سەيشەنبە 21 شەۋۋال 1445 - 30 ئاپرىل 2024
Uygur

سەپەردە ئىككى نامازنى جۇپلاپ ئادا قىلىشنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

    مەن سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۇپلاپ بىرگە ئوقۇشنى مەقسەت قىلىمەن، مەن بارىدىغان ئورۇنغا خۇپتەن ۋاختى بىلەن يېتىپ كەلدىم، ئۇلار بىلەن بىرگە خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدۇم، ئاندىن شام نامىزىنى ئوقۇدۇم، مېنىڭ قىلغىنىم توغرا بولاپتىمۇ ياكى خاتامۇ؟، سەپەردە ئىككى نامازنى جۇپلاپ ئادا قىلىشنىڭ شەرتلىرى قايىسىلار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مۇساپىر ئۈچۈن ئىككى نامازنى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە مۇۋاپىق ھالەتتە جۇپلاپ ئادا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ:

   1-سەپەر قىلىدىغان مۇساپە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە 80 كىلومىتىر ئەتراپىدىكى مۇساپە بولۇش كېرەك. بەزى ئالىملار: سەپەر مۇساپىسى مۇئەييەن بىر مۇساپە بىلەن بېكىتىلمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ، دەيدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 38079 - نۇمورلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   2- كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، سەپەرنىڭ مۇباھ سەپەر بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەگەر يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىش ياكى زىنا-پاھىشە قىلىش ياكى باشقا ئاسىيلىق قىلىش سەپەرلىرى بولۇپ قالسا، ئۇنداق كىشىگە سەپەرنىڭ رۇخسىتى بېرىلمەيدۇ. ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ بۇ شەرتنى شەرت قىلمىغان. "پىقھى توپلاملىرى" 27-توم 276-بەت قارالسۇن".

  3-نامازنى قەسىر ئوقۇش ئۈچۈن تۆت كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق تۇرۇشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا نامازنى قەسىر ئوقۇشى ۋە رامىزاندا روزا تۇتماسلىقىقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    "دائىمىي پەتىۋا كومىتېت ئەزالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئۇ كىشى تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئىككى نامازنى جۇپلاپ ئوقۇش قاتارلىق سەپەرنىڭ رۇخسەتلىرى بېرىلمەيدۇ، ئەگەر تۆت كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق تۇرۇشنى مەقسەت قىلسا ياكى سەپىرى مەلۇم ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار بولسا، ئىشنى قاچان ھەل قىلسا شۇ ۋاقىتتا سەپەر قىلىشنى مەقسەت قىلسا، سەپەرنىڭ رۇخسىتىنى ۋاجىپ قىلىدىغان مۇئەييەن بىر ۋاقىتنى بېكىتمىگەن بولسا، ئۇ كىشى ئىشى ئاخىرلىشىپ سەپەرگە چېقىپ بولغىچە سەپەرنىڭ رۇخسىتىدىن پايدىلانسا توغرا بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 8-توم 113-114-بەتلەر].

  4-سەپەرنىڭ رۇخسىتى ئۆزى تۇرىۋاتقان شەھەرنىڭ دائىرىسىدىن چىققاندىن كېيىن باشلىنىدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى" 27-توم 279-بەت].

  5-كۆپچىلىك ئالىملار ئىككى نامازنى ئالدىغا سۈرۈپ ئوقۇغاندا ئىككى نامازنىڭ ئارىسىغا ئۇزۇن پاسىل چۈشۈرمەستىن ئارقىمۇ-ئارقا ئوقۇشنى شەرت قىلىدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ شەرتنى تاللىغان. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 24-توم 54-بەت].

  6-جۇغلاپ ئوقۇلىدىغان ئىككى نامازنىڭ ئارىسىنى تەرتىپ بىلەن ئوقۇش شەرت قىلىنىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

   "دائىمىي پەتىۋا كومىتېت ئەزالىرى مۇنداق دەيدۇ: "نامازنى جۇغلىغان ھالەتتە نامازنى تەرتىپ بىلەن ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەۋۋەلدە پېشىننى ئاندىن ئەسىرنى ئادا قىلىدۇ، ئەۋۋەلدە شامنى ئوقۇپ ئاندىن خۇپتەننى ئادا قىلىدۇ، بۇ تەرتەپ نامازنى ئالدىغا سۈرۈپ ئادا قىلسۇن ياكى كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلسۇن ئوخشاش".  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 8-توم 139بەت].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازنى جۇپلاپ ئادا قىلىشتا تەرتىپ شەرت قىلىنىدۇ، ئەۋۋەلدە بىرىنچىسىنى ئاندىن ئىككىنچىسىنى ئادا قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ناماز ئادا قىلىۋاتقىنىمنى كۆرگەندەك ياكى ماڭا ئوخشاش ناماز ئادا قىلىڭلار دېگەن».

   شەرىئەت نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى تەرتىپ بىلەن بېكىتكەن، لېكىن ئىنسان ئۇنتۇپ قىلىپ بىلمەستىن ياكى خۇپتەن ئادا قىلىۋاتقان جامائەتنىڭ يېنىغا كەلگەندە كېچىكتۈرۈپ جۇغلاشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىپ ئاندىن شام نامىزىنى ئادا قىلغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە نامازنىڭ ئارىسىدىكى تەرتىپ چۈشۈپ كېرەمدۇ ياكى كەتمەمدۇ؟.

   بىزنىڭ پىقھى ئالىملىرىمىزنىڭ نەزىرىدە مەشھۇر قاراش: تەرتىپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، ئىنسان بىلمەسلىكتىن ياكى سەۋەنلىكتىن ياكى جامائەتكە ئۈلگۈرۈش ياكى باشقا سەۋەبلەردىن كېيىن ئوقۇيدىغان نامازنى بۇرۇن ئوقۇغان بولسا، جۇغلاپ ئوقۇغىنى تۇغرا بولمايدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟.

    جاۋاپ: بىرىنچى قېتىم ئادا قىلغان ناماز پەرز جەھەتتىن توغرا بولمايدۇ، ئۇنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ.

   بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى كېچىكتۈرۈپ جۇغلاپ ئادا قىلىشنى مەقسەت قىپتۇ، مەسچىتكە كىرگەن ۋاقىتتا جامائەتنىڭ خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خۇپتەننى نىيەت قىلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە خۇپتەننى ئوقۇپتۇ، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن شام نامىزىنى ئوقۇپتۇ، بىز دەيمىز: خۇپتەن نامىزى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنى شام نامىزىدىن ئىلگىرى ئادا قىلدى، بۇنىڭدا تەرتىپ بىلەن ئادا قىلىش شەرتتۇر، ئوقۇغان شام نامىزى توغرا بولىدۇ، خۇپتەن نامىزىنى قايتىدىن ئادا قىلىدۇ، بىزنىڭ توغرا بولمايدۇ دېگەن سۆزىمىز: مەسئۇلىيەت ئادا بولىدىغان پەرزلىك ئادا بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ساۋاپ بېرىلىدىغان نەپلە بولىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى"4-توم 401-402-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى