جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلماننىڭ پىتنە بولغان دەۋىردە دىنىدىن ئەنسىرەپ كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

 ئىمام بۇخارى بايان قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئوقۇدۇم لېكىن مەنىسىنى چۈشەنمىدىم، بۇ ھەدىسدە: «ئاخىر زاماندا مۇسۇلماننىڭ ئەڭ ياخشى مېلى قوي بولىدۇ، دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ قويلىرىنى ئىلىپ تاققا چىقىپ كېتىدۇ»، بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەدىسنىڭ شەرھىسى: بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ كىتابىدا بىر قانچە ئورۇندا كەلتۈرگەن، "كىتاب پىتەن"دە 7088- بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېقىندا مۇسۇلماننىڭ مېلىنىڭ ئەڭ ياخشىسى قوي بولىدۇ، دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ قويلىرىنى ھەيدەپ يامغۇر چۈشىدىغان تاغ چوققىلىرىغا چېقىپ كېتىدۇ». مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا 1888-ھەدىستە مۇنداق بايان قىلغان، ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىشچە، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئىنسانلارنىڭ قايسىسى ئەڭ ئارتۇق دېدى؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۆزىنىڭ مېلى ۋە جىنى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشى» دېدى، ئۇ كىشى: ئۇنىڭدىن كېيىن كىم؟ دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن تەرك قىلىپ، تاغ چوققىسىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان مۆمىن» دېدى.

    ئىمام نەۋەۋىي مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 13-توم 34-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستىن بولغان مەقسەت پەقەت تاغنىڭ چوققىسىلا ئەمەس بەلكى كىشىلەردىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاش دېمەكتۇر، تاغ چوققىسىدا ئاساسەن ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەدىستە تاغ چوققىسى كەلگەن.

    ھەدىس پىتنە يامراپ كەتكەندە، مۇسۇلمان دىنىدىن ئەنسىرەپ قالسا، كىشىلەرگە ئارىلاشماستىن يالغۇز ياشاشنىڭ ئارتۇقلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا كىشىلەرگە ئارىلاشسا دىندىن يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كېتىش ياكى توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىشى ياكى شېرىككە چۈشۈپ قىلىشى ياكى ئىسلامنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى تەرك قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىسە يالغۇز ياشاش ياخشى بولىدۇ.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر پەتھۇل بارى 13-توم 42-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ھەدىس ئىنسان دىنىدىن ئەنسىرگەندە كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشاشنىڭ ئارتۇقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    سىندى رەھىمەھۇللاھ "نەسائىينىڭ شەرھىسى"8 -توم 124-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پىتنە ۋاقىتلىرىدا كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشاشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى بەلكى ياخشى بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ".

    ھازىر سۆزلەنگەن ئىككىنچى ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتنە دەۋرىدە كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشىغان كىشىنى ئارتۇقچىلىقتا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىد بىلەن باراۋەر قىلدى. ھاپىز ئىبنى ھەجەر پەتھۇلبارى 6-توم 6-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پىتنە دەۋرىدە كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشىغان مۇئمىن كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشاپ گۇناھدىن ساقلىنالمىغان كىشىدىن ئارتۇق بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا سادىر بولغان خاتالىق كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشاپ ھاسىل قىلغان ياخشىلىقتىن كۆپ بولۇپ كېتىدۇ، كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشاشنىڭ ئارتۇق بولىشى پەقەت پىتنە يۈز بەرگەن زامانغا خاس بولىدۇ.

    ئەمما پىتنە يۈزبەرمىگەن ۋاقىتتىمۇ ئۆز دىنىدىن ئەنسىرەپ كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ، كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق ۋاقىتتا يالغۇز ياشىغاندىن كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشاش ئارتۇق بولىدۇ دەپ، بۇنىڭغا تۆۋەندىكى بىر قانچە دەلىللەرنى كەلتۈردى:

    1-ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر شۇنداقلا كۆپچىلىك ساھابىلارنىڭ ھاياتى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكەن. ["نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 13-توم 34-بەت].

    2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبىر قىلىپ ياشىغان مۇئمىننىڭ ئېرىشىدىغان ئەجىر-ساۋابى، كىشىلەرگە ئارىلاشماي ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبىر قىلالمىغان مۇئمىننىڭ ئېرىشىدىغان ئەجىر-ساۋابىدىن كۆپ بولىدۇ». [تىرمىزى رىۋايتىى 5206-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4032-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2035-ھەدىس].

    سىندى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ماجەنىڭ شەرھىسى 2-توم 493-بەتتە مۇنداق دېگەن: "بۇ ھەدىس سەبىر قىلىپ كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشىغان كىشىنىڭ كىشىلەردىن ئايرىلىپ ياشىغان كىشىدىن ياخشى بولىدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ".

سەنئانى "سۇبۇلۇس سالام" 4-توم 416-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستە بايان قىلىنغان ئارتۇقلۇق، كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشاپ، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇپ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئۆتكەن كىشىنىڭ كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ياشاشقا سەبىر قىلالماي يالغۇز ياشىغان ئادەمدىن ئارتۇق بولىدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر".

   3-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشى تاغ ئۈستىدە تاتلىق سۈيى بار بىر بۇلاقنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بۇلاق سۈيىنىڭ تاتلىقلىقىدىن ئەجەبلىنىپ: كىشىلەردىن ئايرىلىپ مۇشۇ يەردە ياشىسامچۇ دەپ بولۇپ، بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراپ قىلاي دەپ، بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بايان قىلغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلمىغىن، سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا تۇرغان ئورنۇڭلار، ئۆيىدە يەتمىش يىل ناماز ئوقۇغاندىنمۇ ئارتۇقتۇر، ئاللاھنىڭ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىپ جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر تۆگىنى سىغقۇدەك ۋاقىت جىھاد قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 1574-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1348- ھەدىس].

    4-مۇسۇلمان ئادەم كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشىغاندا، ئىسلامى شۇئار-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىش، جۈمە نامىزى، جىنازا نامىزىغا قاتنىشىش، كېسەل يوقلاش، زىكىر-سۆھبەت قىلىش قاتارلىق شەرئى مەنپەئەتلەر ھاسىل بولىدۇ. ["پەتھۇل بارى"13-توم 43-بەت. نەۋەۋىينىڭ "مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 13-توم 34-بەت. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد