چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

بەزى چەكلەنگەن ئىشلار سادىر بولىدىغان توي مۇراسىملارغا قاتنىشىش توغرىسىدا

10957

تارقاتقان ۋاقىت : 29-03-2015

كۆرگۈچىلەر : 2907

سۇئال

مۇسلىمە ئايالنىڭ ناخشا-مۇزىكا، ئۇسۇل ۋە بەزى ئاياللار يىرىم-يالىڭاچ يۈرگەن توي مۇراسىمىغا قاتنىشىشى توغرىمۇ؟، ئائىلە باشلىقى ياكى ئەردىن ئىبارەت ئاياللارنىڭ ۋەلىلىرى ئۇلارنى مۇشۇنداق توي مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن گۇناھكار بولامدۇ؟، تويغا چاقىرغۇچىلار يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، تويغا قاتناشمىغاندا ئۇلار ئارىسىدا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىق ئۈزۈلىدىغان ۋە بىر-بىرىنى ئىزدەشمەيدىغان ھالەت شەكىللەنسە قانداق قىلىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەگەر توي مۇراسىمى سوئالدا بايان قىلىنغان شەكىلدە بولىدىكەن، بۇنداق توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش توغرا بولمايدۇ، ئەمما مۇراسىمغا قاتنىشىپ مۇنكەرنى چەكلەشكە قادىر بولالىسا، ئۇ ۋاقىتتا توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ مۇنكەرنى تۈزىتىش لازىم بولىدۇ. ئەگەر مۇنكەرنى تۈزىتىشكە قادىر بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇنداق توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئاتا ياكى ئەرلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەت ئاستىدىكىخانىم-قىزلارنى بۇنداق توي مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلماسلىقى لازىم. ئەمما توي مۇراسىمىغا قاتناشمىسا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىققا تەسىر يېتىدۇ دەپ قالسا، بىزنىڭ جاۋابىمىز: ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش يولى بىلەن توي مۇراسىم ئۆتكۈزدى، ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىنمايدۇ. ئۇلار گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلىش بەدىلىگە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ گۇناھى ئۇلارغا بولىدۇ. مۇنكەر ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ تويغا قاتناشمىغانلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "دەۋەت" ژۇرنىلى 1757-سان 37-بەتكە قارالسۇن