شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

   نامازنىڭ سەھىھ بولۇشنىڭ شەرتلىرى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   شەرت دېگەن ئۇسۇل ئالىملىرىنىڭ قوللىنىشىدا: ئۇنىڭ يوقلۇقىدىن يوقلۇق لازىم كەلمەيدىغان ۋە مەۋجۇتلۇقىدىن مەۋجۇتلۇق لازىم كەلمەيدىغان ئىشتۇر.

    نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتلىرى دېگەن: ئۇ، نامازنىڭ سەھىھ بولىشى ئۇنىڭغا توختىلىدىغان بۇ شەرتلەردىن بىرەرسى تولۇق بولمىسا ناماز توغرا بولمايدىغان ئىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىشلار تۆۋەندىكى شەرتلەردىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

   بىرىنچى شەرت: ۋاقىتنىڭ كىرىشى، بۇ ئەڭ مۇھىم شەرتتۇر، بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىنغان ناماز توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الصَّلاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَاباً مَوْقُوتاً تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن (پەرز) پەرز قىلىندى» [سۈرە نىسا 103-ئايەت].

   نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئومۇمى شەكىلدە بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: أَقِمِ الصَّلاةَ لِدُلُوكِ الشَّمْسِ إِلَى غَسَقِ اللَّيْلِ وَقُرْآنَ الْفَجْرِ إِنَّ قُرْآنَ الْفَجْرِ كَانَ مَشْهُوداً تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!)كۈن قايرىلغان ۋاقىتتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتقا قەدەر ناماز ئوقۇغىن. بامدات نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، (كۈندۈزنىڭ ۋە كېچىنىڭ پەرىشتىلىرى) چوقۇم بامدات نامىزىدا ھازىر بولىدۇ» [سۈرە ئىسرا 78-ئايەت].

   ئايەتتىكى كۈن ئېگىلگەندىن يېرىم كېچىگىچە دېگەن سۆزدىن بۇنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت؛ پېشىن ئەسىر، شام خۇپتەن قاتارلىق تۆت ۋاقىت نامازنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    بۇ ۋاقىتلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە تەپسىلى زىكىر قىلدى. بۇ ھەقتە 9940 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىندى.

    ئىككىنچى شەرت: ئەۋرەتنى يېپىش. ئەۋرىتى ئوچۇق ھالەتتە ناماز ئادا قىلغان كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا بَنِي آدَمَ خُذُواْ زِينَتَكُمْ عِندَ كُلِّ مَسْجِدٍ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان)كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار» [سۈرە ئەئ‍راپ 31-ئايەت].

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملارنىڭ ھەممىسى: ئۆزىنى ئوراشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق كىيىمىنى يۆگىمەي يالىڭاچ ناماز ئادا قىلغان كىشىنىڭ نامىزىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى".

    ناماز ئادا قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەۋرەت بىر قانچە قىسىم بولىدۇ:

   1-يەڭگىل ئەۋرەت: بۇ يەتتە ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان ئوغۇل بالىنىڭ ئەۋرىتى، بۇ بالىنىڭ ئەۋرىتى ئالدى-كەينى ئەزاسىدىن ئىبارەتتۇر.

   2-ئوتتۇرىھال ئەۋرەت: بۇ ئون ياشتىن باشلاپ ئۇنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئوغۇللارنىڭ ئەۋرىتى، ئۇ تىزىدىن باشلاپ كىندىكىگىچە بولغان ئارىلىقتىن ئىبارەتتۇر.

  3-قېلىن-چوڭ ئەۋرەت: ئۇ بالاغەتكە يەتكەن ھۆر ئايالنىڭ ئەۋرىتى، نامازدا ئۇ ئايالنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى ئالقىنىدىن باشقا ھەممە ئەزالىرىدۇر. ئالىملار: ئىككى قەدىمىنىڭ ئوچۇق بولىشى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان. 
ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى شەرت: تاھارەت ئالغان بولۇشى. تاھارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: كېچىك تاھارەت ۋە چوڭ تاھارەتتىن ئىبارەت.

1-چوڭ -كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن پاك بولۇپ تاھارەت ئېلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلىش كېرەك. بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىغا كۆرە تاھارەتسىز ناماز ئادا قىلغان كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى سۇنۇپ كەتسە، يېڭىدىن تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تاھارەتسىز ئادا قىلغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 6954-ھەدىس].

   2-نىجاسەتتىن پاكىزلىنىش: ئۆزىنىڭ كىيىمى ياكى بەدىنىدە نىجاسەتنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ۋە ئېسىدە تۇرۇپ ناماز ئادا قىلغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ.

     ناماز ئادا قىلغۇچى ئۈچ ئورۇننى نىجاسەتتىن يىراق قىلىشى كېرەك:

     بىرىنچى ئورۇن: بەدەن: بەدىنىدە نىجاسەتتىن بىر نەرسە بولماسلىقى كېرەك، بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۇپ كېتىۋېتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشىلەر ئازابلىنىۋاتىدۇ،  بۇ ئىككىسى كۆرۈنۈشتە بەك چوڭ بىر ئىشتا ئازابلانماۋاتىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلاتتى، يەنە بىرى: كېچىك تاھارەتتىن-سۈيدۇكتىن پاكىزلانمايتتى...» [مۇسلىم رىۋايىتى 292-ھەدىس].

    ئىككىنچى ئورۇن ۋە كىيىم: ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بىرىمىز ئادەت كۆرۈپ قالغاندا كىيگەن كىيىمىنى قانداق قىلىدۇ؟ خەۋەر بەرسىلە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۇلىۋېتىپ، ئاندىن سۇ بىلەن يۇيۇپ سىقىۋېتىپ ئۇنىڭدا ناماز ئادا قىلسۇن دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى227-ھەدىس] .

    ئۈچىنچى ئورۇن: ناماز ئادا قىلىدىغان جاي، بۇ توغرىدا ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەھرالىق بىر كىشى كېلىپ مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە سېيىپ قويدى، كىشىلەر ئۇنى توسماقچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرنى ئۇنداق قىلماڭلار دەپ توسۇپ، ئۇ كىشى سېيىپ بولغاندىن كېيىن سىيگەن ئورۇنغا بىر چېلەك سۇ ئەكىلىپ تۆكۈۋېتىشكە بۇيرىدى.» [بۇخارى رىۋايىتى].

   بەشىنچى شەرت: قىبلىگە يۈزلىنىش. قىبلىگە يۈزلىنىشكە قادىر تۇرۇپ، قىبلىنىڭ غەيرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلغان كىشىنىڭ نامىزى بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن باتىلدۇر. (يەنى توغرا بولمايدۇ). بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَحَيْثُ مَا كُنْتُمْ فَوَلُّوا وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُ تەرجىمىسى: «(نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 144-ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ياخشى ئوقۇيالمايدىغان كىشىگە مۇنداق دېگەن: «ئاندىن قىبلىگە يۈزلەنگىن، تەكبىر ئېيتقىن...» [بۇخارى رىۋايىتى 6667-ھەدىس].

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 65853 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئالتىنچى شەرت: نىيەت قىلىش: نىيەت قىلماي ناماز ئادا قىلغان كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «ھەرقانداق ئەمەل نىيەتكە باغلىقتۇر، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن مەقسەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1-ھەدىس].

  ئاللاھ تائالا ساغلام نىيەت قىلىنغان ئەمەللەرنى قوبۇل قىلىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئالتە تۈرلۈك شەرت بۇ نامازغا خاس بولغان شەرتتۇر. بۇنىڭغا يەنە ئىبادەتتىكى ئومۇمى شەرتلەر قېتىلىدۇ، ئۇلار: مۇسۇلمان بولۇش، ئەقىللىق بولۇش، ئاق-قارىنى پەرق قىلىدىغان بولۇش، مۇشۇنىڭ بىلەن نامازنىڭ سەھىھ بولۇشىنىڭ شەرتى ئومۇمى جەھەتتىن توققۇز بولىدۇ: مۇسۇلمان بولۇش، ئەقىللىق بولۇش، ئاق-قارىنى پەرق قىلىدىغان بولۇش، تاھارەت بولۇش، نىجاسەتتىن پاك بولۇش، ئەۋرىتىنى يېپىش، نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولۇش، قىبلىگە يۈزلىنىش ۋە نىيەتتىن ئىبارەتتۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى