ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

بالياتقۇنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن سۈرەت نەيچىسى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئايالغا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟

15-04-2023

سۇئال 21611

مەن بىر قانچە ئايدىن بىرى ھامىلدار بولۇش ئۈچۈن داۋالىنىۋاتاتتىم، ئايلىق ئادەتنى كۈزىتىش، ئىزچىل سۈرەت قىلىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ يېنىغا بارىمەن، سۈرەت تارتىش جەريانىدا سېسترا يېقىندىن سۈرەت ئېلىش ئۈچۈن ئەۋرىتىمگە سۈرەت نەيچىسى كىرگۈزىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئەۋرىتىمگە دورىمۇ كىرگۈزىدۇ، ئەۋرەتنى سۈرەتكە ئىلىش ئۈچۈن سۈرەت نەيچىسى كىرگۈزگەندىن كېيىن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن:  ئايال ياكى سېسترا ئەۋرەتكە ئۈسكىنە ياكى دورا كىرگۈزسە، بۇنىڭ بىلەن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟ روزا بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:  يۇقىرىدا سورالغان ئىش يۈز بەرسە، جۇنابەت غۇسلىسىنى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ ۋە روزىسىمۇ بۇزۇلمايدۇ"

غۇسلى قىلىش-يۇيۇنۇش روزىنى بۇزىۋېتىدىغان ئامىللار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش