ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

تىرناققا لاك سۈرۈكلۈك ھالەتتە ناماز ئادا قىلسا قانداق بولىدۇ؟

19-07-2022

سۇئال 20728

    ئاياللار تىرناقلىرىغا تۈرلۈك لاك-رەڭلەرنى بوياپ شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇسا ئىسلام دىنى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.    

    ئايالنىڭ گۈزەللىك ئۈچۈن تىرناقلىرىغا زەرەر بولمايدىغان لاك ۋە بوياقلارنى ئىشلىتىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئادا قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن بۇ رەڭ ياكى لاكنىڭ تىرناققا سۈ يېتىشنى چەكلەپ قويىدىغان ماددىسى بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ماددىنى چېقىرۋەتمىگۈچە تاھارەتمۇ غۇسلىمۇ توغرا بولمايدۇ، تاھارەت توغرا بولمىغاندىن كېيىن نامازمۇ توغرا بولمايدۇ.

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 5-توم 218-بەتتە مۇنداق كەلگەن:" ئاياللارنىڭ تىرناقلىرىغا سۈركىگەن لاك-بوياقلارنىڭ ۋەزنى بولۇپ، تىرناققا سۇ يېتىشنى چەكلەيدىغان بولسا، تاھارەت ئىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى چېقىرۋەتمىسە تاھارەت دۇرۇس بولمايدۇ، ئەمما خىنە دېگەندەك ۋەزنى يوق بوياق-رەڭلەر بولسا ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت دۇرۇس بولىدۇ".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تاھارەت ياسىنىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش