يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

تەۋرات ۋە ئىنجىلنى تۆۋەن كۆرۈشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   قۇرئان كەرىم پارچىلىرىنى تاشىلىۋېتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەن، لېكىن بىز ئۇنى مەلۇم يوللار بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، ئەمدى ئىنجىل ۋە تەۋراتنىڭ پارچىلىرىنى تاشلىۋەتسەك ھارام بولامدۇ ياكى ئۇنىمۇ مۇھاپىزەت قىلىش كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   1-مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلىرىگە، نازىل قىلغان بارلىق كىتاپلىرىغا ئىشىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مِنْ رَبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى.(ئۇلار) «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز(يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)»دەيدۇ» [سۈرە بەقەرە 285-ئايەت].

   "مۇئمىنلەر، ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىگە، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ ۋە رەبنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە، بارلىق پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرگە، ئاللاھ تائالا ئاسماندىن ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان بارلىق كىتاپلارغا ئىشىنىدۇ". [تەپسىر ئىبنى كەسىر" 1-توم 736-بەت].

   ئاللاھ تائالا بىزگە ئەھلى كىتابنىڭ تەۋرات ۋە ئىنجىلنى ۋە ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۆزگەرتكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆزگەرتىش كىتابنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ، ھازىرغىچە يەنىلا ئۇ كىتابلاردا ھەق بولغان ئەسلى كەلىمىلەرمۇ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى تۆۋەن كۆرۈش، كۆزگە ئىلماسلىق توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىتابلار ھازىرمۇ ئاللاھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى ۋە بەزى ئىسىم، سۈپەتلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   ھەيتەمى "تۆھپەتۇلمۇھتاج" ناملىق ئەسەر 1-توم 178-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەق سۆز: ئۇ ئىككى كىتابتا ئۆزگەرتىلمىگەن ۋە بىز دىنىمىزدىن ئۆگەنگەن بىلىمگە مۇۋاپىق كىلىدىغان نەرسە بار دەپ قارالمايدۇ".

    خەتىپ شىبرىينى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭ پارچىسىنى ئېھتىرام قىلمىسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. قازى: تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىدىن خالى بولغان پارچىلىرىغا ئېھتىرام قىلمىسىمۇ دۇرۇس دەپ قارىغان. ["مۇغنى مۇھتاج" 1-توم 162-163-بەت].

   خەرشىي "مۇختەسەر" 8-توم 63-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ئېھتىرام قىلىشتا قۇرئان كەرىمگە ئوخشاشتۇر".

    ھەتتاب"مەۋاھىبۇل جەلىيل" 1-توم 287-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى؛ ئىھانەت قىلسا دۇرۇس بولىدىغان ئۆزگەرتىلگەن ئىنجىل ۋە تەۋراتقا يېزىلغان بولسىمۇ ئۇنى ئېھتىرام قىلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىش ياكى سۇغا ئېقىتىۋېتىش كېرەك. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىھانەت قىلىش توغرا بولمايدۇ".

    ئىككىنچى: مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى كىتاپلارغا قانائەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئالىملار بولسا ئۇنى ئوقۇپ ئارىسىدىن ئۆزگەرتكەن ۋە يالغاننى چىقىرىش ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلسە بولىدۇ.

    جابىر بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەھلى كىتابنىڭ بەزىسىدىن ئالغان تەۋراتنىڭ پارچىسىنى ئىلىپ كېلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئوقۇپ بەرگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ: «ئەي خەتتابنىڭ ئوغلى! ئۇنىڭغا ئەقلىڭلار كېتىپ قالدىمۇ؟، مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە سۈپ-سۈزۈك ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدىم، سىلەر ئەھلى كىتابتىن بىر نەرسە سورىماڭلار، ئۇلار سىلەرگە ھەقىقەتنى خەۋەر قىلسا، يالغان چىقىرىپ، باتىلنى سۆزلىسە ئېشىنىپ قالىسىلەر، مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئەگەر مۇسا ئەلەيھىسسالام ھازىر ھايات بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ماڭا ئەگىشىشتىن باشقا يول يوق ئېدى، دېدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 14736-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئىرۋائۇل غەلىل" 6-توم 34-بەتتە كەلتۈرگەن.

    بىز ئەھلى كىتابنىڭ ئىنجىل، تەۋرات قاتارلىق كىتاپلىرىنىڭ پارچىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالساق، ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ساقلىۋېلىشىمىز ياكى كۆزگە ئىلماي ئاھانەت قىلىشىمىز توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ بەزى ئىسىم، سۈپەتلىرى شۇنداقلا ئەھلى كىتاپ ئۆزگەرتمىگەن ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىشىمىز كېرەك بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى