جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر قايسى؟، مەن ئۇنى تولۇق بىلىشنى خالايمەن، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   توغرا بولغان ئۇخلاش دۇئالىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە كۆپ بايان قىلىنغان، ھەتتا ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: "بۇ باپتا نۇرغۇن ھەدىس ۋە ئەسەرلەر بايان قىلىنغانلىقىنى بىلىمەن، ئاللاھ ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان كىشى ئۈچۈن زىكىر قىلغانلىرىمىز كۇپايە قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېرىكىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تەكرارلىرىنى چىقىرىۋەتتۇق، ئۇنىڭ مۇھىملىرىنى ئوقۇشقا قادىر بولالمىغانلار ئۈچۈن مۇشۇ باپتا زىكىر قىلىنغان دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇش ياخشىدۇر. ["ئەلئەزكار"95-بەت].   

    مۇشۇ باپنىڭ ھەدىسلىرىدىن سەھىھ بولغانلىرىنى بۇ يەردە توپلايمىز:

   1-پاناھلىق تىلەش ئايەتلىرىنى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ ئىككى ئالقىنىغا سۈپلەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ياتىدىغان جايىغا كەلگەندە ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ: قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەد، قۇلئەئۇزۇ بىرەببىلپەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىنناسنى ئوقۇپ بەدىنىدىن قولى يەتكەن يەرلەرنى سىلايتتى، ئالدى بىلەن ئىككى قولى بىلەن بېشىنى، يۈزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ئالدى تەرىپىنى سىلايتتى ۋە بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 5017-ھەدىس].

   2-ئايەتەل كۇرسىنى ئوقۇش: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى رامىزانلىق زاكات ماللىرىنى ساقلاشقا ۋەكىل قىلدى، كېچىدە بىرسى كېلىپ ئۇۋۇشلاپ ئاشلىق ئالغىلى تۇردى، مەن ئۇنى تۇتۇۋېلىپ سىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىمەن دېدىم، (ھەدىسنى بايان قىلىدۇ) ئۇ كىشى: ئۇخلايدىغان ئورنۇڭغا كەلگەندەئايەتەل كۇرسىنى ئوقۇساڭ، سېنىڭ يېنىڭدا دائىم ئاللاھ تەرەپتىن بىر ساقلىغۇچى بولىدۇ، ھەتتا تاڭ يورۇغىچە شەيتان ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ يالغانچى، ساڭا راست گەپ قىلىپتۇ، ئۇ شەيتان دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى2311-ھەدىس].

   3-بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنى ئوقۇش: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا ئۇ كىشىگە كۇپايە قېلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى5009-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى808-ھەدىس].

    ئۆلىمالار كۇپايە قىلىدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىلەر: شۇ كېچىدىكى ئاپەتلەرگە كۇپايە قىلىدۇ دېدى، يەنە بەزىلەر: شۇ كېچىدە قىيامدا تۇرغانغا كۇپايە قىلىدۇ دېدى، بۇ ئىككىلا ئىشنى مەقسەت قىلىش توغرا بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   4-كاپىرۇن سۈرىسىنى ئوقۇش: نەۋپەل ئەشجەئى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: قۇليا ئەييۇھەل كاپىرۇن سۈرىسىنى ئوقۇ ئۇنىڭ تۈگەنچىسىدە ئۇخلىغىن، چۈنكى ئۇ شېرىكتىن ئادا-جۇدالىقتۇر. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5055-ھەدىس. ئىبنى ھەجەر ھەسەن دەپ"نەتائىجۇل ئەپكار ناملىق ئەسەر"3-توم 61-بەتتە بايان قىلغان].

   5-ئىسرا سۈرىسىنى ئوقۇش: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسرا بىلەن زۇمەر سۈرىسىنى ئوقۇمىغىچە ئۇخلىمايتتى. تىرمىزى رىۋايىتى 3402- ھەدىس. ئىبنى ھەجەر ھەسەن دەپ"نەتائىجۇل ئەپكار"3-توم 65-بەتتە زىكىر قىلغان].

   6-زۇمەر سۈرىسىنى ئوقۇش: بۇنىڭ دەلىلى ئىلگىرىكى ھەدىستە بايان قىلىندى.

   7-ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ۋاپات بولىمەن ۋە سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ياشايمەن: ھۇزەيپە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلاشنى ئىرادە قىلغان ۋاقتىدا: ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ۋاپات بولىمەن ۋە سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ياشايمەن دەيتتى، ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا: بىزنى ۋاپات تاپتۇرغاندىن كېيىن تىرگۈزگەن ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن قايتىش ئاللاھنىڭ تەرىپىگىدۇر دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 6324-ھەدىس].

   8-ئى ئاللاھ! جېنىمنى ساڭا ئامانەت قويدۇم، يۈزۈمنى ساڭا قاراتتىم، ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، پۈتۈن ۋۈجۈدۈمنى ساۋابىڭدىن ئۈمىتلەنگەن ۋە ئازابىڭدىن قورققان ھالدا ساڭا بېغىشلىدىم، ساڭا قايتىشتىن باشقا پاناھلىنىدىغان ۋە قېچىپ قۇتىلىدىغان جاي يوق، چۈشۈرگەن كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈردۈم:

  بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ياتىدىغان جايىڭغا كەلگەندە، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ يېتىپ: مۇنداق دېگىن: ئى ئاللاھ! جېنىمنى ساڭا ئامانەت قويدۇم، يۈزۈمنى ساڭا قاراتتىم، ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، پۈتۈن ۋۈجۈدۈمنى ساۋابىڭدىن ئۈمىتلەنگەن ۋە ئازابىڭدىن قورققان ھالدا ساڭ بېغىشلىدىم، ساڭا قايتىشتىن باشقا پاناھلىنىدىغان ۋە قېچىپ قۇتىلىدىغان جاي يوق، چۈشۈرگەن كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈردۈم دېگىن، ئەگەر مۇشۇ كېچىدە ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئىسلامدا بولىسەن، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى سۆزۇڭ مۇشۇ بولسۇن دېدى، مەن بۇ دۇئانى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قايتا ئوقۇپ بېرپ، نازىل قىلغان كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن ئەلچەڭگە ئىمان ئېيتتۇق دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇنداق ئەمەس، ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان ئېيتتۇق دەيسەن» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 6311-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2710-ھەدىس].

   9-ئى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئۆزۈمنى يەرگە قويدۇم ۋە نامىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ئەگەر جېنىمنى ئالماقچى بولساڭ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئەگەر ئۇنى ماڭا قايتا ئاتا قىلماقچى بولساڭ، ئۇنى سالىھ بەندىلىرىڭنى ساقلايدىغان ئىنايىتىڭ بىلەن ساقلىغىن:

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بېرىڭلار ياتىدىغان جايىغا كەلگەندە كۆرپىسىنى كىيىمى بىلەن سىلكىۋەتسۇن، چۈنكى كۆرپىسىگە نېمىلەرنىڭ چۈشكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئاندىن: ئى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئۆزۈمنى يەرگە قويدۇم ۋە نامىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ئەگەر جېنىمنى ئالماقچى بولساڭ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئەگەر ئۇنى ماڭا قايتا ئاتا قىلماقچى بولساڭ، ئۇنى سالىھ بەندىلىرىڭنى ساقلايدىغان ئىنايىتىڭ بىلەن ساقلىغىن، دېسۇن. [بۇخار رىۋايىتى6320-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2714-ھەدىس].

   10-ئوتتۇز ئۈچ قېتىم سۇبھانەللاھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم ئەلھەمدۇلىللا، ئوتتۇز تۆت قېتىم ئاللاھۇئەكبەر دېيىش: ئەلى ئبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ خىزمەتچى سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىزگە خىزمەتچىدىنمۇ ياخشى بىر نەرسىنى دەپ بىرەيمۇ؟ سىز ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا ئوتتۇز ئۈچ قېتىم سۇبھانەللاھ، ئوتتۇز ئۈچ قېتىم ئەلھەمدۇلىللاھ، ئوتتۇز تۆت قېتىم ئاللاھۇئەكبەر دەڭ دېگەن، مەن شۇنىڭدىن كېيىن بۇ زىكىرنى تەرك قىلمىدىم دېگەندە، بىرسى: سىپپىن ئۇرۇشى بولغان كېچىدىمۇ دېدىڭمۇ؟ دېدى، ئۇ: سىپپىن ئۇرۇشى بولغان كېچىدىمۇ دېدىم دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى5362-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2727-ھەدىس].

   11-ئى پەرۋەردىگارىم! بەنىدىلىرىڭنى تېرىلدۈرىدىغان قىيامەت كۈنىدە مېنى ئازابىڭدىن ساقلىغن:

   ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇخلاش ۋاقتىدا ئوڭ قولىنى ئوڭ مەڭزىنىڭ ئاستىغا قويۇپ: ئى پەرۋەردىگارىم! بەندىلىرىڭنى تېرىلدۈرىدىغان قىيامەت كۈنىدە مېنى ئازابىڭدىن ساقلىغن دەپ ئۈچ قېتىم دەيتتى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5045-ھەدىس. ھاپىز ئىبنى ھەجەر "پەتھۇلبارى"11-توم 119-بەتتە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

   12-ھەمدۇ سانالار بىزنى غىزالاندۇرغان، سۇغارغان، ئېھتىياجىمىزنى تولۇقلاپ بەرگەن ۋە بىزگە پاناھلىق بەرگەن ئاللاھقا خاستۇر، قانچىلىغان كىشىلەر باركى، ئۇلار نە ئېھتىياجىنى قامداشتىن ۋە نە پاناھگاھتىن مەھرۇمدۇر:

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇخلايدىغان جايغا كەلگەندە: ھەمدۇ سانالار بىزنى غىزالاندۇرغان، سۇغارغان، ئېھتىياجىمىزنى تولۇقلاپ بەرگەن ۋە بىزگە پاناھلىق بەرگەن ئاللاھقا خاستۇر، قانچىلىغان كىشىلەر باركى، ئۇلار نە ئېھتىياجىنى قامداشتىن ۋە نە پاناھگاھتىن مەھرۇمدۇر دەيتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2710-ھەدىس].

   13-ئى ئاللاھ! جېنىمنى سەن ياراتتىڭ، ئۇنى يەنە سەن ئالىسەن، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ماماتى يەنە ساڭا ئائىتتۇر، ئەگەر جېنىمنى ھايات قويماقچى بولساڭ ئۇنى ساقلىغىن، ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭدىن ئامانلىق تىلەيمەن:

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىر كىشىنى ياتىدىغان جايىغا كەلگەندە مۇنداق دېيىشكە بۇيرىغان: ئى ئاللاھ! جېنىمنى سەن ياراتتىڭ، ئۇنى يەنە سەن ئالىسەن، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ماماتى يەنە ساڭا ئائىتتۇر، ئەگەر جېنىمنى ھايات قويماقچى بولساڭ ئۇنى ساقلىغىن، ئەگەر ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭدىن ئامانلىق تىلەيمەن بىر كىشى ئۇنىڭدىن: سەن بۇنى ئۆمەردىن ئاڭلىدىڭمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن بۇ ھەدىسنى ئۆمەردىنمۇ ياخشى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىدىم دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2712-ھەدىس].

   14- ئى يەتتە قات ئاسمان ۋە زېمىن ۋە ئۇلۇغ ئەرىشنىڭ ئىگىسى، بىزنىڭ ۋە پۈتۈن كائىناتنىڭ پەرۋىشچىسى، ئۇرۇق ۋە دانلارنى ئۈندۈرگۈچى، تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاننى چۈشۈرگۈچى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغان ھەر نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! سەن قەدىمسەن سېنىڭدىن ئىلگىرى ھېچ نەرسە يوق، ئەبەدىيسەن سېنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە باقى ئەمەس، قۇدىرتىڭ بىلەن ئاشكاراسەن، سېنىڭدىن باشقا ئىلاھلىقى روشەن بىر زات يوق، كۆز بىلەن كۆرۈشكە مەخپىسەن، سېنىڭدىن مەخپى نەرسە يوق، بىزنى قەرىزدارلىقتىن قۇتقۇزغىن ۋە پېقىرلىقتىن بىھاجەت قىلغىن:

   سۇھەيل مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ سالىھ بىزنى بىزلەرنىڭ بىرىمىز ئۇخلايدىغان ئورنىغا كەلسە، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىپ: ئى يەتتە قات ئاسمان ۋە زېمىن ۋە ئۇلۇغ ئەرىشنىڭ ئىگىسى، بىزنىڭ ۋە پۈتۈن كائىناتنىڭ پەرۋىشچىسى، ئۇرۇق ۋە دانلارنى ئۈندۈرگۈچى، تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئاننى چۈشۈرگۈچى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغان ھەر نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! سەن قەدىمسەن سېنىڭدىن ئىلگىرى ھېچ نەرسە يوق، ئەبەدىيسەن سېنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە باقى ئەمەس، قۇدىرتىڭ بىلەن ئاشكاراسەن، سېنىڭدىن باشقا ئىلاھلىقى روشەن بىر زات يوق، كۆز بىلەن كۆرۈشكە مەخپىسەن، سېنىڭدىن مەخپى نەرسە يوق، بىزنى قەرىزدارلىقتىن قۇتقۇزغىن ۋە پېقىرلىقتىن بىھاجەت قىلغىن دېگەن دۇئانى ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئارقىلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان. [مۇسلىم رىۋايىتى 2713-ھەدىس].

   15-ئى ئاللاھ! سېنىڭ زاتىڭ بىلەن ۋە سېنىڭ تولۇق سۆزلىرىڭ بىلەن سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئى ئاللاھ سەن قەرزنى ۋە گۇناھنى سەن كۆتۈرۋەتكۈچى، ئى ئاللاھ! سېنىڭ قوشۇنۇڭ مەغلۇپ بولمايدۇ، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن، سېنىڭ ھوزۇرۇڭدا كاتتىلارنىڭ كاتتىلىقى پايدا بەرمەيدۇ، سېنى ھەمدە ئېيتىش بىلەن پاكلايمەن:

   ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قېلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇخلايدىغان ئورنىغا كەلگەندە: ئى ئاللاھ! سېنىڭ زاتىڭ بىلەن ۋە سېنىڭ تولۇق سۆزلىرىڭ بىلەن سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئى ئاللاھ سەن قەرزنى ۋە گۇناھنى سەن كۆتۈرۋەتكۈچى، ئى ئاللاھ! سېنىڭ قوشۇنۇڭ مەغلۇپ بولمايدۇ، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن، سېنىڭ ھوزۇرۇڭدا كاتتىلارنىڭ كاتتىلىقى پايدا بەرمەيدۇ، سېنى ھەمدە ئېيتىش بىلەن پاكلايمەن، دەيتتى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5052-ھەدىس. نەۋەۋىي سەھىھ دەپ "ئەل ئەزكار"ناملىق ئەسەر 111-بەتتە كەلتۈرگەن. ئىبنى ھەجەر"نەتائىجىل ئەپكار"2-توم 384-بەتتە كەلتۈرگەن. 

   16-ئاللاھنىڭ نامى بىلەن جىسمىمنى قويدۇم، ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى كەچۈرگىن، شەيتىنىمنى خار قىلغىن، مېنى دوزاختىن ئازات قىلغىن، ئۈستۈن تەرەپتىكى پەرىشتىلەرنىڭ قاتارىدا قىلغىن:

    ئەبىل ئەزھەرى ئەنمارىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ياتىدىغان جايىغا كەلگەندە: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن جىسمىمنى قويدۇم، ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى كەچۈرگىن، شەيتىنىمنى خار قىلغىن، مېنى دوزاختىن ئازات قىلغىن، ئۈستۈن تەرەپتىكى پەرىشتىلەرنىڭ قاتارىدا قىلغىن دەيتتى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5054-ھەدىس. نەۋەۋى ھەسەن دەپ "ئەل ئەزكار"125-بەتتە، ھاپىز ئىبنى ھەجەر"نەتائىجىل ئەپكار3-توم 60-بەتتە كەلتۈرگەن].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى