شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىپ تاماملاشتىن بۇرۇن ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرىمەن، ئايالىم باشقا دۆلەتتىن ئەرەبىستانغا كەلدى، مەن ئايالىمنى كۈتۈۋالدىم، بىز جىددە شەھىرىدە ئۇچراشتۇق، ھەر ئىككەيلەن ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن ئېھرامغا كېرگەن ھالەتتە مەككىگە كىردۇق، ياتاققا چۈشتۇق، بۇ ئارىدا ئۆمرە قىلىشتىن ئىلگىرى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ سالدۇق، ئاندىن تەنئىمغا بېرىپ قايتىدىن ئېھرام كېيىپ يېڭىدىن ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلدۇق، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام كىيگەن كىشىنىڭ پائالىيەتنى تولۇق ئادا قىلماي (يەنى ئېھرامدىن چىقماي) جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئۆمرە قىلغاندا تاۋاپ قىلىپ ساپا-مەرۋە قىلماي ئۆمرىنى بۇزۇۋەتكەن بولسا، ئۆمرىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاندىن مىيقاتقا چىقىپ يېڭىدىن ئېھرامغا كىرىپ قازاسىنى قىلىش ياخشى بولىدۇ، ھەر بىر كىشى بىردىن قوي ئۆلتۈرۈپ ئۇنى مەككىنىڭ كەمبەغەللىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ.

   ئەمما تاۋاپ قىلىپ بولۇپ ساپا-مەرۋە قىلىپ چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتىن ئىلگىرى بۇزۇۋەتكەن بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئۆمرە بۇزۇلمايدۇ، ئەمما ئۇ كىشىگە ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن بىرنى تاللاپ پىديە بېرىش كېرەك بولىدۇ. 

    سىزنىڭ تەنئىمگە بارغىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوق، چۈنكى سىز گەرچە بۇزۇۋەتكەن بولسىڭىزمۇ ئەسلىدە ئۆمرىگە ئېھرام كىيىپ بولغان، بىرىنچى قېتىملىق ئېھرامدىن چىقماي تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئېھرام كىيىش توغرا بولمايدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: سىلەرنىڭ كېيىن تەنئىمغا چېقىپ قىلغان ئۆمرە پائالىيتىڭلار دەسلەپتە بۇزۇۋەتكەن ئۆمرىنى تاماملاشتۇر، ئىككىڭلارغا ئۇ ئۆمرىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. سىلەر دەسلەپتە ئېھرام كىيگەن ئورۇنغا چىقىپ يېڭىدىن ئېھرام كىيىپ ئۆمرە قىلىش بىلەن بىرگە ھەر بىرىڭلارغا بىردىن قوي ئۆلتۈرۈش كېرەك بولىدۇ.

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سىز ئايالىڭىز بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسىڭىز، ئۆمرىڭىز بۇزۇلىدۇ، سىز دەسلەپكى ئۆمرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تامام قىلىۋېتىپ، ئىككىنچى  قېتىم دەسلەپتە ئېھرام كىيگەن ئورۇنغا چىقىپ يېڭىدىن ئېھرام كىيىپ قايتىدىن بۇزۇۋەتكەن ئۆمرىنىڭ قازاسىنى قىلىسىز، سىزگە بىر قوي قان كېلىدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مەككىنىڭ كەمبەغەللىرىگە تارقىتىپ بېرىسىز، قوي بولمىسا كالىنىڭ ياكى تۆگىنىڭ يەتتىدىن بىرى بولسىمۇ بولىدۇ". [ئىسلام پەتىۋالىرى].

    بەزى ئالىملار" ئۆمرىدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىغان كىشىگە ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى ئالتە مىسكىنگە يېمەك بېرىش ياكى قوي ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش ۋاجىپ بولىدۇ، جىنسى مۇناسىۋەتنى ساپا-مەرۋە قىلىشتىن بۇرۇن سادىر قىلغان بولسۇن ياكى كېيىن سادىر قىلغان بولسۇن بۇنىڭ ھۆكمى ئوخشاش دەپ قارايدۇ". ["شەرھى مۇنتەھىل ئىرادات" 1556/1].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جىنسى مۇناسىۋەت يۈز بەرگەن ئۆمرە پائالىيىتى بۇزۇلىدۇ، ئۇ كىشىگە قوي ئۆلتۈرۈپ مەككىنىڭ كەمبەغەللىرىگە تارقىتىپ بېرىش ياكى ئالتە كەمبەغەلگە ھەر بىرىگە ئۈچ كىلۇ ئەتراپىدا يېمەك بېرىش ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇزۇۋەتكەن ئۆمرىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ". ["ئايلىق ئۇچرىشىش" 9/54.] 

     سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىككىڭلارغا ئۈچ تۈرلۈك ئىش لازىم كېلىدۇ:

   1-ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشنى قىلغانلىقىڭلار ۋە ئاللاھ تائالا تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرىغان پائالىيەتنى بۇزغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش.

   2-بۇزۇۋەتكەن ئۆمرىنىڭ ئورنىغا قازا ئۆمرە قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇزۇۋەتكەن ئۆمرىگە ئېھرام كىيگەن ئورۇندىن ئېھرامغا كېرىش.

  3-ئىككىڭلارنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى تاللاپ قىلىش: قوي ئۆلتۈرۈش ياكى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى مەككىنىڭ كەمبەغەللىرىدىن ئالتە كىشىگە يېمەك بېرىش، ئەگەر ھەر بىرىڭلار بىردىن قوي ئۆلتۈرۈپ مەككە كەمبەغەللىرىگە تارقىتىپ بەرسەڭلار بۇ ياخشى بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى