پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قىز-خانىملارنىڭ نامازدا ئىككى قەدىمىنى ئورىشى توغرىسىدا

سۇئال

ئايالنىڭ نامازدا ئىككى قەدىمىنى ئورىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىگە دەلىل بارمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بالاغەتكە يەتكەن ھۆر ئاياللارنىڭ نامازدا يۈزى بىلەن ئىككى ئالقىنىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىنى ئورىشى زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر، ئەگەر ناماز ئادا قىلغاندا، پاچاق، قەدەم ، باش قاتارلىق ئورايدىغان ئەزالىرى ئېچىلىپ قالسا ، يەنى ئوچۇق قالسا ناماز توغرا بولمايدىغان ئەزالىرى ئېچىلىپ قالسا نامىزى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ لېچەكسىز ئادا قىلغان نامىزىنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەن.  [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە نىسائىدىن باشقا ھەدىس ئىماملىرى توغرا ئىسناد بىلەن بايان قىلغان].

    ئەبۇ داۋۇد ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇ زات پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ زات پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئايال كىشى ئىشتان كەيمەي ئۇزۇن كۆينەك ۋە لىچەك بىلەن ناماز ئادا قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: « ئايال ئەۋرەتتۇر» دېگەن.

    يات كىشىلەر بولمىغان جايدا ئايالنىڭ نامازدا يۈزىنى ئېچىۋېتىشى سۈننەت، ئەمما ئىككى قەدىمىنى ئوراشنى كۆپچىلىك ئالىملار زۆرۈر دەيدۇ، لېكىن بەزى ئالىملار ئىككى قەدىمى ئوچۇق بولسىمۇ بولىدۇ دەيدۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئالىملار ئىككى قەدەمنىڭ ئېچىلىپ قىلىشىدىن كەسكىن چەكلەيدۇ. يۇقىرىدا  ئەبۇ داۋۇد ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قەدىمىنى ئوراشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ، ئۇ زات پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئايال كىشى ئۇزۇن كۆينەك بىلەن لېچەك ئارتىپ ناماز ئادا قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كۆينىكى ئىككى قەدىمىنى ئورايدىغان بولسا بولىدۇ» دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ھالەتتە ئىككى قەدىمىنى يېپىش ۋە ئوراش ياخشىدۇر، ئەمما ئىككى ئالقان ئوچۇق بولسا بولىدۇ، ئەگەر ئورىۋەتسە بۇمۇ بولىدۇ، بەزى ئالىملار ئىككى ئالقاننى ئوچۇق قويغاندىن ئوراشنى ياخشى دەپ قارايدۇ.

    ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: شەيخ ئىبنى بازنىڭ مۇسلىمە ئاياللار پەتىۋاسى ناملىق ئەسىرى 57 –بەت.