پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

زىنا قىلىش پىكرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك

11498

تارقاتقان ۋاقىت : 21-03-2020

كۆرگۈچىلەر : 5353

سۇئال

مۇسۇلمان ئەر ياكى ئايالنىڭ كۆڭلىدە زىنا قىلىش توغرىسىدا پىكىر پەيدا بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

زىنا قىلىش توغرىسىدا پىكىر قىلىش بولسا تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ؛

بىرىنچى: بۇ ھەقتىكى ئويلاش ئىنسان قەلبىگە ئورنىماستىن پەقەت كۆڭۈلدىن كېچىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئىنساندىن ئۇنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ، ياخشىسى كىيىنكى يامان ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەزكۇر پىكىرنى يوق قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

ئىككىنچى: زىنا قىلىشنى كەسكىن ئىرادە ۋە نىيەت بىلەن پىكىر قىلىش. بۇنداق ئەھۋالدا ئىنسان بۇنىڭغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ چارىسىنى كۆرۈش مۇمكىن:

1-تۇرمۇش قۇرۇش توغرىسىدا كەسكىن پىكىر قىلىش. چۈنكى نىكاھلىنىش ئارقىلىق مۇسۇلمان ئەر-ئاياللار شەرئى ئىززىتى ۋە پاكلىق ئىپپىتىنى ساقلايدۇ.

2- نەپلە روزا تۇتۇش. مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار كۆپ روزا تۇتۇشى لازىم.

3- مۇسۇلمان ئەر ياكى قىز-خانىملار قۇرئان كەرىمنى ھەركۈنى تىلاۋەت قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، نەپلە نامازلارغا ھېرىسمەن بولۇش، ئاللاھ تائالا بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئىمانىنى كۈچلاندۇرىشى لازىم.

4- دوست-بۇرادەرلەرنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

5- شەھۋىتىنى قوزغايدىغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن، شۇنداقلا شەيتانى ھەۋەسلەرگە ئىلىپ بارىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

6-زىنانىڭ ئىنسانغا ئىلىپ كىلىدىغان زىيىنى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى جازاسىنى ئەسلەش لازىم. چۈنكى زىنانىڭ ئاقىۋىتى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قەبىھ بولۇپ، زىنا قىلغۇچىلارئۆزى لەززەت دەپ قارىغان بىرقانچە مىنۇت، دائىملىق ئازابقا نىسبەتەن ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد دۇۋەيش