جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

كۆز تېگىش، ھەسەتخورلۇق ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ھۆكمى، كۆزى يامان كىشى قەستەن كۆزى بىلەن بىرسىگە مۇسىبەت يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلەم كىلەمدۇ؟

سۇئال

   ئىسلامدا كۆز تېگىش ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ بۇ توغرا ئىشمۇ ياكى خاتا ئىشمۇ؟ ئۆزىنىڭ كۆزى يامانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ياكى كۆزىنىڭ يامانلىقى بىلەن كىشىلەرگە تەھدىد قىلىدىغان كىشىنىڭ ئازابى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كۆز تېگىش ۋە ھەسەتنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقنى زىكىر قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، بىز دەيمىزكى: "ئەين" دېگەن سۆز ياردەم بەردى ۋە ياردەم بېرىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ماددىسىدىن ئىلىنغان بولۇپ، بۇ كۆزى بىلەن باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنگە ئىشلىتىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئەسلى: كۆزى يامان كىشىنىڭ بىر نەرسىدىن ئەجەپلىنىپ، ئۆزىنىڭ ناچار تەبىئىتى بىلەن ئۇنىڭغا ئارقىمۇ-ئارقا كۆز تىكىپ،  ئەجەپلەنگەن نەرسىگە قاراش بىلەن يامان نىيىتىنى ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر". "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"1-توم 271-بەتتىمۇ شۇنداق بايان قىلىنغان.   

    ھەسەتخورلۇق دېگەن: ئۆزىگە يەتمىگەن ئەمما ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدا بار بولغان نېمەتنىڭ يوق بولىشىنى ئارزۇ قىلىشتۇر. راغىپ ئەلئەسبەھانىي مۇنداق دەيدۇ: "نېمەتكە ھەقلىق بولغان كىشىدىن شۇ نېمەتنىڭ يوق بولىشىنى ئارزۇ قىلىش بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا ھەسەت قىلىش بىلەن بىرگە ئاشۇ نېمەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر". ["مۇپرەدات پى غەرىب ئەلقۇرئان" 118-بەت].

    ئەمما كۆز تېگىش بىلەن ھەسەتنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق بولسا:

  1-ھەسەت قىلىش كۆز تېگىشتىن ئومۇمىراق بولىدۇ، ھەر قانداق كۆزى يامان كىشى ھەسەت قىلغۇچى بولىدۇ، ئەمما ھەر قانداق ھەسەت قىلىغۇچى كۆزى يامان بولمايدۇ.

   2-ھەسەت قىلغۇچىدىن كۆزى يامان كىشىنىڭ زەرەرى كۆپ بولىدۇ.

   3- ھەسەت قىلغۇچى بەزى ۋاقىتتا ئۆزى كۆرمىگەن ۋە ئەمەلى روياپقا چىقمىغان ئىشلاردىمۇ ھەسەت قىلىدۇ، ئەمما كۆزى يامان كىشى بولسا، ئۆزى كۆرگەن ۋە ئەمەلى مەۋجۇد بولغان ئىشلارغا كۆزى يامانلىق قىلىدۇ.

   4-ھەسەتنىڭ مەنبىيى: ھەسەت قىلىنغان كىشىگە بېرىلگەن نېمەتلەرنى كۆپ بولۇپ كەتتى دەپ قاراپ يۈرىگىنى داغلاشتۇر. كۆز تېگىشنىڭ مەنبىيى: كۆزىنىڭ چاقنىشى ياكى كۆڭلىنىڭ پەسكەشلىكىدىن بولىدۇ.

    5-ھەسەت؛ ھەسەت قىلىنغۇچىنىڭ مال-مۈلكى ۋە پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش ئەزىيەت يېتىشنى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرگە چۈشمەيدۇ. كۆز تېگىش بولسا، كۆز سىلىنغان كىشىنىڭ مال-مۈلكى ۋە پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش ئەزىيەت يىتىشنى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرگە چۈشىدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن كۆزى يامان كىشى بەك ھەسەتخوردۇر، ئۇنىڭ باشقىلارغا بولغان زىيىنى ھەسەتخورنىڭ زېيىنىدىن بەتەر بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ناس سۈرىسىدە كۆزى يامان كىشى زىكىر قىلىنماستىن پەقەت ھەسەتخور كىشىلا زىكىر قىلىندى، چۈنكى ھەسەتخورلۇق دېگەن ئام بولۇپ ھەر قانداق كۆزى يامان كىشى ھەسەتخور بولىدۇ، ئەمما ھەرقانداق ھەسەتخورنىڭ كۆزى يامان بولمايدۇ، ھەسەتخورنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلىگەندە، كۆزى يامان كىشىمۇ بۇنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ، مانا بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ لوگىكىلىقى، مۆجىزىلىكى ۋە ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقىدىندۇر. ھەسەتنىڭ ئەسلى: ئاللاھ تائالانىڭ ھەسەت قىلىنغۇچىغا بەرگەن نېمەتلىرىنى ئۆچ كۆرۈپ ئۇنىڭ يوق بولىشىنى ئارزۇ قىلىشتۇر". ["بەدائىئىل پەۋائىد" 2-توم 458-بەت]. 

    ئىككىنچى: ھەسەت بىلەن كۆزى ياماننىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، بۇنىڭ ھەر ئىككىسى ھارام-چەكلەنگەن ئىشتۇر.

   ئا-ھەسەت توغرىسىدا، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆز ئارا ھەسەت قىلىشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنى ئالدىماڭلار(ئالمايدىغان نەرسىنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇپ قويماڭلار)بىر-بىرىڭلارنى ئۆچ كۆرۈشمەڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ زېيىنىغا تەدبىر قىلماڭلار...» [مۇسلىم رىۋايىتى 2559-ھەدىس].

   ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستىكى «ھەسەت قىلىشماڭلار» دېگەن سۆزى ھەر قانداق ماددى ۋە مەنىۋىي، ئاشكارا-يوشۇرۇن نەرسىلەرگە ھەسەت قىلىشتىن چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما نېمەتنىڭ يوق بولىشىنى مەقسەت قىلمايدىغان ئىككى تۈرلۈك ئىشقا ھەسەت قىلىش بۇنىڭ سىرتىدا، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەسەت قىلىش پەقەت ئىككى ئىشتا بولىدۇ: ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە قۇرئان ئىلمىنى ئاتا قىلدى (ياكى ئومۇمى جەھەتتىن ئىلىم ئاتا قىلدى) ئۇ كىشى كېچە-كۈندۈز ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلىمنىڭ ھەققىنى ئادا قىلدى. يەنە بىرى: ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە مال-دۇنيا ئاتا قىلدى، ئۇ كىشى كېچە-كۈندۈز خىەيرى-ئېھسان قىلىپ مالنىڭ ھەققىنى ئادا قىلدى». ["ئەتتەمھىيد"6-توم 118-بەت].     

   ب- كۆز تىگىش بولسا: ئۇنىڭ ھاراملىقى، ئىنسانلارغا زىيان كەلتۈرۈش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنىڭ بابىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَاناً وَإِثْماً مُّبِيناً  تەرجىمىسى: «مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ» [سۈرە ئەھزاب 58-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2314-ھەدىس].

     ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئىبنى سىلاھ ھەسەن دېگەن، ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھمۇ ھەسەن دەپ "جامىئ ئۇلۇمۇل ھەكەم" 304-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئىبنى ماجىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا" كەلتۈرگەن. 

      دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى بۇ ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنساننى ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە زەرەر يەتكۈزۈشتىن چەكلىدى، بۇنىڭدىن ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى دەلىللىنىدۇ".  شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 4-توم 400-بەت]. 

    ئۈچىنچى: كۆزىنىڭ يامانلىقى بىلەن باشقىلارغا قەستەن ئەزىيەت يەتكۈزسە ۋە تەھدىت قىلسا، ھەقىقەتەن بۇنداق ئادەم زور گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ، ئىشقا ئىگە بولغۇچى رەھبەرلەر بۇنداق كۆزى يامان ئادەمنى بىر جايغا سولاپ قويۇپ خىراجىتىنى قىلىپ بېرىپ ئۇنى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن چەكلىشى كېرەك، ھەتتا ئۇ كىشى شۇ جايدا ھەقىقى تەۋبە قىلىدۇ ياكى شۇ جايدا ئۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ يامانلىقى ۋە ئەسكىلىكىدىن قۇتۇلۇپ راھەتلىنىدۇ". 

    شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جبرىين رەھىمەھۇللاھدىن: "بىز بەزى كىشىلەرنىڭ كۆزى يامان ئىكەنلىكىنى، ئۇلار قاچان، قەيەردە باشقىلارغا كۆزى ئارقىلىق زىيان يەكۈزمەكچى بولسا شۇنداق قىلالايدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق بۇ توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ھەقىقەتەن كۆز تېگىش ھەقتۇر، بۇ ئەمىلىيەتتە بولغان ئىشتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆز تېگىش ھەق، ئەگەر تەقدىرگە بىر نەرسە ئىلگىرى بولىدىغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا كۆز تېگىش ئىلگىرى بولغان بولاتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى]. 

   يەنە بىر ھەدىستە: «كۆز تېگىشنىڭ يامانلىقىدىن ئىنسان قەبىرگە ۋە تۆگە قازانغا كېرىدۇ»، بۇ ھەدىسنى ئەبۇ نۇئەيىم "ئەلھىليە"دە بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"1249-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. يەنى كۆز تېگىش بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولىدۇ. ئەمما كۆز تېگىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    ھەقىقەتەن كۆز تېگىش ھەممە ئادەمدە بولمايدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بەزى كىشىلەردە بولىدۇ، كۆزى يامان كىشى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن يامان كۆزىنى تىكىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن زىيان ھاسىل بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا كۆز تىكىش بىلەن زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلمىسىمۇ باشقىلارغا زىيان يېتىپ قالىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر بولۇپ ئۇلار كۆزى بىلەن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇپ باقسىمۇ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدۇ.                                                               

    ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۆزى يامان كىشىنىڭ كۆزى تېگىپ كېتىشتىن پاناھلىق تىلەشكە بۇيرىدى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ: «ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى(ئاللاھ)قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» [سۈرە پەلەق 5-ئايەت].  كۆزى ياماننىڭ ئەسكىلىكىدىن پاناھلىق تېلەش بىلەن ئاللاھنىڭ ساقلىشى ۋە ھېمايە قىلىشى ھاسىل بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرينى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر".

 "پەتەۋا زەھەبىيە پى رۇقىيە شەرئىيە".

  ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئىبنى بەتتال بەزى ئالىملاردىن بۇنى نەقل قىلغان: رەھبەرلەر كۆزى يامان كىشىنىڭ كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇ كىشىنى ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىپ ئېھتىياجى بولسا تۇرمىشىدىن خەۋەر ئىلىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى كۆزى ياماننىڭ كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان زىيىنى، ماخۇۋا كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرگە ئارىلىشىشنى چەكلىگەن كىشىدىن بەك زور بولىدۇ. ئىلگىرى باشقا تېمىدا بايان قىلىنغان، خام سامساق يېگەنلىكى سەۋەبىدىن جامائەتكە ھازىر بولۇشتىن چەكلەنگەن كىشىنىڭ زىيىنىدىنمۇ زور بولىدۇ".

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىنتايىن توغرا سۆز بولۇپ، بۇنىڭ قارىشىدا باشقا بىر سۆز بار ئىكەنلىكى بىلىنمەيدۇ". ["پەتھۇل بارىي" 10-توم 205-بەت. "پىقھى توپلاملىرى" 31-توم 123-بەت].

    يەنە پىقھى توپلاملىرى 16-توم 229-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ھەر قايسى مەزھەبلەرنىڭ تۈرلۈك قاراشلىرىغا كۆرە ئىبنى بەتتال زىكىر قىلغانغا ئوخشاش دەيمىزكى، رەھبەرلەرنىڭ كۆزى يامان كىشىنىڭ كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلەندە، ئۇ كىشىنى ئۆيىگە نەزەر بەنت قىلىشى كېرەك، چۈنكى كۆزى ياماننىڭ كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان زىيىنى، ماخاۋا كېسىلى بولغان كىشىنىڭ زېيىنىدىن ۋە خام سامساق ۋە پىياز يېگەنلىكى سەۋەبىدىن مەسچىتكە كېرىشى چەكلەنگەن كىشىنىڭ زېيىنىدىن زور بولىدۇ،  ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېھتىياجى بولسا تۇرمىشىدىن خەۋەر ئىلىشى كېرەك بولىدۇ، 

   تۆتىنچى: باشقىلارغا كۆز تېكىپ قەستەن زىيانغا ئۇچراتقۇچى زىياننى تۆلەيدۇ، ئەگەر يامان كۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان بولسا، ئۆلتۈرىلىدۇ.

    ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆزى يامان كىشى باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بۇزىۋەتكەن بولسا تۆلەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىنىدۇ، بۇنداق قىلىش تەكرارلىنىپ ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان بولسا بۇنىڭغا دىيەت تۆلەيدۇ. كۆزى يامان كىشى سېھرىگەر كاپىر دېگەن سۈپەت بىلەن ئۆلتۈرۈلمەيدۇ دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىمۇ ھۆكۈمدە سېھرىگەرگە ئوخشاشتۇر". [" پىقھى توپلاملىرى"  17 -توم 276 بەت].

   شەرپىددىن ھىجاۋىي رەھىمەھۇللاھ : " كۆزى يامان ئادەم كۆزىنىڭ يامانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ"  دېگەن، ئىبنى نەسىر"ھەۋەشىل پۇرۇئ" دېگەن ئەسەردە: " كۆزى يامان كىشىنى كۆپ ۋاقىتلاردا سېھرىگەرلىكى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرىلىدىغان سېھىرگە قېتىۋېتىش لايىق بولىدۇ، كۆزى يامان كىشى يامان كۆزى بىلەن باشقىلارنى ئۆلتۈرۈشكە قادىر بولالىسا ۋە بۇنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان بولسا ئۇنىڭدىن قىساس ئىلىش كېرەك، ئەگەر جىنايەتنى مەقسەت قىلماستىن قىلغان بولسا، خاتا قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭغا خاتالىقتىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىگە بۇيرۇلغان ھۆكۈم بېرىلىدۇ، شۇنىڭدەك قەستەن باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز تېكىپ ھالاك قىلىۋەتكەن بولسا ئۇنى تۆلەيدۇ، ئەمما مەقسەتسىز قاراپ ھالاك بولۇپ كەتكەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا تۆلەم كەلمەيدۇ" دېگەن. [ئىمام ئەھمەدنىڭ "ئەلئىقنا پىل پىقھى" ناملىق ئەسىرى 4 -توم 166 -بەتتىن ئېلىندى].   

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى