شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

بامدات نامىزىدىن كېيىن مەسچىتتە ئولتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى ئەر ۋە ئاياللارنى ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ؟

سۇئال

   ئايالنىڭ كۈن چىققاندىن كېيىن ئىككى رەكەت نامازنى ئوقۇشنى كۈتۈپ زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىقىغا  مەسچىتتە بۇنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئەر كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجىرنىڭ ئوخشىشى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇغان جايدا كۈن چىققۇچە ئولتۇرۇپ ئاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقى توغرىسىدا گەرچە سەھىھ ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ بولسىمۇ بۇ توغرىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. بۇ ھەدىسلەردە بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇغان كىشى دەپ كەلگەن. ئۇ ھەدىس: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، كۈن چىققۇچە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغان كىشىگە ھەج-ئۆمرە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: تولۇق، تولۇق، تولۇق يەنە تولۇق ھەج-ئۆمرە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ» دېگەن. [بۇ ھەدىسنى تىرمىزى 586-نومۇردا بايان قىلىپ ھەسەن غەرىيب دېگەن، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 3403 –نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن]. 

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ (جامائەت بىلەن) دېگەن سۆزى  چەكلىمە دائىرىسىدىكى سۈپەت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۆيىدە يالغۇز ناماز ئوقۇغانلار ياكى   مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇماي يالغۇز ئوقۇپ ھەتتا كۈن چىققۇچە مەسچىتتە ئولتۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغانلار بۇ خاس بولغان تولۇق ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ ساۋابى بولىدىغان پەزىلەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، بولۇپمۇ ئايالنىڭ مەسچىتتە ئوقۇغان نامىزىدىن ئۆيدە ئوقۇغان نامىزى ئارتۇق بولىدۇ، شۇڭا ئايالغا ئومۇمى جەھەتتىن بولغان ئارتۇقچىلىق ۋە ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ، ئاللاھنى زىكىر قىلغان بولسا ئاللاھقا يېقىنلىشىشىدىن ئەڭ ياخشى ئىشلاردىن ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. 

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن مۇنداق سوئال سورالدى: ھەدىستە: «كىمكى بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ ئاندىن كۈن چىققۇچە ئاللاھنى ياد ئېتىپ ئولتۇرسا....» دەپ كەلگەن، بۇ ھەدىس ئايالنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ؟ بولۇپمۇ ئاياللار جامائەت بولماستىن ئۆيىدە ناماز ئادا قىلىدىغان تۇرسا؟ شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: (بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ  ناماز ئوقۇغان جايدا كۈن چىققۇچە ئاللاھنى ياد ئېتىپ ئولتۇرۇپ، كۈن چىققاندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلغان كىشىگە  تولۇق، تولۇق ھەج-ئۆمرە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ» دېگەن بۇ ھەدىسنى بەزى ئالىملار سەھىھ ئەمەس، زەئىپ دەپ قارىغان. 

    ئەگەر ئۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ قارىغاندىمۇ  بۇنىڭدىن پەقەت ئەرلەر مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇنداق بولىشى ئاياللار ھەققىدە جامائەت بولۇش يولغا قويۇلمىغان، جامائەت يولغا قويۇلغان كىشىلەر پەقەت ئەرلەر بولىدۇ، لېكىن ئايال كىشىمۇ  ئۆيىدە ناماز قىلغان ئورنىدا ئولتۇرۇپ كۈن چىققۇچە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ، كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز قىلسا، ئۇ ئايالنىڭمۇ قىلغان ئەمىلىگە ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلىنىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئەتتىگەن ۋە كەچ ھەر ئىككى ۋاقىت ئاللاھنى ياد قىلىدىغان، زىكىر-تەسبىھ قىلىدىغان ۋاقىتلاردىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْراً كَثِيراً.وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلاً‏ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 41-42-ئايەتلەر]. 

"نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" ناماز پەتىۋاسى/چاشكا نامىزى.  

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى