جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مىلتىق بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كېيىكنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولامدۇ؟، ئەگەر يېگىلى بولمىسا، مىلتىق بىلەن ئوۋ ئوۋلاشتىكى توغرا يول قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   كېيىكنى ئاتقاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ئاتقان، ئوق كېيىككە تېگىپ، شۇ ئوق بىلەن ئۆلگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىيىك ھالال ئۇنى يېگىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۆلمىگەن بولسا، ئۇنى بوغۇزلاش كېرەك بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "مىلتىق بىلەن ئاتقان قۇش ئۆلسە ئۇنىڭ گۆشى ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟ بەزى قۇشلارنى ئېتىپ  يېنىغا بارغاندا بىز ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ بۇنى قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئوۋلايدىغان  قۇچقاچ، توشقان، بۇغا قاتارلىق ھايۋان ۋە قۇشلارنى مىلتىق بىلەن ئاتقاندا، يەنى تەپكىنى باسقاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ باسقان بولسا، ئوق تەككەن ھايۋان ياكى قۇش گەرچە ئۆلۈك تىپىلسىمۇ ئۇ ھالال بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قان ئېقىتىدىغان نەرسىگە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئاتقان بولساڭ ئۇنى يېگىن» دېگەن، يەنە مۇنداق دېگەن: «ئوۋ ئېتىنى ئەۋەتكەندە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئەۋەتكەن بولساڭ ئۇ تۇتۇپ كەلگەننى يېگىن» دېگەن، لېكىن ئوقنى ئېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ قۇش ياكى ھايۋاندا ھاياتلىق بولىدىكەن، بوغۇزلانغان قۇش ياكى ھايۋاننىڭ ھەرىكىتىدىن ئارتۇقراق ھەرىكىتى بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى بوغۇزلاش كېرەك بولىدۇ. بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتايدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز، ئۆلۈپ قالسا ئۇنى يېيىش سىزگە ھارام بولىدۇ، لېكىن ئوقنى ئاتقاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاشقا بەك دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى سىز، ئوقنى ئاتقاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىسىڭىز، ئۇنى يېيىش سىزگە ھارام بولىدۇ، گەرچە ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ ئوخشاش ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قان ئېقىتىدىغان نەرسىگە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئاتقان بولساڭ ئۇنى يېگىن»، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  ‏وَلا تَأْكُلُوا مِمَّا لَمْ يُذْكَرْ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ ‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنمىغان نەرسىنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار». ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسىدىن ئىلىندى"].

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن:  ئوۋ ئوۋلايدىغان ۋاقىتتا مىلتىققا ئوقنى كىرگۈزگەندە "بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر" دېسەم كۇپايە قىلامدۇ ياكى تەپكىنى باسقاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىشىم كېرەك بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئوقنى ئاتقاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش كېرەك بولىدۇ، مىلتىققا ئوقنى كىرگۈزگەندە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى ئەدىي ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئوقنى ئاتقاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن» دېگەن. [سەھىھلىكى ئىتتىپاققا كەلگەن ھەدىس، ھەدىسنىڭ لەپزى مۇسلىمغا ئائىت. "شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 23-توم 91-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى