پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ دىنى كەم، ئەقلى قىسقا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

111867

تارقاتقان ۋاقىت : 14-03-2015

كۆرگۈچىلەر : 4058

سۇئال

بىز دائىم: ئاياللارنىڭ ئەقلى قىسقا، دىنى كەم دېگەن ھەدىسنى ئاڭلايمىز، شۇنىڭ بىلەن بەزى ئەرلەر بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىپ ئاياللارغا ناچار مۇئامىلە بولىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن سىلەردىنمۇ ئەقلى قىسقا، دىنى كەم ، ئىرادىلىك ئەرلەرنىڭ ئەقلىنى كەتكۈزۈۋېتىدىغان بىرەرسىنى كۆرمىدىم دېگەندە، ئاياللار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ ئەقلىمىزنىڭ ناقىس ۋە دىنىمىزنىڭ كەملىكى قايسى؟ دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى ئەرنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر ئەمەسمۇ؟ دېدى، ئاياللار: شۇنداق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاشۇ ئەقلىڭلارنىڭ قىسقىلىقى. ئاياللار ئادەت كۆرۈپ قالسا ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ شۇنداقمۇ؟ دېگەندە، ئاياللار: شۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاشۇ دىنىڭلارنىڭ كەملىكى دەيدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ ئەقلىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى، ئۇلارنىڭ ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن دەپ بايان قىلدى. ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى يەنە بىر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن تولۇقلىنىدۇ، چۈنكى ئاياللار گۇۋاھلىقتا ئاشۇرۇۋېتىدۇ ياكى چالا قويىدۇ، چۈنكى ئاياللار ئۇنۇتقاق كېلىدۇ. مانا بۇ ئارقىلىق شەرىئەتتە ئاياللارنىڭمۇ گۇۋاھلىقىنى بېكىتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاسْتَشْهِدُوا شَهِيدَيْنِ مِن رِّجَالِكُمْ ۖ فَإِن لَّمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّن تَرْضَوْنَ مِنَ الشُّهَدَاءِ أَن تَضِلَّ إِحْدَاهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَاهُمَا الْأُخْرَىٰ﴾ تەرجىمىسى:سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر (ئادالىتىگە، دىيانىتىگە) رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. [سۈرە بەقەرە 282-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئەمما دىنىنىڭ كەملىكى بولسا، ئاياللار ھەيىزدار ۋە نىپاسدار بولۇپ قالغاندا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ، كىيىن ساقايغاندا نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، مانا بۇ دىنىنىڭ كەملىكى، لېكىن بۇ كەمچىللىككە جازالانمايدۇ، چۈنكى بۇ كەمچىللىك ئاللاھ تائالانىڭ يولغا قويۇشى بىلەن بولغان، بۇنى ئاللاھ تائالا ئاياللارغا مېھرىبانلىق قىلىپ، ئاسانلىق يارىتىپ يولغا قويغان. چۈنكى ئاياللار ئادەت كۆرۈپ قالغاندا روزا تۇتسا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق، ئاللاھ تائالا ئاياللارغا رەھمەت قىلىپ ئۇلار ھەيىزدار، نىپاسدار بولۇپ قالغاندا روزا تۇتماي كېيىن ئوڭشالغاندا قازاسىنى قىلىشنى يولغا قويدى. ئەمما نامازغا كەلسەك؛ ھەيز ۋە نىپاسدارلىق ھالىتى پاكىزلىقنى چەكلەپ قويىدۇ. چۈنكى ناماز كۈندە بەش قېتىم تەكرارلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش قېيىن بولىدۇ، ئاياللارنىڭ ھەيز مۇددىتى ئالتە كۈن بەزىدە يەتتە كۈن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ، نىپاس مۇددىتى بولسا قىرىق كۈنگە يىتىپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئاياللارغا رەھمەت قىلىپ ئۇلار ھەيزدار ياكى نىپاسدار بولۇپ قالغاندا نامازنى تەرك قىلىشنى ساقايغاندىن كېيىنمۇ قازاسىنى قىلماسلىقنى يولغا قويدى. يۇقىرىقى سۆزلەردىن ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئىشتا ئەقلى قىسقا ۋە دىنى ناقىس بولىدىغانلىقىنى تەقەززا قىلمايدۇ. ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسالام ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى تولۇق بىكىتەلمەسلىكىدىن بولغان ئەقلىنىڭ كەملىكىنى، ھەيز، نىپاس سەۋەبىدىن ناماز، روزىنى تەرك قىلىش بىلەن ھاسىل بولغان دىننىڭ كاملىقىنى بايان قىلىپ بەردى، بۇنىڭدىن يەنە ئاياللار ھەممە ئىشتا ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ ۋە ئەرلەر ھەممە ئىشتا ئاياللاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ.

شۇنداق، نۇرغۇن سەۋەبلەردىن ئومۇمى ئەرلەر ئومۇمى ئاياللاردىن ئەۋزەل، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّـهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ تەرجىمىسى: ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ - قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل - ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

لېكىن بەزى ئاياللار كۆپ ئىشلاردا ئەرلەردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار ئەقىلدە، دىندا، ئېسىدە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدا ئەرلەردىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىمۇ، ئاياللار ئەقىلدە ۋە دىندا ئەرلەردىن يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىدا تۆۋەنرەك تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

بەزى ئاياللارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئەرلەر ئۇلاردىن تەلىم ئالىدۇ، ئاللاھ تائامغا تەقۋادارلىق قىلىش بىلەن ئاخىرەتتە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللار بەزى ئىشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، شۇنداقلا بەزى مەسىلىلەرنى ئەرلەردىن بەكرەك ئېسىدە تۇتىدۇ. ئىسلام تارىخىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئاياللار ئېسىدە چىڭ تۇتۇشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ پايدىلنىش مەنبىيىگە ئايلانغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى ئايال ساھابىلەرنىڭ ئەھۋالىغا، سىيرەتلىرىگە نەزەر سالغان كىشى بۇنى ئوچۇق كۆرۈۋالالايدۇ.

بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، ئاياللاردىكى بۇ ئەقىلنىڭ قىسقىلىقى ئۇلارنىڭ قىلغان رىۋايەتلىرىگە تايىنىشتىن چەكلەپ قويالمايدۇ. ئايالنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ يەنە بىر ئايال بىلەن تولۇق بولىدىغانلىقى ئايالنىڭ دىندا مۇستەھكەم تۇرغاندا ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋادارلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى بەندىسى ۋە ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى قۇلى بولىشىنى چەكلەپ قويالمايدۇ.ھەيز، نىپاس ھالىتىدە روزا تۇتماي كىيىن قازاسىنى تۇتۇشى، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىقى، ئۇ ئايالنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان تەقۋادارلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى تولۇق ئورۇندىشى، بەزى ئىشلارنى ھەممىدىن بەك ئېسىدە تۇتۇشى قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ناقىسلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلغاندەك دىندا ۋە ئەقىلدە بولغان مۇئەييەن كەمچىلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۆمىنلەر ھەرقانداق ئىشتا ئاياللارنى ئەقىلسىز، دىنى كام دەپ ئەيىبلىسە توغرا بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، بۇ كەمچىلىك ئۇلارنىڭ دىندىكى كەملىكى، گۇۋاھلىقىنى بېكىتىشكە ئالاقىدار بولغان ئەقىلدىكى كەمچىلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئاياللار توغرىسىدا ئىنساپلىق بولۇشى لازىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئەڭ ياخشى ۋە توغرا شەكىلدە چۈشنىش كېرەك.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى