جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تاھارەت ئالغاندا ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىش پەرىزمۇ؟ دېگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

   تاھارەت ئىلىپ، شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ، نامازغا تەييار بولغاندا تۇيۇقسىز قۇلۇقۇمغا مەسىھ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ تاھارەتنى باشقىدىن ئىلىشىم كېرەكمۇ ياكى ئىككى قۇلۇقۇمغا مەسىھ قىلىۋەتسەم بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان، ئالىملار بۇنىڭ ھۆكمى پەرىزمۇ ياكى ۋاجىپمۇ ياكى سۈننەتمۇ؟ دەپ ئىختىلاپ قىلىشقان، بەزى ئالىملار ھەنبەلى مەزھەپتىكى قاراشقا كۆرە پەرىز دېگەن. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى قۇلاق باشنىڭ جۈملىسىدىن». [ ئىبنى ماجە رىۋايىتى443 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ بار، ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئەگەر ئىككى قۇلاق باشنىڭ جۈملىسىدىن بولسا، تاھارەت ئالغاندا ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىش باشقا مەسىھ قىلغانغا ئوخشاش پەرىز بولىدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىش پەرىز ئەمەس بەلكى سۈننەت مۇستەھەب دېگەن دېگەن قاراشقا باردى. [ "پىقھى توپلاملىرى" 43 -توم 364 -بەت. ]

     ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن:  ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلماي تاھارەت ئالغان كىشىنىڭ تاھارىتى توغرا بولىدۇ دېگەن قاراش نەقل قىلىنغان.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇغنى"  1 -توم 90 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئىككى قۇلاق باشنىڭ جۈملىسىدىن دەپ  ھەنبەلى مەزھەب باشقا قىياس قىلىپ باش بىلەن بىرگە مەسىھ قىلىش پەرىز دېگەن، خەللال مۇنداق دەيدۇ:  بۇ مەزھەب ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىشنى قەستەن ياكى سەھۋەن تەرك قىلغان كىشىنىڭ تاھارىتى توغرا بولىدۇ دېگەن سۆزنى بايان قىلغان، ئۇنداق بولىشى، ئىككى قۇلاق دېگەن باشقا ئەگىشىدۇ، باش دېگەن سۆزنى مۇتلەق ئىشلەتكەندە بۇنى ئىككى قۇلاقتىن ئايرىپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئىككى قۇلاقمۇ باشنىڭ باشقا پارچىلىرىغا ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن باشنىڭ بەزىسىگە مەسىھ قىلسا دۇرۇس بولىدۇ دېگەن مەزھەبلەردىمۇ ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىش باشقا مەسىھ قىلىشنىڭ ئورنىدا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئىككى قۇلاققا باش بىلەن بىرگە مەسىھ قىلىش كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  ئىككى قۇلاققا باش بىلەن قېتىپ مەسىھ قىلغان. رۇبەيئە بىنت مۇئەۋۋەزنىڭ رىۋايىتدە، ئۇ زات پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشىغا، بىشىنىڭ ئالدى ۋە كەينى تەرىپىگە، ئىككى چېكىسىگە ۋە ئىككى قۇلىقىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىشىغا ۋە ئىككى قۇلىقىنىڭ ئېچى ۋە تېشىغا مەسىھ قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان، ئىمام تىرمىزى ئىبنى ئابباس بىلەن رۇبەيئەنىڭ ھەدىسىنى سەھىھ ھەدىس دېگەن".

    شۇنىڭغا ئاساسەن، كىمكى تاھارەت ئالغاندا ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، ئالغان تاھارىتى توغرا بولىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى