ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئوپېراتسىيە جەريانىدا كېسەل ۋاپات بولۇپ كەتسە، دوختۇرغا قانداق مەسئۇلىيەت كىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

05-06-2023

سۇئال 97818

كېسەلنى ئوپېراتسىيە قىلىۋاتقان دوختۇرلارغا نىسبەتەن، ئۇلار ئوپېراتسىيە قىلىۋاتقاندا كېسەل ئوپېراتسىيە سەۋەبىدىن ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۇلارغا بىرەر خاتالىق كېلەمدۇ ياكى كاپارەت لازىم بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئەگەر ئۇلاردىن سەلقاراش كۆرۈلۈپ شۇ سەۋەپتىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا ياكى دوختۇر ئوپېراتسىيىنى ياخشى قىلالماسلىق سەۋەبىدىن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ دوختۇرغا مەسئۇلىيەت كېلىدۇ، يەنى كاپارەت كېلىدۇ. ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە دىيەت ئۆتەيدۇ، ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئاتا تەرەپ ئەر تۇغقانلىرىغا بېرىدۇ، چۈنكى بۇ خاتا ئۆلتۈرۈپ قويغانلىق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئەمما ئوپېراتسىيە مۇتەخەسسىسى كېسەلنىڭ ھالىتىنى ئوپىراتسىيەگە يارايدۇ، سەل قاراش يۈز بەرمىدى دەپ يەكۈن چىقارسا، بۇنداق ھالەتتە كېسەل ۋاپات بولۇپ كەتسە ئۇلارغا ھېچ خاتالىق كەلمەيدۇ، تۆلەم ۋە كاپارەتمۇ كېرەك بولمايدۇ". ["شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما" 3-توم 280-بەت].

جىنايەتلەر ئاغرىق ۋە داۋالاش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش