پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رەسۇلۇللاھنىڭ يادىكارلىقى بىلەن تەۋەررۇك قىلىش دۇرۇس بولىدۇ،

سۇئال

دىنى قېرىنداشلار!، مەن تور بەتلىرىدىن مەن بىدئەت دەپ ئويلايدىغان بىر ئىش توغرىسىدىكى ھەدىسنى كۆردۈم، بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. ماڭا بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىڭلار. مەن بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىپ قالدىم. بۇ ئىمام مۇسلىم كەلتۈرگەن 5409-نومۇرلۇق ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىس ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازاتگەردىسى ئابدۇللاھدىن بايان قىلىنغان ئۇ كىشى ئەتا ئىبنى رەباھنىڭ ئوغلىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مېنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى: سەن ئۈچ تۈرلۈك نەرسىلەرنى چەكلەپسەن، يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىمنى كىيمەسلىك، ئۈستىگە قىزىل يىپەكتە تىكىلگەن ئىگەر قىپى قاپلانغان ئېگەردە ئولتۇرماسلىق ۋە رەجەپ ئېيىنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتماسلىقتىن ئىبارەت. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ئەمما رەجەپ ئېيىدا تولۇق روزا تۇتماسلىق مەسىلىسىدە، بىر كىشى دائىم روزا تۇتسا قانداق بولىدۇ؟، يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىم مەسىلىسىدە، مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاڭلىغان، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: يىپەكنى ئاخىرەتتە نېسىۋىسى يوق كىشىلەر كىيىدۇ دېگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن يىپەكتىن كەشتىلەنگەن كىيىمنىڭمۇ مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان يىپەك كىيىمنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم، ئەمما يىپەكتىن تىكىلگەن ئىگەر قىپى مەسىلىسى بولسا، مانا بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئىگەر قىپى دەپ قىزىل ئىگەر قىپىنى كۆرسەتتى، مەن ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يىنىغا قايتىپ بېرىپ، ئابدۇللاھ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى يەتكۈزدۈم، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تون چاپىنى دەپ ئېتەك، پەشلىرىگە تەبىئىي يىپەكتىن كەشتىلەنگەن بىر توننى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بۇ چاپان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا ئېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغاندا بۇ توننى مەن ياندۇرۇپ كەلدىم، بۇ توننى بۇرۇن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىيگەن، بىز كېسەللىرىمىز ئۈچۈن بۇ چاپاننى يۇيۇپ سۇيى بىلەن شىپالىق تەلەپ قىلىمىز». بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ ھەدىس ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا بايان قىلىنغان 2069- نومۇرلۇق ھەدىس بولۇپ، ھەدىسنىڭ لەۋزى يۇقىرىقى سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ئۆزىنىڭ "مۇسنەد"ناملىق ئەسىرى 182-نومۇرلۇق ھەدىستە قىسقارتىپ بايان قىلغان. ئىمام بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "ئەسسۈنەن" ناملىق ئەسىرى 4381-ھەدىستە ئابدۇل مەلىك يەنى ئىبنى ئەبى سۇلايماننىڭ ئىسنادى بىلەن كەلتۈرگەن.

بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى بىر-بىرىگە ئۇلانغان، راۋىلىرى ئىشەنچىلىك، ئىمام مۇسلىمنىڭ بۇ ھەدىسنى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا كەلتۈرگەنلىكى بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك بولىدۇ. بۇ ھەدىس توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ھېچ بىر كىشىنى بىلمەيمىز، شۇنداق بولىدىكەن بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدىن شەك قىلىش ياكى سەھىھ ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمۇش توغرا بولمايدۇ.

ئەمما ھەدىسنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رەجەپ ئېيىدا روزا تۇتۇشقا بەرگەن جاۋابى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ رەجەپ ئېيىنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتۇشنى ئىنكار قىلىشى، ئۇ كىشىگە بۇنداق قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر يەتكەن، رەجەپ ئېيىنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتۇش دەپ قارالغان، بۇنىڭدىنيىلدا روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتنىڭ 4-كۈنىدىن كيىنكى كۈنلەرنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇنداق شەكىلدە روزا تۇتۇش ئىبنى ئۆمەر، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئائىشە، ئەبى تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق ساھابىلار ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا چەكلىنىدۇ. ئەمما ئىمام شافىئى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىدا يىل بويى روزا تۇتۇش چەكلەنمەيدۇ.

ئەتراپىغا يىپەك كەشتىلەنگەن يوللۇق كىيىم مەسىلىسىدە، ئۇنى كىيىشنى ھارام دېگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى پەقەت ئۇنى كىيىشنى ياقتۇرمىدى،بەلكى ئۇ كىشى يىپەك كىيىم كىيمەسلىك دېگەن ئومۇمى چەكلىمىگە كېرىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ كىيىشنى ياقتۇرمىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

ئىگەر قىپى مەسىلىسىدە، ئۆزىنىڭ قىزىل ئىگەر قىپى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئۇ ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەۋەتكەن ئەلچىگە: مانا بۇ مېنىڭ قىزىل رەڭلىك ئىگەر قىپىم، بۇ ئىگىرىم دەپ كۆرسەتتى، ئىگەر قىپى قىزىل بولسىمۇ ئەمما يىپەك بولماستىن بەلكى يۇڭدىن ياكى باشقا نەرسىدىن تىكىلگەن ئىدى، ئىگەر قېپىنىڭ يىپەكتىن ۋە باشقا يۇڭ نەرسىلەردىن تىكىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى بايان قىلغان. چەكلىمە توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر پەقەت يىپەكتىن تىكىلگەن نەرسىلەر توغرىسىدا كەلگەن.

ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېتەك-پەشلىرى يىپەك بىلەن كەشتىلەنگەن تون چاپىنىنى چىقارغانلىقى بولسا، بۇنداق كىيىمنى كىيىشنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىمام شافىئى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىدىمۇ: كۆينەك، تون-چاپان، سەللە قاتارلىق كىيىملەرنىڭ ئېتەك-پەشلىرى يىپەك بىلەن كەشتىلەنگەن بولسا، تۆت بارماق مىقدارىدىن ئېشىپ كەتمىسە، ئۇنداق كىيىملەرنى كىيىش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە دۇرۇس بولمايدۇ دەپ قارالغان.

بۇ ھەدىس يىپەك كىيىملەرنى كىيىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: مەخسۇس يىپەكتىن ياكى كۆپ قىسمى يىپەكتىن تىكىلگەن كۆينەك، تون-چاپان قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭدىنھاراق ۋە ئالتۇنغا ئوخشاش، كىيىملەرنىڭ ھەممە تەرىپى چەكلەنمەيدۇ پەقەت يىپەك مىقدارى كۆپ بولغان تەرىپى چەكلىنىدۇ، ئەمما ھاراق ۋە ئالتۇننىڭ ھەممە تەرىپى چەكلىنىدۇ".

ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «بۇ توننى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيگەن، بىز بۇ توننى يۇيۇپ ئۇنىڭ سۈيى بىلەن كېسەللىرىمىزگە شىپالىق تىلەيمىز» دېگەن سۆزى، بۇ تەۋەررۈك قىلىشنىڭ تۈرى بولۇپ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان خۇسۇسىيەتلىرى، ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا كىشىنىڭ يادىكارلىقلىرىنى تەۋەررۈك قىلىپ شىپالىق تەلەپ قىلمىغان.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 10045- 100105- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى