جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى توغرىسىدا

سۇئال

  دادامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلماقچى ئىدىم، نېمە قىلىشىم كېرەك؟، قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەدەپلىرى قانداق بولىدۇ؟، ئۇ يەردە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بارمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر،  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قەبرە زىيارەت قىلىش ئۇنىڭدىن ۋەز-نەسىھەت ئېلىش ۋە ئاخىرەتنى ئەسلەش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، قەبرە زىيارەت قىلىشنىڭ شەرتى: قەبرىنىڭ يېنىدا ئاللاھ تائالا ياقتۇرمايدىغان، غەزەپ قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق، ئاللاھنى قويۇپ قەبرە ساھىبىدىن ياردەم تېلىمەسلىك، قەبرە ساھىبىنى كەسكىنلىك بىلەن ئۇلۇغلاپ جەننەت ئەھلى دەپ ئېتىقاد قىلماسلىق قاتارلىقلار.

     قەبرە زىيارەت قىلىشتىن ئىككى ئىش مەقسەت قىلىنىدۇ:

    1-زىيارەت قىلغۇچى ئۆلۈمنى ۋە ئۆلگەنلەرنى ئەسلەش بىلەن مەنپەئەت ئالىدۇ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى يا جەننەتتە ياكى دوزاختا بولىدۇ، مانا بۇ قەبرە زىيارەت قىلىشتىن بولغان مەقسەتتۇر.

  2-زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسى، ئىستىغپارى ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى بىلەن مېيت مەنپەئەتلىنىدۇ، بۇ پەقەت مۇسۇلمانغا خاستۇر، مەيىتكە ئوقۇلىدىغان دۇئالاردىن: "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئ‍مىن ۋە مۇسۇلمانلار دىيارى!  ئاللاھ خالىسا بىز سىلەرگە قېتىلىمىز، بىز ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھدىن ئاپىيەت سورايمىز".

    دۇئا قىلغاندا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدىن چېقىپ كەتتى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بەرىرەنى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقاتتىم، خىزمەتچى دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەقىينىڭ تەرىپىگە ماڭدى، بەقىيىگە يېقىن كېلىپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى، ئاندىن بۇرۇلۇپ قايتتى، بەرىرەمۇ قايتتى، ئۇ كېلىپ بولغان ئىشلارنى ماڭا بىلدۈردى، ئەتتىگەندە مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى!  كېچىدىن قەيەرگە چىقتىلا دەپ سورىسام؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كېچىدىن بەقىي ئەھلىگە دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دېدى.

    لېكىن دۇئا قىلغاندا قەبرىگە يۈزلەنمەستىن بەلكى قىبلىگە يۈزلىنىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇشتىن چەكلىگەن، دۇئا دېگەن نامازنىڭ يىلىكى، جەۋھىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن نامازنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇئانىڭ ئۆزى ئىبادەتتۇر»، ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ   تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن». [سۈرە غاپىر 60 -ئايەت].

    ئاياغ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىلىرىگە دەسسەپ ماڭماسلىق كېرەك، بۇ توغرىدا ئۇقبەتە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چوغنىڭ ياكى قىلىچنىڭ ئۈستىدە ياكى ئايىغىمنى قولۇمدا كۆتۈرۈپ ماڭغىنىم، مەن ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىسىگە دەسسەپ ماڭغاندىن ياخشىدۇر، مەن ھاجىتىمنى قەبرىستانلىق ئوتتۇرىدا بولسۇن ياكى بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسۇن ئادا قىلسام پەرۋا قىلمايمەن». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1567-ھەدىس].

    ھەممىگە قادىر بولغان ئاللاھدىن بىزگە ۋە مۇسۇلمانلاردىن ۋاپات بولغانلارغا رەھمەت قىلىشنى سورايمىز.

مەنبە: شەيخ ئەلبانىينىڭ" جىنازە ئەھكاملىرىدىن قىسقارتىلما