ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇسىبەتكە دۇچار بولغاندا ئوقۇلىدىغان پاناھلىق تىلەش دۇئالىرى توغرىسىدا

14-07-2024

سۇئال 21614

ئۇرۇش، كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمالار دىيارىغا ھۇجۇم قىلغىنىغا ئوخشاش قىيىنچىلىق، پىتنە، سىناقلارغا دۈچ كەلگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا-زىكىرلەر بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ:

قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە پىتنىدىن ساقلىنىشتا ئوقۇلىدىغان دۇئالار: «ئى ئاللاھ! بىز سىلىنى ئۇلارنىڭ كىكىرتىكىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن سىلىگە سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمىز». «ناھايىتى مېھرىبان ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر، بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر. ئاسمانلارنىڭ، زېمىنلەرنىڭ ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر». ئەڭ ئېسىل ھەلىم بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر. ئەڭ بۈيۈك، كاتتا ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر، يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئېسىل ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر». «ئى ئاللاھ! سىلە مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم، سىلە ماڭا ياردەم بەرگۈچى، سىلىنىڭ ياردەملىرى بىلەن ئىشلاردا تېرىشچانلىق قىلىمەن». «ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بولغان قۇرئان كەرىم بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، بەندىلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، ھازىر بولغان شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن». «ئى ئاللاھ! سىلىنىڭ رەھمەتلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن، مېنى كۆز يۈمۈپ ئاچقىچىلىك بولغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىسىلا، مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى ئىسلاھ قىلغايلا، سىلىدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر». «ئى دائىم ھايات بولغان ۋە بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ئاللاھ! سېنىڭ رەھمىتىڭ بىلەن سەندىن ياردەم تىلەيمەن». «ئى رەببىم ئاللاھ! سىلىگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن».

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   -پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پىتنىدىن پاناھلىق تىلىگەنلىكى.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتنىدىن بەك پاناھلىق تىلەيتتى، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا سېغىنىپ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پىتنىلەردىن پاناھلىق تىلەڭلار». [مۇسلىم رىۋايىتى2867-ھەدىس].

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: [كېچىدە رەببىم ئەڭ گۈزەل شەكىلدە كەلدى-ھەدىسنى بايان قىلىپ ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى بايان قىلدى-ئى مۇھەممەد! ناماز ئادا قىلغان ۋاقتىڭدا مۇنداق دېگىن: ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن ياخشى ئىش قىلىشنى، يامان ئىشنى تەرك قىلىشنى، مىسكىنلەرنى ياخشى كۆرۈشنى سورايمەن، مېنى مەغپىرەت قىلسىلا، ماڭا رەھمەت قىلسىلا، مېنىڭ تەۋبەمنى قوبۇل قىلسىلا، بەندىلىرىگە پىتنە-سىناقنى ئىرادە قىلغانلىرىدا مېنى پىتنىگە تاشلىماستىن قەبزە روھ قىلسىلا دېگىن». [تىرمىزى رىۋايىتى 3233-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى "تەرغىب ۋە تەرھىيب"ناملىق ئەسەردە 408-ھەدىستە  كەلتۈرۈپ باشقا ھەدىس بىلەن سەھىھ بولغان دېگەن]. 

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۈرلۈك پىتنىلەردىن ئاللاھقا سىلىنىپ پاناھلىق تىلەيتتى، چۈنكى ئاللاھنىڭ سىناق-پىتنىلىرى كەلگەندە يالغۇز زالىمغىلا كەلمەيدۇ، بەلكى ھەممىگە ئوخشاش ئومۇم بولىدۇ.

   پىتنە، قىيىنچىلىقتا ئوقۇيدىغان دۇئالار:

    بىزنىڭ پىتنە-سىناق، قىيىنچىلىقلارغا ئالاقىدار زىكىرلەر بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى تونۇتۇش، دۇئالارنى بىلىش، كىشىلەرگە تارقىتىش، ئۇنىڭدىن ئاسان بولغانلىرىنى ياد قىلىش، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياد قىلغان دۇئالارنىڭ مەنىلىرىنى بىلىش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى بۇ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا دېيىلىدىغان ئەڭ كاتتا دۇئالار:

  1-ئەبى بۇردە ئىبنى ئابدۇللاھدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇنىڭغا ئاتىسى ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىرەر قوۋمدىن ئەنسىرىگەندە مۇنداق دەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان: «ئى ئاللاھ! بىز سىلىنى ئۇلارنىڭ كىكىرتىكىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن سىلىگە سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمىز». ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1537-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر"توپلىمىدا 1360-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   2- ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ناھايىتى مېھرىبان ھەلىم بولغا ن، ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر، بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاسمانلارنىڭ، زېمىنلەرنىڭ ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر». [بۇخارى رىۋايىتى6345-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2730-ھەدىس].

  3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ئېسىل ھەلىم بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئەڭ بۈيۈك، كاتتا ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر، يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئېسىل ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ بىر ھەق مەبۇد يوقتۇر». سەھىھ جامى سەغىر 4571-ھەدىس].

   4- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غازاتقا چىققاندا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! سىلە مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم، سىلە ماڭا ياردەم بەرگۈچى، سىلىنىڭ ياردەملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن». [تىرمىزى رىۋايىتى 3584-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2836-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرەرسى يەتسە ئاندىن ئاللاھقا سېغىنىپ ئوقۇسا قىيىنچىلىقنىڭ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدىغان دۇئادىن بىرنى تەلىم بېرەيمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىدۇر: ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك بولغان ۋە سىلىدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد بولمىغان ئاللاھ! مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم».

    يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان بۇ دۇئانى ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ». [سەھىھ جامى سەغىر 2065-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا بىئارام بولغاندا مۇنۇ سۆزلەرنى ئېيتىشنى تەلىم بېرەتتى: «ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بولغان قۇرئان كەرىم بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، بەندىلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، ھازىر بولغان شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3893-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر" توپلىمىدا 3294-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! سىلىنىڭ رەھمەتلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن، مېنى كۆز يۈمۈپ ئاچقىچىلىك بولغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىسىلا، مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى ئىسلاھ قىلغايلا، سىلىدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر». [ئەبۇ داۋۇد 5090-ھەدىس]. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ  ھەدىسلەر"توپلىمىدا 4246-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   8-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرەر قىيىن ئىشقا يولۇققاندا مۇنداق دەيتتى: «ئى دائىمى ھاياتلىق ئىگىسى بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى ئاللاھ! سېنىڭ رەھمىتىڭ بىلەن سەندىن ياردەم تىلەيمەن». يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئېغىر غەم-قايغۇ، قىيىنچىلىق يەتكەندە» دەپ كەلگەن. [سەھىھ جامى سەغىر 4791-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «دىققەت قىلىڭ! سىزگە بىر قانچە سۆزلەرنى تەلىم بىرەي، سىز ئېغىر قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغان ئۇ سۆزلەرنى ئېيتىڭ دەپ مۇنداق دېگەن: «ئى رەببىم ئاللاھ! سىلىگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1525-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر"توپلىمىدا(1349) كەلتۈرگەن.                                                                                                                 

    سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلگەن يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەر قانداق بىر كىشىگە ھەم-قايغۇ، قاتتىقچىلىق، كېسەللىك، ياكى جاپا-مۇشەققەت يەتكەندە: ئى رەببىم ئاللاھ! سىلىگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن دېسە، ئۇ كىشىنىڭ قىيىنچىلىقى ئېچىلىدۇ» دەپ بايان قىلىنغان.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھەدىسلەر بولۇپ پىتنە-قورقۇنچ ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ، كۆڭلىگە تىنچلىق، بەدىنىگە سالامەتلىك ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغانلىقىغا كۇپايە قىلىش بىلەن سەھىھ بولمىغان باشقا بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەردىن بىھاجەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش