جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىگە ھاجەتخانا ياساش توغرىمۇ؟، بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟

سۇئال

دېڭىز بويىدىكى پورتتا كىچىك مەسچىت بولۇپ، مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىدە ھاجەتخانا بار، مەسچىت بىلەن ھاجەتخانىنى پەقەت بىر تاملا ئايرىپ تۇرىدۇ. مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىگە ھاجەتخانا قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سەلەپ سالىھلاردىن ھاممام ۋە ھاجەتخانا تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشتىن چەكلەنگەنلىك توغرىسىدا ئەسەرلەر بايان قىلىنغان.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ھاجەتخانا، ھاممام ۋە قەبرىستانلىققا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇمىغىن،» دېيىلگەن. [بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەبى شەيبە "ئەلمۇسەننىپ" ناملىق ئەسەر 2-توم 379-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئابدۇرەززاق ئۆزىنىڭ "ئەلمۇسەننىپ" ناملىق ئەسىرى 1-توم 405-بەتتە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن كەلتۈرگەن ھەدىستە: «ھاجەتخانىغا، ھاممامغا ۋە قەبرىستانلىققا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇماڭلار،» دېيىلگەن.

    تابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىم ئىبراھىم ئەننەخەئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىلگىرىكى كىشىلەر "ھاجەتخانا، قەبرىستانلىق ۋە ھاممام قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك جاينىڭ قىبلە تەرەپتە بولىشىنى ياقتۇرمايتتى". [بۇ ئەسەرنى ئىنبى ئەبى شەيبە"ئەلمۇسەننىپ" ناملىق ئەسەر 2-توم 380-بەتتە كەلتۈرگەن].

يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئۆزىنى ئابدۇرەززاقمۇ ئۆزىنىڭ "ئەلمۇسەننىپ" ناملىق ئەسىرى 1-توم 405-بەتتە: "ئىلگىرىكى كىشىلەر قەبرىستانلىق، ھاممام ۋە ھاجەتخانا قاتارلىق ئورۇنلارنى قىبلە تەرەپكە ياساشنى ياقتۇرمايتتى،" دەپ كەلتۈرگەن.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن: ھاجەتخانا، ھاممام ۋە قەبرىستانلىققا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ كىشى: "قەبرىستانلىق، ھاجەتخانا ۋە ھاممام قاتارلىق ئورۇنلارنى قىبلە تەرەپكە بەرپا قىلىش توغرا بولمايدۇ،" دېگەن. [بۇ ئەسەرنى ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 2-توم 473-بەتتە كەلتۈرگەن].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ قىبلە تەرەپتە بولىشىنىڭ ياقتۇرۇلماسلىقىدىكى توغرىسىدا ساھابىلار ۋە تابىئىنلار ۋە كىيىنكى ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز، چۈنكى قەبرە بۇت-ھەيكەل ئورنىدا چوقۇنىدىغان جاي قىلىنغان. قەبرە تەرەپكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش بۇت-ھەيكەلگە قاراپ ناماز ئوقۇغانغا ئوخشاپ قالىدۇ، گەرچە ئىنسان بۇنداق قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇش ھارام بولىدۇ (يەنى چەكلىنىدۇ). شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى تەرەپتە بۇت-ھەيكەل بولسا، ئۇ تەرەپكە يۈزلىنىپ سەجدە قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ھاجەتخانا ۋە ھاممام، ئەركەك-چىشى شەيتانلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان ۋە قارار ئالىدىغان جايى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ نامازخاننىڭ نامىزىنى ئۈزىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ناماز ئوقۇغۇچىنى ناماز ئوقۇغاندا سىترە (توساققا) يېقىن تۇرۇپ ئوقۇشقا بۇيرىغان. شەيتانلارنىڭ قارارگاھى ۋە ئورۇنلاشقان جايلىرىغا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغاندا شەيتاننىڭ ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ھەرقانداق نەرسىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇسا يۈزلەنگەن نەرسە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ قىبلىسى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز نامازدا ئەڭ ئۇلۇغ، ئاللاھ تائالا ياقتۇرىدىغان، ئاللاھنىڭ بەيتىگە يۈزلىنىشكە بۇيرۇلدۇق.

    نامازخان نامازغا تۇرغاندا ناچار، پاسكىنا، مەينەت ئورۇنلارغا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئويلاپ بىقىڭلار، بىز قىبلە تەرەپكە ئالدى-كەينىمىزنى قىلىپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشتىن چەكلەندۇق، شۇنداق تۇرۇغلۇق، شەيتاننىڭ قارارگاھى ناماز ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ قىبلە تەرىپىمىزدە بولسا قانداق بولىدۇ؟." [شەرھۇل ئۆمدە" ناملىق ئەسەر 2 -توم 481-بەت].

    ئىككىنچى: مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى ھاجەتخانا مۇنداق ئىككى ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ:

   1-بۇ يەردە ھاجەتخانا بىلەن مەسچىتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئايرىم تام بولمايدۇ ياكى مەسچىت بىلەن ھاجەتخانىنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بىر تام بولىدۇ.

    بۇنداق ھالەتتە بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇش ياخشى بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى بۇ ھاجەتخانىنى بۇزىۋىتىپ، مەسچىتنىڭ تىمىدىن يىراقلاشتۇرۇش كېرەك.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىز ۋە باشقا ئەھلى ئىلىملارنىڭ قارىشىدا، ھاجەتخانا مەسچىتنىڭ تىمىنىڭ سىرتىدا بولسۇن ياكى ئېچىدە بولسۇن ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ".

    ئىبنى ئۇقەيل رەھىمەھۇللاھ: ھاجەتخانا بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدا مەسچىتنىڭ تىمىغا ئوخشاش توساق بولسا، بۇ يەردە ناماز ئوقۇش يامان كۆرۈلمەيدۇ دېگەن قاراشنى تاللىغان.

    بىرىنچى قاراش بولسا، سەلەپ سالىھلارنىڭ دەلىلگە ئاساسلانغان كۆزقارىشىدۇر. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ تالىپتىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەنلكىنى بايان قىلىدۇ: " بىر ئادەم مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىگە ھاجەتخانا ياسىغان بولسا، ئۇنى بۇزىۋىتىش كېرەك".

    مەرۋەزىينىڭ رىۋايىتىدە: "مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىنىڭ كەينىدە ھاجەتخانا بولسا، بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇلمايدۇ" دەپ بايان قىلىنغان. ["شەرھۇل ئۆمدە"ناملىق ئەسەر 4-توم 482-بەت].

    مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئالى شەيخ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھاجەتخانىنىڭ ئىشى مۇنداق ئىككى ئىشتىن خالى بولالمايدۇ: بىرىنچىسى: بۇ ھاجەتخانا مەسچىتنىڭ تىمىدىن ئايرىم مۇستەقىل تام بىلەن ياسىلىپ، مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى تامدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا، ھاممام، ھاجەتخانا مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىدە بولسىمۇ، مەسچىتنىڭ تىمىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تام بىلەن ياسالغان بولسا، بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇش چەكلەنمەيدۇ.

    ئەمما ھاممام، ھاجەتخانا بىلەن مەسچىتنىڭ تىمى بىر بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىنى پەقەت مەسچىتنىڭ قىبلە تىمى ئايرىپ تۇرغان بولسا، ئۆلىمالار بۇنداق مەسچىتتە، ناماز ئوقۇشنى ياخشى ئەمەس دەپ قارىغان. چۈنكى ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ئورۇنلارنىڭ بىرى ھاجەتخانا-ھاممامغا ئوخشىغان جايلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ناماز ئوقۇيدىغان جاي بىلەن ھاجەتخانىنىڭ ئارىسىدا ئۇلاغنىڭ ئۇچۇلۇقىدەك بولسىمۇ توساق بولمايدىكەن، مەسچىتنىڭ قىبلە تىمى بۇنىڭغا كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى سەلەپ سالىھلار قىبلە تەرىپىدە ھاجەتخانا بولغان مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى ياقتۇرمىغان.

    يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئاساسەن، مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىگە ياسالغان ھاممام-ھاجەتخانىنىڭ تىمىنى مەسچىتنىڭ تىمىدىن ئايرىۋىتىپ، مۇستەقىل تام توسۇپ ياساش كېرەك". ["مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى" 2-توم 139-بەت].

    ئىككىنچى: مەسچىت ۋە ھاجەتخانىنىڭ تاملىرى بىر-بىرىدىن ئايرىم بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ.     

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىتنىڭ قىبلە تىمى بىلەن ھاجەتخانىنىڭ ئارىسىنى ئايرىمىغۇچە مەزكۇر مەسجىتتە ناماز ئوقۇش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. ھاجەتخانا بىلەن مەسچىتنىڭ قىبلە تىمىنىڭ ئارىسىنى ئايرىم بىر تام بىلەن ئايرىغان ۋاقىتتا بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ". ["شەرھۇل ئۇمدە" ناملىق ئەسەر 4 -توم 483-بەت].

    ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەرب ئىبنى ئىسھاقتىن نەقل قىلىپ: "ئۇ كىشى قىبلە تەرىپىدە ھاجەتخانا بولغان مەسچىتتە ناماز ئوقۇشنى ياقتۇرمايتتى، ھاجەتخانا بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىسىنى مەسچىتنىڭ تىمىدىن باشقا ياغاچ ياكى قومۇش تاملار ئايرىپ تۇرغان بولسا ياكى ھاجەتخانا مەسچىتنىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرىدە بولسا بۇ مەسچىتتە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ،" دېگەن. ["پەتھۇلبارى" ناملىق ئەسەر 2-توم 230-بەت].

    يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئاساسەن، مۇمكىن بولسا ھاجەتخانىنىڭ تىمىنى مەسچىتنىڭ تىمىدىن ئايرىۋىتىش كېرەك. ئەگەر بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىسا ياكى بۇ ھاجەتخانىدىن مەسچىتكە ۋە نامازخانلارغا ئەزىيەت يەتمىسە ئۇ ۋاقىتتا مەزكۇر مەسچىتتە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى كەراھىيەت كۆرۈش  ئىھتىياج تۇغۇلغاندا ئارىدىن قالدۇرىلىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى