پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نىكاھلىنىش مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنى مۇكلەممەل قىلىدۇ دېگەن سۆز توغرىسىدا

سۇئال

توي قىلغان كىشى دىنىنىڭ يېرىمىنى مۇكەممەل قىلدى، دېگەن سوز توغرىمۇ؟بۇنىڭ ئاساسى بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.  

    توي قىلىشنىڭ يولغا قويۇلىشى ئىسلام پىرىنسى (سۈننەت)ئارقىلىق يولغا قويۇلدى، بۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىدۇر، ئىنسان توي قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن نۇرغۇن ناچار ئىشلاردىن غالىپ كىلىدۇ، توي قىلىش ئىنساننىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئى ياشلار گورۇھى! سىلەردىن توي قىلىشقا ئىمكانىيتى بارلار توي قىلسۇن، ھەقىقەتەن توي قىلىش ئىنساننىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلايدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].     

    ھاكىم ئۆزىنىڭ: "ئەلمۇستەدرەك"ناملىق ئەسىرىدە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ياخشى-سالىھ ئايال ئاتا قىلغان كىشىنىڭ دىنىنىڭ يېرىمىنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا ياردەم قىلدى، قالغان يېرىمىنى مۇكەممەل قىلىشتا ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلسۇن. [شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: "ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب"نىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1916- باشقا يول بىلەن ھەسەن بولغان دەپ كەلتۈرگەن].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى ئىشلار پەتىۋا كومىتېتى (18/31)