پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا ئېرىشىشنىڭ يوللىرى ۋە بۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، قىلىدىغان ئىشىم: يېڭى خېرىدارلارغا شېركەتنىڭ خىزمەتلىرىنى توغرىلايمەن: تەشۋىق قىلىش، خىزمەتلىرىمىزنى ئېلان قىلىش، ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلخەت ئارقىلىق قىلىمەن، بۇ يەردە مەن بېكىتكەن تور بەتلەرگە تىزىملىتىلغان ئېمىيللارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان پىرۇگراممىلار بار، مەن بۇ پىراگىرامىلارنى مۇشۇ مەقسەت ئۈچۈن ئىشلەتسەم بولامدۇ؟، تور بەت بىلەن كۇلۇب ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟. بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟، دەلىللەر شېركەتنىڭ تور بېكىتىگە چىقىرىلىدۇ، شىركەت ئۆزىنىڭ ئېمىل ئادرىسىنى ھەممىگە چىقىرىدۇ، مەن ئېشىمنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ پىرۇگرامنى ئېلخەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشلەتسەم بولامدۇ؟، بىلىشىمچە، پىراگىرامىلارنىڭ بەزىنى ئىشلىتىش رۇخسەت قىلىنغان، بەزىسىنى زۆرۈر بولغاندا سېتىۋالالايمەن، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن، سوئالنى ئۇزارتىۋەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئۈزۈر تىلەيمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     نورمال تىجارەت قىلىش ياكى تور سودىسى قىلىش ئەسلىدە توغرا بولىدۇ، لېكىن شىركەت ياكى تور بەت ناخشا-مۇزىكا لىنتىلىرى، بىدئەت-بۇزۇقچىلىق تەشۋىق قىلىنىدىغان كىتاپ ماتېرىياللىرى، چالغۇ ئەسۋاپلىرى، چەكلەنگەنھارام يېمەكلىكلەر، شەھۋانىي ژۇرنال قاتارلىق شەرىئەتتە كەسكىن چەكلەنگەن تاۋارلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىكەن بۇنداق ئورۇندا ۋە بۇنداق سودىنى قىلىش چەكلىنىدۇ.

    بىز بۇنىڭ ھەممىسىنى ئىلگىرى تور بەتلىرىدە سودا قىلىشنىڭ شەرئى كۆرسەتمىسىنى بايان قىلدۇق، شۇنداقلا 107677 - نومۇرلۇق سوئال جاۋابىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق، شۇنىڭغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېلخەت ئادرىسىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىنى تەپسىلى بايان قىلىمىز:

   1-تور بەت ياكى تور كۇلۇبى ئەسلىدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلارغا خەۋەر قىلىپ ئۆزىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىنى ئۇلارغا بېرىدۇ، ئۇلار شېركەتنىڭ ئېلىكترونلۇق سودا بازىرى ۋە ئېلخەت تىزىملىكىگە كىرىپ سودا قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزمۇ ئۇ  تور بەتلەر ۋە تور كۇلۇپلىرىنىڭ ئېلخەت تىزىملىكىگە كېرىپ ئۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

   2-تور بەت ياكى تور كۇلۇپلىرى ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۇلارنىڭ تور بەتنىڭ ئېلخەت تىزىملىكىدە سودا قىلىش ھەققى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر قىلمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ يەرگە كېرىپ ئېلخەتلەردىن پايدىلىنىپ سودا قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ شېركەتنىڭ ئامانىتى ، بۇنداق تور بەت ياكى تور كۇلۇبى بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرا بولمايدۇ.

   3-تور بەتنىڭ ئېلخەت ئادرىسىغا يېتىش ئۈچۈن چېگرا ئاچىدىغان تور قاراقچىلىقى پىروگراممىسىنى ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش، باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشتۇر، بەزىلەر بۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئېمىل ئادرىسىغىمۇ تاجاۋۇز قىلىدۇ.

   4- باشقىلار ئۆزىنىڭ ئېمىل ئادرىسىنى تور بەت ياكى تور كۇلۇبىدا ئاشكارا قويغان بولسا،  سودا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ دۇرۇس بولغان تاۋارلىرىنى ئەۋەتسە ۋە تاۋارلارنى ئەۋەتىش ئۈچۈن ئاشۇنداق ئېمىل توپلايدىغان پىرۇگراممىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

   5- ئېرىشكەن ئېلخەتلەرگە تاۋارلارنى ئەۋەتىپ بولغاندىن كېيىن، ئېلخەتنىڭ ساھىبى ئۆزىنىڭ مۇنداق تور سودىسىغا ئېشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزىگە قايتا بىر نەرسە ئەۋەتمەسلىكنى بىلدۈرسە، ئۇنىڭغا قايتا ئەۋەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى بىر كىشىنىڭ ئېمىل ئادرىسىنى ئوچۇق قويغانلىقى ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنى قوبۇل قىلىمەن دېگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ رىغبىتىنى ئېھتىرام قىلىپ، ئۇلارغا قايتا بىر نەرسە ئەۋەتمەسلىك كېرەك.

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى