جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمنى تاش قىپى بىلەن تاھارەتسىز تۇتۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    مەن سىلەردىن تاھارەتسىز  ھالەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ تاش قېپىنى تۇتۇشنىڭ ھۆكمىنى سورايمەن؟، مۇقاۋىلانغان قۇرئاننىڭ تاش قېپىنى تاھارەتسىز تۇتسا بولىدۇ دېگەن  سۆز توغرىمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قۇرئانغا تۇتاش بولغان قۇرئاننىڭ قېپى مەيلى يىڭنىدە تىكىلگەن بولسا ياكى چاپلانغان بولسۇن ياكى قايسى شەكىلدە بولسۇن ئۇ قۇرئاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، تاھارىتى يوق كىشىنىڭ ئۇنى تۇتىشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما قۇرئاندىن ئايرىم بولغان قېپى بولسا، قۇرئان ساقلايدىغان تېرە قاپ ياكى قاتتىق مۇقاۋا دېگەندەك، ئۇنى تاھارەتسىز تۇتسا بولىدۇ.

   "كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرىدا"  مۇنداق كەلگەن: " ھەنەپىي، مالىكىي، شاپىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىبىدىن بولغان كۆپچىلىك ئالىملار، تاھارەتسىز كىشىنىڭ قۇرئانغا تۇتاش بولغان تاش قېپىنى، قۇرئان ۋاراقلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى خەت يىزىلمىغان ئاق يەرلىرىنى، ئىككى قاتانىڭ ئارىسىدىكى ئاق يەرلىرىنى شۇنىڭدەك قۇرئان ئىچىدىكى خەت يېزىلمىغان ھەرقانداق بەرلەرنى تۇتۇشى چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇلارمۇ يىزىلغان قۇرئانغا ئەگىشىدۇ دېگەن قاراشقا بارغان، ئەمما ھەنبەلى ۋە شاپىئىي مەزھىبىدىكى بەزى ئالىملار بۇنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە بارغان".

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "چوڭ-كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاك بولغان مۇسۇلمان قۇرئاننى تۇتسا توغرا بولىدۇ ۋە بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىسە بولىدۇ، ئەگەر يۆتكۈگۈچىنىڭ تاھارىتى بولمىسا، لېكىن قۇرئاننى پەلەي كېيىپ ياكى باشقا بىر نەرسە ئوراپ تۇتۇپ يۆتكىسە، توغرا بولىدۇ، ئەمما تاھارەتسىز تۇرۇپ قۇرئاننى بىۋاستە تۇتسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ سەھىھ قارىشىغا كۆرە توغرا بولمايدۇ، بۇنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق. ئەمما ئوقۇشقا كەلسەك، تاھارەتسىز كىشى قۇرئاننى تۇتماستىن يادقا ئوقۇسا بولىدۇ، ياكى بىرسى ئېچىپ بەرسە، ۋاراقلىرىنى ئۆرۈپ بەرسە ياكى باشقىلارغا تىڭشاتسا بولىدۇ". [ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  10 -توم 149-150 بەتلەر]،

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى