چارشەنبە 22 شەۋۋال 1445 - 1 ماي 2024
Uygur

بېلىق تۇتۇشنى تەنتەربىيە مەشىقىگە ئايلاندۇرۇۋىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

بېلىق تۇتۇشنى تەنتەربىيە مەشىقىگە ئايلاندۇرۇۋالسا توغرا بولامدۇ؟ بىز تۇتقان بېلىقنى تاشلىۋەتمەيمىز بەلكى ئۇنى يەيمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەسلىدە ئوۋ ئوۋلاش دۇرۇس لېكىن ئېھراملىق ھالەتتە ياكى ھەرەم دائىرىسى ئىچىدە ئوۋ ئوۋلاش دۇرۇس ئەمەس. ئەمما ئېھراملىق كىشى بېلىق ۋە باشقا دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئوۋلىسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ مَتَاعًا لَكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ وَحُرِّمَ عَلَيْكُمْ صَيْدُ الْبَرِّ مَا دُمْتُمْ حُرُمًا وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ  تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى، مادامىكى سىلەر ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە ئىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى، سىلەر (قىيامەت كۈنى) دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار» [سۈرە مائىدە 96-ئايەت].

    توغرا مەقسەتتە دۇرۇس بولغان ھايۋانلارنى  سېتىپ مەنپەئەتلىنىش ياكى يېيىش ئۈچۈن ئوۋلاش بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭدەك، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ياكى كۆڭۈل ئېچىش ياكى باشقا مەقسەت بىلەن  بېلىق تۇتۇپ، بېلىقنى سېتىپ پايدىلانسا ياكى ئۆزى يېسە دۇرۇس بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر ئوۋ قىلغۇچى ياكى بېلىق تۇتقۇچىنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجى يوق بولۇپ، پەقەت ئېچ-پۇشۇقىنى چىقىرىش ياكى ھەرىكەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلاش ياكى بېلىق تۇتۇشنىڭ ھۆكمى ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالىتىدىن مەكرۇھلۇق ھالىتىگە ئۆزگىرىدۇ.

    "پىقھى توپلاملىرى "28-توم 115-بەتتە مۇنداق كەلگەن: ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ئەسلىدە دۇرۇس ئىكەنلىكى بىلىنسە، بۇنىڭغا ئوۋلىماسلىق ياخشى، مەكرۇھ، ھارام، دۇرۇس ياكى ۋاجىپ دەپ ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ، لېكىن ئايرىم دەلىللەر بىلەن بايان قىلىنغان خاس ھالەت ئايرىم بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز:

    -ئەگەر ئوۋ قىلىشتىكى مەقسىتى كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئويۇن-تاماشا قىلىش بولسا، بۇنداق قىلىش مەكرۇھ بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جانلىق نەرسىلەرنى نىشان تىكلىمەڭلار» [مۇسلىم رىۋايىتى 1957-ھەدىس].

    كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق ھالەتتە ئوۋ قىلىشنى مەكرۇھ دەپ ئوچۇق بايان قىلغان. مالىكى مەزھىپىدىكى نەپراۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىدە ئوۋ قىلىش مەكرۇھ تەنزىھ يەنى قىلسا بولىدىغان لېكىن ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىش». ["پەۋاكىھۇد دەۋانىي" 1-توم 390-بەت].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئوۋ قىلىش دۇرۇس، پەقەت كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن-تاماشا قىلىش ئۈچۈن ئوۋ قىلىش مەكرۇھ، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق، زىرائەتلىرىنى چەيلەپ ئوۋ قىلىش بولسا ھارام بولىدۇ". ["پەتىۋا كۇبرا" 5-توم 550-بەت].

    شەيخ مەنسۇر بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئوۋ قىلىش مەكرۇھتۇر. ئەگەر كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق، زىرائەتلىرىنى چەيلەپ ئوۋ قىلىش بولسا ھارام بولىدۇ، چۈنكى ۋاستىگە مەقسەتنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ". ["كەشاپۇل قىنا" 6-توم 213-بەت].

    ئىبنى ئابىدىين رەھىمەھۇللاھ: "پەتىۋالار مەجمۇئەسىدە: كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئوۋ قىلىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ دېگەن". ["رەددىل مۇختار"5-توم 297-بەت].

    ئۈچىنچى: ئوۋ قىلىشتىن بولغان مەقسەت ئوۋلىغان نەرسىدىن يېيىش، سېتىش ۋە باشقىلارغا ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق پايدىلىنىپ كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە ھەرىكىتى قىلىش بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىغان مەكرۇھلۇق سەۋەپ يوق بولىدۇ، ھۆكۈم ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالىتىگە قايتىدۇ، چۈنكى بۇ ھالەتتە ئوۋ قىلىش پەقەتلا كۆڭۈل ئېچىش ياكى ئىقتىسادىنى بىكار قىلىش ياكى ئوۋ قىلغان نەرسىنى ئازابلاش ئەمەس.

    مۇھەممەد بىن ئىبراھىم ئال شەيخ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىكاردىن سەۋەبسىز جانلىققا ئۆلۈمنى تېتىتىش  يولغا قويۇلمىغان، بىر كىشى ماشىنىدا كېتىۋېتىپ بىر ھايۋاننى ئاتقان بولسا ئۇنى يېيىش مەقسىتى ياكى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىش مەقسىتى بولمىسا، بۇنداق قىلىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ. ھەدىستە: «ھەقسىز بىر قۇچقاچنى ئۆلتۈرسە ئۇنىڭدىن سوئال قېلىنىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان. [مۇھەممەد بىن ئىبراھىم ئالى شەيخ پەتىۋا، رەسائىللىرى" 12-توم 231-بەت].

     شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يېيىش ۋە سېتىپ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت يوللۇق مەنپەئەت ئۈچۈن قىرغاۋۇل، جەرەن ۋە توشقان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوۋلىغان بولسا توغرا بولىدۇ. ئەمما بۇ نەرسىلەرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ قويۇش ئۈچۈن ئوۋلاش توغرا بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ. گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋان پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن ئوۋلىنىدۇ، يېيىش، كەمبەغەللەرگە  تارقىتىپ بېرىش، باشقىلارغا ھەدىيە قىلىش ياكى سېتىش، ئەمما ئويۇن-تاماشا ئۈچۈن ئوۋلاش توغرا بولمايدۇ. مۇسۇلمانغا بۇ شەكىلدە ئويۇن قىلىش لايىق بولمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېيىش ياكى پايدىلىنىشتىن باشقا مەقسەتتە ئوۋ قىلىشتىن چەكلىگەن". [شەيخ بىن باز تور بېتىدىن ئېلىندى].

    خۇلاسە: ئوۋلىغان نەرسىدىن مۇمكىن بولغان ھالەتتە يېيىش، سېتىش ياكى باشقا تەرەپتىن پايدىلىنىش بولىدىكەن بۇ ھالەتتە ئوۋ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ئۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى