سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىستىخارە نامىزىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا

سۇئال

بۇ سوئالنى سوراشقا رۇخسەت قىلىڭلار، بۇنىڭ بىلەن ئەقلىمنى راھەتلەندۈرۈشنى ياخشى كۆرىمەن، ئاللاھ خالىسا بۇنى ئوقۇغانلارمۇ پايدىلىنىپ قالغۇسى، ئىستىخارە نامىزى توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىدۇق، لېكىن بۇ نامازنى بەك ئاز ۋاقىتتا ئوقۇيدىكەنمىز، بەزى ۋاقىتتا ئوقۇيمىز دىلىمىزدا شەك بار، بىز بۇ نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلەلمىدۇق، بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا نېمىنى تەقدىر قىلغان بولسا، شۇ بولىدۇ دېگەن ئوي كۆڭلىمىزگە كېچىدۇ، يېلىنىش-سوراش، دۇئا قىلىش ۋە ھەرىكەت قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟، ئىستىخارە نامىزى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ئىستىخارە نامىزىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى ئۈچ يولغا بېكىتىشكە بولىدۇ:

بىرىنچى يول: پەقەت ئاللاھقا ئېھتىياجلىق بولۇش، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئېسىلماسلىق، ئاللاھقا ھەقىقى رەۋىشتە تەۋەككۇل قىلىش، ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىسلامنىڭ ۋە تەۋھىدنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەنالىرىنىڭ ئومۇمىسىدۇر، ئىستىخارە نامىزىنىڭ بۇنى روياپقا چىقىرىشقا ۋە تۇرغۇزۇشقا ياردىمى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىستىخارە نامىزىنى ئادەت قىلغان كىشى دىلىدا ئىستىخارىنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇشلىتىكى ھېكمىتىنى ھېس قىلىدۇ.

   ئىككىنچى يول: تاللاشتا ئۇتۇق قازىنىش، ئىشىتا نەتىجىگە ئېرىشىش، ھەرىكەتتە ئەپلەشتۈرۈش، ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان كىشىگە ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، سەمىمىيلىك بىلەن ھاجىتىنى سورىغان كىشىگە ئاللاھ سورىغىنىنى بېرىدۇ، چەكلەپ قويمايدۇ.

    ئىمام غەزالى"ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن" ناملىق ئەسىرى 1-توم 206-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: بەزى دانا كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ؛ تۆت نەرسە بېرىلگەن كىشى تۆت نەرسىدىن چەكلەنمەيدۇ: شۈكۈر بېرىلگەن كىشى ئارتۇق بېرىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ، تەۋبە قىلىش پۈرسىتى بېرىلگەن كىشى قوبۇل قىلىنىشتىن چەكلەنمەيدۇ، ئىستىخارە بېرىلگەن كىشى تاللاشتىن چەكلەنمەيدۇ، مەسلىھەت بېرىلگەن كىشى توغرىنى تېپىشتىن چەكلەنمەيدۇ".

    ئەمما «ئىستىخار قىلغان كىشى قولدىن كەتكۈزۈپ قويمايدۇ، مەسلىھەت سالغان كىشى پۇشايمان قىلمايدۇ» دېگەن ھەدىس بولسا، ئەسلى بولمىغان توقۇلما ھەدىستۇر. [شەيخ ئەلبانىينىڭ "زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى" 611- قارالسۇن].

    ئۈچىنچى يول: ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولۇش، تەقسىماتىغا قانائەت قىلىش، ئىشىدا ئاللاھقا ئىستىخار قىلغان كىشى تاللىشىغا پۇشايمان قىلمايدۇ، دىلىدا تاللىشىدا ھاسىل بولغان غەم-قايغۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇداپىئە قىلىدىغان ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك بولىدۇ، بەندىنىڭ دىلىدا ئىستىخارە نامىزى سەۋەبىدىن ئېرىشىدىغان پايدىلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بۇ يولدۇر.

    ئىبنى ئەبى دۇنيا: "ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىن رازى بولۇش" دېگەن ئەسەردە ۋە مۇشۇ ئىسناد بىلەن باشقا كىتاپتا ۋەھەب ئىبنى مۇنەببەھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "داۋۇد ئەلەيھىسسالام: "ئەي پەرۋەردىگارىم! قايسى بەندەڭنى بەك ئۆچ كۆرىسەن؟ دېگەن ئىدى، ئاللاھ تائالا: قىلماقچى بولغان ئىشىدا ماڭا ئىستىخارە سىلىپ، تاللاپ بەرسەم  رازى بولمىغان كىشىنى» دېدى.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ۋابىل  سەيىب" 157-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيتتى: ياراتقۇچىسىغا ئىستىخارە قىلغان كىشى پۇشايمان قىلمايدۇ، كىشىلەرگە مەسلىھەت سالغان كىشى ئىشىدا پۇختا بولىدۇ".

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈم ۋە پايدىلارنىڭ ھەممىسىنى ئەللامە ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئىستىخارە نامىزىنىڭ ئەھمىيىتى" ناملىق ئەسەرنىڭ شەرھىسىدە توپلىغان، شۇنىڭدەك "زادىل مىئاد" 2-توم 442-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئىستىخارە دۇئاسىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنى بىر بېلىش(تەۋھىد)مۇھتاجلىقىنى بىلدۈرۈش، قۇلچىلىق قىلىش، تەۋەككۇل قىلىش، بارلىق ياخشىلىق قولىدا بولغان ۋە شۇنىڭدىنلا كېلىدىغان، بارلىق يامانلىقنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان زاتتىن سوراش، ئۇ زات بەندىسىگە رەھمىتىنى ئاچسا، ھېچ كىم ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ، ئەگەر تۇتۇپ قالسا، ئۇچارلىقتىنمۇ، مۇنەججىملەردىنمۇ، ئىنسانلاردىنمۇ ھېچكىم ئۇنى ئەۋەتىشكە قادىر بولالمايدۇ، ئىستىخارە دۇئاسى بولسا، ئوڭ تەرەپتىن كەلگەن بەخت-تەلەي، ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىنغان، ئىلگىرى ئاللاھدىن ئۇلارغا ياخشىلىق كەلگەن سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ تەلىيى، ھەرگىزمۇ بەختسىزلەر، ئاللاھ تائالاغا باتىل ئىلاھلارنى شېرىك قىلىپ، بۇنىڭ ئاقىۋېتىنى يىقىندا بىلىپ قالىدىغان خار مۇشرىكلارنىڭ بەخت-تەلىيى ئەمەس.

    بۇ دۇئا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىقرار قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلىم، قۇدرەت، ئىرادە قاتارلىق كامالى سۈپەتلىرىنى ئىقرار قىلىش، ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىش، بارلىق ئىشلارنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىش، ئۆز ئەھدىسىنى ئورۇنداش، ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىدىن باشقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان ئىشنىمۇ بىلمەيدىغان، قادىر بولالمايدىغان ۋە تاللىيالمايدىغان ئاجىز قۇل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ياراتقۇچى ۋە ھەقىقى ئىلاھى بولغان ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    سەئىد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالاغا ئىستىخارە سېلىپ، ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولۇش ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىدۇر، ئاللاھ تائالاغا ئىستىخار قىلىشنى تەرك قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئۆچ كۆرۈش ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ بەختسىزلىكىدىندۇر.» [ئىمام ئەھمەد مۇسنەدتە كەلتۈرگەن].

    تەقدىر قىلىنغان ئىشنىڭ ئىككى ئىشنىڭ ئىچىدە قانداق يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلىنىپ بېقىڭ، ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئىستىخارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋەككۇل قىلىش، ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولۇش، بۇ ئىككىسى بەخت-سائادەتنىڭ تېمىسى ۋە ئىش قىلىشتىن ئىلگىرى ئىستىخارىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان تەۋەككۇلنى تەرك قىلىپ، ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئۆچ كۆرىدىغان بەختسىزلىكنىڭ تېمىسىدۇر.

    مۇسنەدتە بايان قىلىنغانغا ئوخشاش: ئىشنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى تەۋەككۇل قىلىش، ئادا بولغاندىن كېيىن بەندە بۇنىڭغا رازى بولۇشقا يۆتكىلىدۇ.

ئىمام نەسائى بۇنىڭغا مەشھۇر بۇ دۇئانى زىيادە قىلدى: «ھۆكۈمدىن كىيىنكى رازىلىقنى تىلەيمەن». مانا بۇ تەقدىرگە رازى بولۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر، بەزى كەسكىنلىك بولىدۇ، قازا ۋە قەدەر يۈزبەرگەندە كەسكىنلىك بۇزۇلىدۇ، قازا ۋە قەدەردىن كېيىن رازىلىق ھاسىل بولسا، بۇ ئالى مەرتىۋە بولىدۇ.

   مەقسەت: ئىستىخارە قىلىش ھەقىەتتە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش، ئىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش، ئۇنىڭ قۇدىرتى، ئىلمى ۋە بەندىسى ئۈچۈن ياخشى تاللاپ بېرىشىدىن ئىبارەت تەقسىماتىغا رازى بولۇش، مانا بۇ ئاللاھ تائالاغا پەرۋەردىگارلىقتا رازى بولۇشنى لازىم تۇتىدىغان ئىشلاردۇر. ئەگەر بۇنداق بولمىغان كىشى ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتىمايدۇ، ئىش پۈتكەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولسا بۇ ئۇ كىشىنىڭ بەخت-سائادەتمەن بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى