جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ھېيت نامىزىدىن ياكى سۇ تەلەپ قىلىش نامىزىدىن بىر رەكەتكە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، بۇنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟

سۇئال

ھېيت نامىزى ياكى سۇ تەلەپ قىلىش نامىزىغا ئۈلگۈرەلمىگەن ياكى ئىككىنچى رەكەتكە ئۈلگۈرگەن ياكى رۇكۇ-سەجدىگە ئۈلگۈرەلمىگەن كىشىلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا، ئىمامغا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشىنىڭ ئىمام بىلەن بىللە ئوقۇغىنى دەسلەپكى نامىزى بولىدۇ، ئىمامدىن كېيىن يالغۇز ئوقۇغىنى كېيىنكى نامىزى بولىدۇ، بۇ ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر. بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەتتىنمۇ بىر رىۋايەت بار. [ئىمام نەۋەۋىينىڭ "ئەل مەجمۇئ" 4-توم 420-بەت].

     بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاننى ئاڭلىساڭلار، ئالدىرىماي، تەبىئىي ھالەتتە نامازغا كېلىڭلار، ئىمام بىلەن بىرگە ئۈلگۈرگەننى ئوقۇڭلار، ئۈلگىرەلمىگەننى تولۇقلاڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى 636-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 602-ھەدىس. مۇشۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى بويىچە نامازغا ئىمامدىن كېيىن كەلگەن كىشىنىڭ ئىمام بىلەن ئوقۇغان نامىزى ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپكى نامىزى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن49037- نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    بەش ۋاقىت ناماز، ئىككى ھېيت نامىزى، سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ۋە باشقا نامازلارنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭدا ھېچ پەرق يوق، ئەگەر نامازغا كېيىن كەلگەن كىشى ئىمام بىلەن بىر رەكەت نامازغا ئۈلگۈرگەن بولسا، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپكى نامىزى ھېسابلىنىدۇ، ئىمام سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككىنچى رەكەتنى ئوقۇيدۇ، نامازنىڭ دەسلىۋىدە بەش تەكبىر ئېيتىدۇ، چۈنكى بۇ، ئۇ كىشىگە نىسبەتەن ئىككىنچى رەكەت ھېسابلىنىدۇ.

    ئەگەر سۇ تەلەپ قىلىش نامىزىدىن بىر رەكەتكە ئۈلگۈرگەن بولسا، ئىمام سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە بىر رەكەتنى ئوقۇيدۇ، دەسلەپتە بەش قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ، چۈنكى بۇ، ئۇ كىشىگە نىسبەتەن ئىككىنچى رەكەت ناماز ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىككىنچى رەكەت نامازدىن سەجدىگە ئۈلگۈرگەن ياكى ئاخىرقى تەشەھۇتقا ئۈلگۈرگەن بولسا، ئىمام سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن تۇرۇپ ئىككى رەكەت ئوقۇيدۇ، بىرىنچى رەكەتنىڭ ئەۋۋىلىدە ناماز باشلاش تەكبىرىدىن باشقا ئالتە ياكى يەتتە تەكبىر ئېيتىدۇ، ئىككىنچى رەكئەتتە ئورنىدىن تۇرۇش تەكبىرىدىن  باشقا بەش تەكبىر ئېيتىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى