ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئېھرامغا كىرىپ بولۇپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شەرت قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

18-06-2022

سۇئال 37055

   مەن ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا: "مەن قەيەردە توسۇلۇپ قالسام، شۇ يەر مېنىڭ ئېھرامدىن چېقىدىغان ئورنۇم "دەپ شەرت قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇنى مەككىگە كىرگەندە ئېسىمگە ئالدىم، ۋە بۇ سۆزنى دېدىم، مۇشۇنداق شەرت قىلىشىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   بۇنداق شەرت قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى شەرت دېگەن ئېھرامغا كېرىشنى مەقسەت قىلىش بىلەن بىرگە بولىدۇ، ئېھرامغا كېرىپ بولغاندىن كېيىن بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئېھرامغا كېرىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شەرت قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ: "ئۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، ھەقىقەتەن شەرت قىلىش دېگەن ئېھرامغا كېرىشنى دىلى بىلەن نىيەت قىلغاندا بولىدۇ دېگەن".  ["شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى"17-توم 73-بەت].

ھەج-ئۆمرەنىڭ سۈپەتلىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش