جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تاۋاپ قىلىش جەريانىدا نېمە دەيدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    بۇ يەردە ئۆمرە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن بىرى  تاۋاپ قىلىش جەريانىدا ئوقۇش ئۈچۈن توپلىغان زىكىرلەر بولۇپ، بۇنى ئۆمرە قىلغۇچىلار ئارىسىدا تارقىتىش مەقسەت قىلغان ۋە سىلەرنىڭ بۇ زىكىرلەر ئارىسىدىن سەھىھلىرى بىلەن سەھىھ بولمىغانلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ بېرىشىڭلارنى كۈتۈۋاتىدۇ: ئۆمرە قىلغۇچى تاۋاپ جەريانىدا بىرىنچى تاۋاپنى ئاللاھ تائالاغا ھەمدە سەنا ئېيتىش ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش ئاندىن دۇئا قىلىش، ئىخلاس بىلەن دىنى تەلەپلەرنى دۇنيالىق تەلەپلەردىن بۇرۇن كەلتۈرۈپ رەتلىگەن بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابى ئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىزنىڭ بىلىشىمىزچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تاۋاپ قىلىش جەريانىدا دېيىلىدىغان مەخسۇس زىكىر-دۇئا بايان قىلىنمىغان، پەقەت رۇكنۇل يەمانى بىلەن ماقامى ئىبراھىمنىڭ ئارىسىدا ئوقۇلىدىغان: «رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دېگەن دۇئا بايان قىلىنغان. [ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد"3-توم 411-بەتتە كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان سەھىھ دەپ ئۆزىنىڭ كىتابىنىڭ 9-توم 134-بەتتە كەلتۈرگەن، ھاكىم "ئەلمۇستەدرەك" 1-توم 625-بەتتە كەلتۈرگەن]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ھەجەر ئەسۋەدنىڭ باراۋېرىگە كەلگەندە تەكبىر ئېيتاتتى. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 4987-ھەدىس].

    ئەمما تاۋاپنىڭ باشقا ئورۇنلىرىدا تاۋاپ قىلغۇچى ئاللاھنى ياد قىلىپ زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئارىسىدا ئىختىيارلىق بىلەن بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 3-توم 187-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپ جەريانىدا دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلىش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ھەر قانداق ۋاقىتتا ياخشى بولىدۇ، كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقاندا زىكىر ۋە دۇئالارنى كۆپ قىلىش تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بۇ جەرياندا ئاللاھنى زىكىر قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامانلىقتىن توسۇش ياكى دېمىسە بولمايدىغان زۆرۈر سۆزلەردىن باشقىنى قىلماسلىق ياخشى بولىدۇ".

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاۋاپ جەريانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇيرۇلغان ئاغزاكى ياكى ئەمەلى بىر زىكىر-دۇئا بېكىتىلمىگەن ۋە تەلىم بېرىلمىگەن، بەلكى شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن ھەممە دۇئا-زىكىرلەرنى قىلسا بولىدۇ، كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ مىيزابنىڭ (يامغۇرلۇقنىڭ) ئاستىدا مەخسۇس قىلىدىغان دۇئالىرىنىڭ ئەسلى يوق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاۋاپىنى رۇكنۇل يەمانى بىلەن ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئارىسىدا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش بىلەن تاماملايتتى: «رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتاقىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»، شۇنداقلا باشقا دۇئالار بىلەنمۇ ئاخىرلاشتۇراتتى. تاۋاپ جەريانىدا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ئوقۇش زۆرۈر بولغان مەخسۇس دۇئا-زىكىر يوق". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"26-توم 122-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەردە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ھەجەر ئەسۋەدكە كەلگەندە، رۇكنۇل يەمانى بىلەن ھەجەر ئەسۋەدنىڭ ئارىسىدا بۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: «رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتاقىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.» [سۈرە بەقەرە 201-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەر بىر تاۋاپ ئۈچۈن كەبىنى ئايلانغاندا ئوقۇيدىغان مەخسۇس دۇئا توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان، شۇنىڭغا ئاساسەن، تاۋاپ قىلغۇچى تاۋاپ جەريانىدا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيدىغان ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دۇئالارنى ۋە شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ھەر قانداق زىكىر، تەسبىھ، تەھلىل، تەكبىر ياكى قۇرئان تىلاۋېتى قىلسا بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"24-توم 327-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى