پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تەۋبە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن كۆپ خاتالىق سادىر قىلدىم، بۇنى ئاللاھدىن باشقا بىرسى بىلمەيدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ تەۋبەمنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلماننىڭ ئىمانى ئاجىزلىشىپ، نەپسى خاھىشى غالىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۈچۈن شەيتان گۇناھ-مەسىيەتنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ، ئاللاھ تائالا چەكلىگەن-ھارام قىلغان ئىشنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە مېھرىبان ۋە رەھمىتى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنسان ئۆزىگە زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مېھرىباندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَن تَابَ مِن بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّـهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ إِنَّ اللَّـهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ تەرجىمىسى: كىمكى (ئوغرىلىق قىلىپ كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، (ئەمەلىنى) تۈزىسە (يەنى ئوغرىلىق قىلىشتىن يانسا)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە مائىدە 39-ئايەت[.

ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلغۇچى ۋە ئېسىل زاتتۇر، بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئاللاھنىڭ جەننىتى ۋە رەھمىتى بىلەن ئۇتۇق قازىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەقىقى تەۋبە قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّـهِ تَوْبَةً نَّصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. [سۈرە تەھرىم 8-ئايەت].

بەندىلەر ئۈچۈن كۈن غەرىپتىن چىققانغا قەدەر تەۋبىنىڭ ئېشىكى ئوچۇقتۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا كۈن غەربتىن چىققانغا قەدەر كۈندۈزدە خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە ۋە كېچىدە خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە قولىنى ئېچىپ تۇرىدۇ. [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 2759-نۇمۇرلۇق ھەدىس].

ھەقىقى تەۋبە ئاغزاكى دەپ قويىدىغان سۆز بولماستىن بەلكى تەۋبىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن خاتالىق سادىر قىلغۇچى كىشى تىزلىك بىلەن قىلغان خاتالىقلىرىدىن قول ئۈزۈشى، قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىشى ۋە تەۋبە قىلغان خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىق ئىرادىسىگە كېلىشى كېرەك، باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان بولسا ياكى كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى بولسا ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشى كېرەك. تەۋبىنى ئۆلۈم سەكراتىغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى قىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا التَّوْبَةُ عَلَى اللَّـهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِن قَرِيبٍ فَأُولَـٰئِكَ يَتُوبُ اللَّـهُ عَلَيْهِمْ ۗ وَكَانَ اللَّـهُ عَلِيمًا حَكِيمًا. وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّىٰ إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ ۚ أُولَـٰئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا تەرجىمىسى: ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى(يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى)قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق. [سۈرە نىسا 17-18-ئايەت].

ئاللاھ تائالا تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچى ۋە مېھرىبان زات بولغاچقا خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى تەۋبە قىلىۋېلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَىٰ نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ ۖ أَنَّهُ مَنْ عَمِلَ مِنكُمْ سُوءًا بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابَ مِن بَعْدِهِ وَأَصْلَحَ فَأَنَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ تەرجىمىسى: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ دېگىن.» [سۈرە ئەنئام 54-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بەك مەرھەمەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَهُوَ الَّذِي يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَعْفُو عَنِ السَّيِّئَاتِ وَيَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. [سۈرە شورا 25-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ اللَّـهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ﴾ تەرجىمىسى:ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ [سۈرە بەقەرە 222-ئايەت].

كاپىر مۇسۇلمان بولغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوا إِن يَنتَهُوا يُغْفَرْ لَهُم مَّا قَدْ سَلَفَ وَإِن يَعُودُوا فَقَدْ مَضَتْ سُنَّتُ الْأَوَّلِينَ تەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر بىلەن قايتا دۈشمەنلەشسە، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىش مېنىڭ تۇتقان يولۇم بولۇپ كەلدى، ئۇلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن. [سۈرە ئەنپال 38-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئەپۇچاندۇر، كۆيۈمچاندۇر، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىش ئۈچۈن تەۋبە قىلىشقا بۇيرىدۇ، ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان ئازدۇرغۇچى شەيتانلار كىشىلەرنى ھەق يولدىن باتىلغا بۇرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاللَّـهُ يُرِيدُ أَن يَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَيُرِيدُ الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الشَّهَوَاتِ أَن تَمِيلُوا مَيْلًا عَظِيمًا تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ (بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكرارلاندى). شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار(يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغانلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى(شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خالايدۇ. [سۈرە نىسا 27-ئايەت].

ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغۇچىدۇر، بەندىنىڭ گۇناھى ھەر قانچە كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھ-مەسىيەتكە چۆكۈپ كەتسە، ئاندىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەر قانچە خاتالىقى بولسىمۇ كەچۈرۈم قىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِن رَّحْمَةِ اللَّـهِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىر قىسمى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ، كىم ماڭا دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، بىر نەرسە سورىسا سورىغىنىنى بىرىمەن، كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا كەچۈرۈم قىلىمەن دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1077- ۋە مۇسلىم رىۋايىتى758-ھەدىسلەر].

ئىنسان نەپسى زەئىپتۇر، ئىنسان گۇناھ قىلغان ۋاقىتتا ھەر ۋاقىت ئاللاھغا تەۋبە قىلىپ كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشى كېرەك، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە مېھرىباندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَعْمَلْ سُوءًا أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ اللَّـهَ يَجِدِ اللَّـهَ غَفُورًا رَّحِيمًا تەرجىمىسى: كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. سۈرە نىسا 110-ئايەت].

مۇسۇلمان خاتالىق ۋە گۇناھ-مەسىيەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋبە-ئىستىغپارنى كۆپ قىلىشى تەلەپ قېلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەر كۈنى ئاللاھغا يەتمىش قېتىمدىن ئارتۇق تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىمەن. [بۇخارى رىۋايىتى6307-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبە قىلىشىنى ياقتۇرىدۇ، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، بەلكى بۇنىڭدىن خۇرسەن بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۆلۈكتە ئوزۇق-تۈلۈكى بار بولغان تۆگىسىنى يوقۇتۇپ قويۇپ كېيىن تېپىۋالغاندا خۇرسەن بولغىنىدىنمۇبەكرەك خۇرسەن بولىدۇ. [بۇ ھەدىس بىرلىككە كەلگەن بولۇپ بۇخارى 6309- نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان].

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تۈۋەيجىرىنىڭ: "ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى" ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى