ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا، تېلېپۇن ئارقىلىق خۇتبىنىڭ تەرجىمىسىنى ئاڭلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

20-07-2020

سۇئال 233591

   ئەرەب تېلىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا، خۇتبىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان تىلىپۇن پىرۇگرامىسى ياكى تىلۋېزۇر ئىكرانى ئارقىلىق خۇتبىنىڭ تەرجىمىسىنى ئاڭلىسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مەن بۇ سوئالنى ھۆرمەتلىك ئۇستاز شەيخ ئابدۇراھمان بەرراكتىن سورىغان ئىدىم، شەيخ مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق، بۇ خۇتبە ئارىسىدا چەكلەنگەن بىكار ئىشلاردىن ۋە قۇرۇق تېلېپۇن ئويناش دەپ ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى خۇتبىنى چۈشىنىشكە ئېھتىياجلىق".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

جۈمە نامىزى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش