پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئېھرام كىيگەندە شەرت قىلىشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا

سۇئال

ھەج-ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كىرگەندە، قەيەردە توسۇلۇپ قالسام شۇ يەر مېنىڭ ئېھرامدىن چېقىش ئورنۇم دەپ شەرت قىلىپ ئېھرامغا كېرىشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەج-ئۆمرىنى نىيەت قىلغان كىشى پائالىيەتنى ئادا قىلىشتىن توسۇلۇپ قالىدىغان بىرەر ئىشتىن ئەنسىرىسە، ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا، مەن قەيەردە توسۇلۇپ قالسام شۇ يەر مېنىڭ ئېھرامدىن چېقىش ئورنۇم دەپ شەرت قىلىپ ئېھرامغا كىرسە بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىبائە بىنتى زۇبەير ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ كېسەللىكتىن ئەنسىرىگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا: سىز ئېھرامغا كىرىدىغان ۋاقىتتا، قەيەردە توسۇلۇپ قالسام شۇ يەر مېنىڭ ئېھرامدىن چېقىدىغان ئورنۇم دەپ شەرت قىلىپ ئېھرامغا كىرىڭ،دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 5089- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1207-ھەدىس].

شەرت بىلەن ئېھرامغا كىرگەننىڭ پايدىسى: ئېھرام كىيىپ مەككىگە ماڭغان كىشىنى كېسەللىك، دۈشمەن، يىرتقۇچ ھايۋان ياكى باشقا ھادىسىلەر مەككىگە كېرىپ ئىبادەتنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويسا، ئۇ كىشى شۇ جايدا ئېھرامدىن چىقىدۇ. ئۇ كىشىگە بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ جازا كەلمەيدۇ، شۇنداقلا چېچىنى ئالدۇرمايدۇ، قۇربانلىقمۇ قىلمايدۇ.ئەگەر شەرت قىلماي توسۇلۇپ قىلىپ پائالىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كىرەلمىسە، بىر قوي ئۆلتۈرۈپ، چېچىنى ئالدۇرۇپ توسۇلۇپ قالغان جايدا ئېھرامدىن چىقىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلار ھۈدەيبىيە يىلى مەككىگە كېرىشتىن چەكلىگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ جايدا تۆگە ئۆلتۈرۈپ، چېچىنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىققان، ساھابىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇپ، ئۇلارغا: مالنى بوغۇزلاپ چېچىڭلارنى ئالدۇرۇپ ئېھرامدىن چىقىڭلار،دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى2734].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: َأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّـهِ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ تەرجىمىسى: ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. [سۈرە بەقەرە 196-ئايەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھرامغا كىرىدىغان ۋاقىتتا شەرت قىلىشنىڭ پايدىسى: شەرت بىلەن ئېھرام كىيگەن كىشىنى كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەر پائالىيەتنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويسا، ئۇ كىشى ئېھرامدىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ، ھېچ جازا كەلمەيدۇ." [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 17-توم 50-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېھرامغا كىرىدىغان ۋاقىتتا شەرت قىلىشنىڭ پايدىسى: شەرت بىلەن ئېھرام كىيگەن كىشىنى كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەر پائالىيەتنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويسا، ئۇ كىشى ئېھرامدىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ، ھېچ جازا كەلمەيدۇ ۋە قازاسىنى قىلىشمۇ كېرەك بولمايدۇ. [ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى22 -توم 28-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى