جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

يەر تەۋرىگەندە ئوقۇيدىغان ئايرىم دۇئا بارمۇ؟

سۇئال

يەر تەۋرىگەندە ئوقۇش كېرەك بولىدىغان دۇئا قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     يەر تەۋرەش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ كائىناتتىكى كاتتا ئالامەتلىرىدىندۇر، بەندىلىرىنى ئۇنىڭ سىناش بىلەن ئەسلىتىدۇ ياكى قورقۇتىدۇ ياكى جازالايدۇ، مۇشۇ ئالامەتلەر يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ئىنسان ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ زەئىپلىكى، ئاجىزلىقى، خارلىقى ۋە مۇھتاجلىقىنى ئەسلىشى كېرەك. دۇئا، يالۋۇرۇش ۋە ياردەم تىلەش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئاللاھ تائالا ئومۇمى ئىنسانلاردىن بۇ بالا-مۇسىبەتنى كۆتۈرۋېتىشى مۇمكىن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَى أُمَمٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَخَذْنَاهُمْ بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَتَضَرَّعُونَ . فَلَوْلَا إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا تَضَرَّعُوا وَلَكِنْ قَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ . فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّى إِذَا فَرِحُوا بِمَا أُوتُوا أَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً فَإِذَا هُمْ مُبْلِسُونَ  تەرجىمىسى: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى)ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى   (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق، ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق، ) ئۇلار ھەسرەتتە قالدى.» [سۈرە ئەنئام 42-43-44-ئايەتلەر].

    شۇنىڭ ئۈچۈن پىقھى ئالىملىرى يىر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ئىستىغپار ئېيتىش، دۇئا قىلىش، سەدىقە قىلىش ۋە يالۋۇرۇشنى مۇستەھەب دەپ قارىدى، شۇنداقلا كۈن تۇتۇلغان ۋە ئاي تۇتۇلغاندىمۇ شۇنداق قىلىش مۇستەھەب بولىدۇ.

    ئەللامە زەكىرىيا ئەنسارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  "يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، ھاۋا گۈلدۈرلەش كۈن تۇتۇلۇش قاتارلىق ھادىسىلەر يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ھەر بىر كىشىنىڭ دۇئا قىلىپ ئاللاھقا يالۋۇرىشى ۋە غاپىل بولماستىن يالغۇز بولسىمۇ ئۆيىدە ناماز ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بوران چىققان ۋاقىتتا: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن بۇ شامالنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە بۇ شامالدىكى نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى، بۇ شامال ئەۋەتىلگەن نەرسىنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، سىلىدىن بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن ۋە بۇ شامالدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن، بۇ شامال ئەۋەتىلگەن نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى.[مۇسلىم رىۋايىتى. "ئەسىننىل مەتالىب شەرھى روۋزەتۇ تالىب"   1- توم 288-بەت. "تۆھپەتۇل مۇھتاج" 3 -توم65 -بەتكە قارالسۇن].

     بىزنىڭ بىلىشىمىزچە يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ئوقۇش مۇستەھەب بولغان مۇئەييەن دۇئا ياكى زىكىر ئوقۇش توغۇرلۇق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن دەلىل يوق، ھەقىقەتەن كىشىلەردىن مۇشۇ ھادىسىنىڭ كۆتۈرلۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئاللاھدىن رەھمەت، ياردەم تىلەيدىغان دۇئالارنى قىلىش كېرەك.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يەر تەۋرەش، كۈن تۇتۇلۇش، قاتتىق بوران، سەل ئاپىتى قاتارلىق ھادىسىلەر يۈز بەرگەندە ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ يالۋۇرۇپ، كۆپ زىكىر ئېيتىپ، ئىستىغپار ئېيتىپ تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش زۆرۈر بولىدۇ،  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ كۈن تۇتۇلۇوپ قالغاندا: «مۇشۇنداق ئالامەتلەرنى كۆرسەڭلار، زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش ۋە ئىستىغپار ئىيتىش بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    شۇنىڭدەك پىقىر-مىسكىنلەرگە خەيرى-ساخاۋەت قىلىش، ياخشىلىق قىلىش مۇستەھەب بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «باشقىلارغا مېھرىبانلىق قىلساڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىسىلەر.» [ئىمام رىۋايىتى].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە مېھرىبان بولغانلارغا رەھمان تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىندىكى جانلىقلارغا مېھرىبانلىق قىلساڭلار، ئاسماندىكى زات سىلەرگە رەھمەت قىلىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

    يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەھىمدىل بولمىغان كىشى رەھمەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى ].

   يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئۆمەرئىبنى ئابدۇل ئەزىز ۋالىلارغا خەت يىزىپ، ئۇلارنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇيتتى.

   ھەر قانداق بالا-مۇسىبەتتىن سالامەت قىلىش ۋە ساقلىنىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن، رەھبەرلەر نادان-جاھىل كىشىلەرنى ھەقىقەتكە يېتەكلەش، كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىش، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىشى كېرەك.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ يَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَيُطِيعُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ أُولَئِكَ سَيَرْحَمُهُمُ اللَّهُ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ  تەرجىمىسى: «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» [سۈرە تەۋبە  71 - ئايەت .

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَيَنْصُرَنَّ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ . الَّذِينَ إِنْ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنْكَرِ وَلِلَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ  تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر، (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھقا قايتىدۇ.» [سۈرە ھەج   40-41- ئايەتلەر].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ  تەرجىمىسى: «كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. » [سۈرە تالاق 2-3-ئايەتلەر].

    بۇ توغرىدا ئايەتلەر بەك كۆپ. ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 9-  توم  150-152-بەتلەر].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى