شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

جازانە بانكىسىدا خىزمەت قىلىدىغان كىشىنىڭ قىزغا توي تەكلىپى قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

ماڭا ناماز ئادا قىلىدىغان، ئەخلاقلىق، ھەممە ياخشى سۈپەتلەر تېپىلىدىغان بىر كىشى توي تەكلىپى قويدى، لېكىن ئۇ كىشى جازانە بانكىسىدا بوغالتىرلىق بۆلۈمنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى قىلىدىكەن، مەن ئىستىخار قىلىدىم، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشتا سىلەرنىڭ جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن، چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ماڭا ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىمغا ھارام بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئەگەر بۇ تېمىغا ئالاقىدار ئوچۇقراق بىر چۈشەنچە بولسا ماڭا بىلدۈرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   جازانە بانكىسىدا قايسى بۆلۈمدە بولسۇن ئىشلەش مۇتلەق توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ ھەممىسىدە خاتالىققا ۋە ئاسىيلىققا ياردەم بېرىش بولىدۇ. جازانە ئىشلىرىنى يېزىش ۋە ھېسابلاش ئىشلىرىنىڭ جىنايىتى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جازانە ئالغان، بەرگەن، يازغان ۋە گۇۋاھ بولغانلارنىڭ ھەممىسىگە لەنەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى جىنايەتتە ئوخشاش دېگەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1598-ھەدىس]. 

    بۇ توغرىدا 21113 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   مۇشۇ خىزمەت سەۋەبىدىن كەلگەن مال ھارامدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە بۇ تەكلىپنى رەت قىلىشقا نەسىھەت قىلىمىز، چۈنكى سىزنىڭ ئۇ كىشىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېيىنكى يېمەك، ئېچمەك،كىيىم-كېچەك ۋە بارلىق نەپىقىلىرىڭىز ھارامدىن بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەي ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىمۇ پەيغەمبەرلەرنى بۇيرىغان نەرسىلەرگە بۇيرىدى».

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەي پەيغەمبەر-ئەلچىلەر! پاك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىڭلار، مەنپەئەتلىك بولغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، بىز سىلەرگە بەرگەن پاك نەرسىلەرنى يەڭلار»،

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان پاك نەرسىلەردىن يەڭلار».

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇزۇن سەپەرگە چىققان، چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-بېشى توپا-چاڭ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ: ئەي رەببىم! ئەي رەببىم! دەپ دۇئا قىلغان بىر كىشىنى زىكىر قىلىپ: ئۇ كىشىنىڭ يېمەكلىكى، ئېچىملىكى، كىيىم-كېچەكلىرى ھارامدىن كەلگەن تۇرسا، ھارامدىن غىزالانغان تۇرسا، ئۇنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنىدۇ» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى1015-ھەدىس].

    ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھالال يېيىش، ئېچىش، كېيىش ۋە ھالالدىن غىزالىنىش بولسا دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنى لازىم تۇتىدىغان سەۋەپلەردىندۇر".

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھارامدىن غىزالانغان بەدەن دوزاخقا بەك لايىق». تەبەرانىي رىۋايىتى. ئەبۇ نۇئەيىم ئەبۇ بەكىردىن رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "جامىئۇس سەھىھى"تە 4519-ھەدىستە كەلتۈرگەن.

   ئاللاھ تائالادىن  سىزگە ياخشى  سالىھ ئەر  ۋە ھالال بەرىكەتلىك رىزىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى