىر قىلغان.

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەسەن رەزىيەللاھۇئەنھۇ كۆپ خوتۇن ئالاتتى، تۆت خوتۇندىن ئايرىلمايتتى، كۆپ تالاق قىلاتتى، كۆپ توي قىلاتتى، ئۇ يەتمىشتىن ئارتۇق قىزنى چوكان قىلغان دېيىلىدۇ." ["بىدايە ۋەن نىھايە"8-توم 42-بەت].

    ئىمام زەھەبى رەھىمەھۇللاھمۇ "سىيەر ئەئلامۇن نۇبەلا" 3-توم 253-بەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى بايان قىلغان، شۇنىڭدەك بۇ سۆزلەر ئىبنى ئەساكىرنىڭ "دەمەشىق تارىخى" 13-توم 251-بەت، زەھەبىينىڭ "ئىسلام تارىخى" 4-توم 37-بەت، راغىبۇل ئەسپەھانىينىڭ "ئەدىپلەر سۆھبىتى" 1-توم 408-بەتتە زىكىر قىلىنغان.

    لېكىن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تارىخ توغىرسىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى توغرا ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يالغان تارىخلاردىن ھەزەر قىلىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەرگە ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى رەھبەرلەرگە خاس بولغان تارىخلەرگە بەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

   ھاپىز ئىراقى رەھىمەھۇللاھ "ئەلپىيەتۇل سىيرە"1-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، سىيرەت دېگەن توغرا بولغان ۋە توغرا بولمىغان ھەممە نەرسىنى توپلايدۇ.

   شەيخ ئابدۇرەھمان مۇئەللىمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تارىخى ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغۇچى كىشىلەرنىڭ تارىخىنى بىلىشكە بولغان ھاجەت تارىخنىڭ ئۆزىنى بىلىشكە بولغان ھاجەتتىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، چۈنكى يالغانچىلىق ۋە سەل قاراش ئىشلىرى تارىخى رىۋايەتلەردە كۆپ بولىدۇ." ["راۋىلارنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا"24-بەت].

    ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەتمىشتىن ياكى توقساندىن ئارتۇق خوتۇن ئالغانلىقى توغرىسىدا بايان قىلىنغان رىۋايەتلەرنىڭ ئىسنادىدا ھۆججەتكە يارىغۇدەك بىر نەرسە يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق رىۋايەتنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە چوڭقۇر چۆكمەسلىك كېرەك.

    دوكتۇر ئەلى مۇھەممەد سەللابى ئۆزىنىڭ ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ توغرىسىدا يازغان كىتابىنىڭ 27-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تارىخچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئايالىدىن: خوۋلە ئەلپىزازىيە، جەئدەتە بىنتى ئەشئەس، ئائىشە خەسئەمىيە، تەلھەتە بىنتى ئۇبەيدۇللاھ تەمىمىينىڭ قىزى ئۇممۇ ئىسھاق، ئەبى مەسئۇد ئەنسارىينىڭ قىزى ئۇممۇ بەشىير، ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ھىند،جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قېرىندىشى شەلىل ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلىنىڭ قىزى ئۇممۇ ئابدۇللاھ، بەنى سەقىپتىن، بەنى ئەمىر ئىبنى ئەھيەم مۇنقەرىيدىن، ھەممام ئىبنى مۇررە خانىدانىدىن بولغان بەنى شەيباندىن بولغان ئاياللىرىنى زىكىر قىلدى، بەلكىم بۇ ئاز ساندىن ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن، ئاشۇ تارىخنى بىلگەنلەرگە نىسبەتەن گۇمان قىلىنغان سانلارنىڭ كۆپى ئىشەنچىسىزدۇر.

   كۆپ خوتۇن ئالدى دەپ رىۋايەت قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ راۋىلىرىغا كەلسەك، بەزى رىۋايەتتە يەتمىش، بەزى رىۋايەتتە توقسان، بەزى رىۋايەتتە ئىككى يۈز ئەللىك، بەزى رىۋايەتتە ئۈچ يۈز دېگەندەك سانلار بايان قىلىنغان، بۇنىڭ كۆپى توقۇلما، بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەر تۆۋەندىكىچە.......".

ئاندىن بۇ رىۋايەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ئاجىز، زەئىپ، ئىتىبارسىزلىرىنى بايان قىلدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىركى مەنبەنىڭ 28-31-بەتلىرىگە قارالسۇن.

    دوكتۇر 31-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆپ خوتۇن ئالغانلىقى توغرىسىدىكى تارىخى رىۋايەتلەر ئىسناد جەھەتتىن بېكىتىلمىگەن خىيالى سانلارنى بىلدۈرىدۇ، بۇ رىۋايەتلەر ئەتراپىدىكى شەك-شۈبھە ۋە تەنىلەرگە ئاساسەن بۇ رىۋايەتلەرگە تايىنىش توغرا بولمايدۇ.

    بۇ يەردە جەرھى-تەئدىل ئىلمىنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقى، رىۋايەتلەرگە ھۆكۈم قىلىشتا، توقۇلما خەۋەرلەرنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىشتە، ھەدىس تەتقىقاتچى ئۆلىمالىرىنىڭ رولىنىڭ كاتتا ئىكەنلىكى روشەن ئىپادىلىنىدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنىڭ دەسلەپكى تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، مۇشۇنداق رىۋايەتلەرنى تەكشۈرۈشكە بەك ئەھمىيەت بېرىپ، تارىخى رىۋايەتلەرنىڭ توغىرسىنى خاتالىرىدىن ئايرىپ، ئىسلام ئۇممىتىگە مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنى تەقدىم قىلىش، بەزى ئۇستازلاردەك بۇ ئىشقا سەل قارىماسلىق، گەرچە بىز ئۇلارنىڭ ياخشى نىيىتىدىن شەك قىلمىساقمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىدا توقۇلما، ئاجىز رىۋايەتلەرگە تايىنىپ قالغان".

     ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ  قوبۇل قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان:" يەتمىشتىن ئارتۇق ئايالنى چوكان قىلغان"دېگەن رىۋايەتكە ئىشارەت قىلغان، بۇ رىۋايەتنىمۇ ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغان ئىللەتلىك لەپزى بىلەن كەلتۈرگەن ياكى ئىسنادى ھۆججەتلىككە يارىمايدىغان، تەكشۈرۈشكە ئەرزىمەيدىغان شەكىلدە بايان قىلغان.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى