جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كائىناتتىكى نەرسىلەرنىڭ سانىدا لائىلاھە ئىللەللاھۇ دېيىشنىڭ ئايرىم ئارتۇقچىلىقى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنغانمۇ؟

سۇئال

مەن كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە مىديالاردا: سەلەپلەردىن بىرى بولغان ۋە بولىدىغان، ھەرىكەتلىنىدىغان ۋە ھەرىكەتلەنمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ سانىچە لائىلاھە ئىللەللاھۇ دەپ، يەنە بىر يىلدىن كېيىن بۇ سۆزنى يەنە بىر قېتىم دېسە، پەرىشتىلەر: بىز بۇ سۆزنى دېگەن كىشىنىڭ ئۆتكەن يىللىق ياخشىلىقىنى يېزىپ بولالمىغان ئىدۇق دەيدۇ، دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى كۆردۇم، بۇنداق دېيىش توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قۇرئان ۋە ھەدىستىن بايان قىلىنغان دەلىل بولماي تۇرۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دۇئاغا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا زىكىر-دۇئالارغا ئالاھىدە پەزىلەت ۋە ئەجىر-ساۋاپلارنى نىسبەت بېرىش توغرا بولمايدۇ.

   يۇقىرىدىكى سوئالدا بايان قىلىنغان ئەسەر ئۆلىمالارنىڭ كىتابلىرىدا، ھەدىس ئۆلىمالىرىنىڭ ھەدىس توپلاملىرىنىڭ ھېچ بىرىدە بايان قىلىنمىغان، بۇنداق ئەسەرلەرنى كىشىلەر ئارىسىدا تارقىتىش ۋە باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىش توغرا بولمايدۇ، پەقەت كىشىلەرنى مۇشۇنداق ئەسلى بولمىغان ئەسەرلەرگە تايانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن سۆزلىسە بولىدۇ، بارلىق مۇسۇلمانلار دىنغا توقۇلغان يالغاننى تارقىتىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك، بۇنىڭغا سەل قارىغان كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇغان كىشى ئۆزىگە دوزاختىن بىركىشىلىك ئورۇن ھازىرلىسۇن دېگەن دۇئاسىدىن نەسىۋېگە ئېرىشىپ قالىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بولغان ۋە بولىدىغان، ھەرىكەتلىنىدىغان ۋە ھەرىكەتلەنمەيدىغان، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندىن تارتىپ تاكى قىيامەت كۈنى قەبىردىن تېرىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ سانىچە لائىلاھە ئىللەللاھۇ" دېگەن دۇئا توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ دۇئا، دۇئادا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنگە ئوخشايدۇ، ئەگەر: "سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى ئەدەدە خەلقىھى ياكى لائىلاھە ئىللەللاھۇ ئەدەدە خەلقىھى دېگەن بولسا، بۇ ھەممىگە كۇپايە قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلغان زىكىرلەردىن بىرىدە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ پاكتۇر، ئاللاھ تائالا ئۆزى ياراتقان بەندىلىرىنىڭ سانىچە، ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يازىدىغان سىياھلارنىڭ سانىچە، ئەرىشنىڭ زىننەتلىرى ۋە ئۆزى مەمنۇن بولغىچە قەدەر ئۇنىڭغا ھەمدىلەر بولسۇن.

    مانا بۇ ئەڭ گۈزەل شەكىلدە بايان قىلىنغان تەسبىھدۇر، ئەمما بەزى ئىنسانلار قاپىيىداش سۆزلەرنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مەنالارنى توقۇيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئەسلى بولمىغان سۆزلىرىگە قارىماستىن ھەدىستە بايان قىلىغان زىكىرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى ياخشىدۇر". [ئايلىق ئۈچرىشىش ئوچۇق پىرۇگرامىسى 63-ئۇچرىشىش 14-سۇئال].

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى