ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىگە قىلىپ قويۇش سودىسى توغرىسىدا

24-09-2022

سۇئال 95464

    ئىگە قىلىپ قويۇش سودىسى دېگەن قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ئىگە قىلىپ قويۇش سودىسى دېگەن ئامانەت سودىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ:  بىر كىشى ئۆزى مەلۇم باھادا سېتىۋالغان نەرسىنى  يەنە بىر كىشىگە ئۆزى ئالغان شۇ باھادا  سېتىپ بېرىشىدۇر.

    ئەگەر: مەن سىزنى بۇ نەرسىگە ئىگە قىلدىم ياكى ئۇ نەرسىنى سىزگە قىلىش بىلەن ساتتىم دېگەن بولسا، ئۇنى ئۆزى سېتىۋالغان باھادىن ئارتۇق سېتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىگە قىلىش دېگەن سۆز، مال ئىككىنچى بىر كىشىگە ئۆزى سېتىۋالغان باھادا بېرىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەل مۇغنى"8-توم 341-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىگە قىلىش سودىسى دېگەن:  مالنى ئۆزى ئالغان باھادىن ئاشۇرماي ۋە كېمەيتمەي سېتىشتىن ئىبارەتتۇر".

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىگە قىلىش دېگەن: مالنى سېتىۋالغۇچى ئۇ مالنى باشقىلارغا ئۆزى سېتىۋالغان باھادا بېرىشتۇر". [پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 28-توم 97-بەت].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

سودا ،ئىلىم-بىرىملار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش