پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا دۇئا قىلىشنىڭ مەنىسى توغرىسىدا

105351

تارقاتقان ۋاقىت : 16-02-2019

كۆرگۈچىلەر : 1996

سۇئال

بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاتا-ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ماڭا ئۇلار ئۈچۈن قىلىدىغان بىر ياخشىلىق بارمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەئە بار، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلغىن، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]. ئاتا-ئانا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا (سالات) دۇئا قىلىش قانداق بولىدۇ؟. (سوئال سورىغۇچى ئەرەپ تىلىدىكى (سالات) دېگەن سۆزنى ناماز دەپ چۈشۈنۈپ قالغان). بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ھەدىستىكى سالات دېگەن سۆزدىن ئۇلارنىڭ جەننەتكە كېرىشى ۋە دوزاختىن نىجات تېپىشى ئۈچۈن ئاللاھدىن رەھمەت، مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىش دېمەكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَهُمْ  تەرجىمىسى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. [سۈرە تەۋبە 103-ئايەت].

     مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھدىندۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

[سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى 24-توم 219-بەت: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز.. شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي.. شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.. شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى