پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەر كىشى ئايالىنى ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرۇشقا زورلىشى توغرا بولمايدۇ

سۇئال

    مەن ئايالىم بىلەن ئائىلەمدىكىلەردىن ئايرىم بىر ئۆيدە تۇراتتىم، بۇنداق بولىشى ئارىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىندۇر، ئايالىمغا ئايرىلماي بىرگە ياشايدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدە بەردىم، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن دادام مېنى ئۆيگە قايتىپ چوڭ ئۆيدە ئايالىم ھەممەيلەن بىرگە ياشاشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئايالىم بۇ تەلەپنى رەت قىلدى، مەن قانداق قىلىمەن؟ ئاتا-ئانامغا ئىتائەت قىلىپ، ئايالىم بىلەن ئارىمىزدىكى ۋەدىنى بۇزىمەنمۇ؟ بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ ھۆكمىگە كىرىمەنمۇ؟  وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا  تەرجىمىسى: «ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر.] [سۈرە ئىسرا  34-ئايەت].

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   ھەقىقەتەن ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتى ئۈستىدىكى ھەققى كۆپتۇر، ئايالىڭىز ئۇ ئۆيدە بىرگە تۇرۇشنى خالىمىسا سىز ئۇنى زورلىيالمايسىز، مۇمكىن قەدەر ئاتىڭىزنى قانائەتلەندۈرۇڭ، ئايالىڭىزنى ئايرىم ئۆيدە تۇرغۇزۇڭ، كۈچىڭىزنىڭ يىتىشچە ئاتىڭىزغا ياخشىلىق قىلىڭ، ئۇنى رازى قىلىشقا تېرىشىڭ.

    ئەگەر مۇمكىن بولماي تالاققا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، تالاق قىلىش سىزگە دۇرۇس، قەسىمىڭىزگە كاپارەت بىرىسىز، بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە قارشى كەلمەيدۇ.  وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا  تەرجىمىسى: «ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر.] [سۈرە ئىسرا  34-ئايەت].

    چۈنكى بۇ ئايەتتىن بولغان مەقسەت ھالالنى ھارام قىلمايدىغان ئەھدىدۇر.    پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ پەۋزان.  مۇسۇلمان ئاياللار توغرسىدىكى پەتىۋالار2/660. ئەشرەپ ئىبنى ئابدۇلمەقسۇد رەتلىگەن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى